ئامەنتۇ: ئەھلى سۈننە ۋەل جامائەنىڭ ئەقىدىسى بويىچە، مۇئمىنلەرنىڭ ئىمان ئاساسى مەزكۇر ”ئامەنتۇ“نى ئېيتىشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە ”آمن“(ئامەنە) دېگەن پېئىلنىڭ بىرىنچى شەخس شەكلىدە كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچىدا ”ئىمان ئېيتتىم“ دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. مەزكۇر سۆز قۇرئاندا بەندىنىڭ ئىمانى توغرىسىدا زىكرى قىلىنغاندا 3 قېتىم تىلغا ئېلىنغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”شۇنىڭ ئۈچۈن(ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار(يەنى مۇشرىكلار)نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: ’ئاللاھ نازىل قىلغان(بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە(ئورۇن) يوق(چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ئاللاھ(قىيامەت كۈنى) بىزنى(ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر‘ “{سۈرە«شۇرا»(42-سۈرە)، 15-ئايەت}. مۇسۇلمانلار ”ئامەنتۇ“نى چىن ئىخلاسى بىلەن ئېيتىش ئارقىلىق ئىمان ئېيتىشتا زۆرۈر بولغان ئىمان ئاساسلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ. ”ئامەنتۇ“ دېگەنلىك: ”ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلەرگە، قىيامەت كۈنىگە، قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ۋە مىزان، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەممىسىنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن كېلىدىغانلىقىغا، ئۆلۈمدىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتتىم. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە شاھادەت ئېيتتىم“ دېگەنلىكتىن ئىبارەت. مانا بۇلار ئىماننىڭ ئاساسلىرى بولۇپ، قۇرئاننىڭ كۆپ سۈرە-ئايەتلىرىدە مەزكۇر ئىمان ئاساسلىرى زىكرى قىلىنغان(سۈرە«بەقەرە»نىڭ 177-، 285-ئايەتلىرى، سۈرە«نىسا»نىڭ 136-ئايىتىگە قاراڭ). ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىغان ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھسان توغرىسىدىكى ھەدىستىمۇ ئىمان ئاساسلىرى تىلغا ئېلىنغان. (ئادىل ھاجى كېرىم تەييارلىغان)