ئادىل ھاجى كېرىم
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
”تەقۋا“ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، خاس مەنىسىدە ”گېپى ئاز“ دېگەن مەنىنى، كەڭ دائىرىدە ”ئۆزىنى پاك ساقلاش، ھەزەر ئەيلەش، زىيانلىق ۋە مەكروھ-قاباھەتلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش“ دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شەرىئەتتىكى ئىستېمال مەنىسىدە ”ئاللاھقا تائەت-ئىبادەتتە بولۇش، ئاللاھنىڭ ئەمرى-پەرمانىغا بويسۇنۇش، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ۋە ھېسابىدىن قورقۇش“ دېگەنلىكتىن ئىبارەت.
تەقۋا سۆزى قۇرئان كەرىمدە جەمئىي 258 قېتىم زىكىر قىلىنغان بولۇپ، جانابى ئاللاھ 70 ئايەتنى بەندىلەرگە ئەمرى-پەرمان شەكلىدە نازىل قىلغان. خۇددى قۇرئان كەرىمدە دېيىلگەندەك: ”ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 119-ئايەت}.
قۇرئان كەرىم يەنە مۇتتەقىيلەر(يەنى تەقۋادارلار)نىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۇلار(تەقۋادارلار) غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال-مۈلۈكتىن(خۇدا يولىغا) سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى(پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 3-4-ئايەت}.
تەقۋادار مۇسۇلمان ھەمىشە ھۇزۇر قەلب بىلەن ئاللاھنىڭ ئەزەمىتى ۋە پەزلى-كەرىمىگە كۆپ ھەمدىلەرنى ئېيتىدۇ، ئۆزلىرىنى گۇناھى كەبىرەلەردىن يىراق تۇتۇپلا قالماي ھەتتا گۇناھى سەغىرەلەردىنمۇ پاك بولۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
تەقۋادارلىق يەنە ئىسلامىي پەزىلەت، ئىجابىي ئەمەللەر ۋە تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆز مەنىسىنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تەقۋادارلىق ئۈستىدە ئومۇملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ، بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا(يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش-ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە(يەنى پۇل-مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەلىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار(يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىماندا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 177-ئايەت}.
تەقۋادارلىق ئىسلامدا زور مەرتىۋىگە ئىگە بولغاچقا، جانابى ئاللاھنىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىغا قىلغان تۇنجى نەسىھىتى تەقۋادار بولۇش ئۈستىدە بولغان: ”ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 26-ئايەت}.
جانابى ئاللاھ يەنە مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىلگىرى ساماۋى كىتاب بېرىلگەن ئۈممەتلەرگە تەقۋادارلىقنى ئەمر قىلغان: ”سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 131-ئايەت}؛ ”راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا(ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش، (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر، ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر“{سۈرە«يۇنۇس»(10-سۈرە)، 62-، 63-ئايەتلەر}.
قۇرئان كەرىمدە بەندىلەر ئىچىدىكى ئەڭ تەقۋادار بولغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغانلار دېگەن ئېتىبار بىلەن يۈكسەلدۈرۈلگەن: ”ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر(يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)“{سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 13-ئايەت}.
جەننەت تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن: ”ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى(ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ) ياخشىدۇر، تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستلا نېمىدېگەن گۈزەل!“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 30-ئايەت}؛ ”بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ“{سۈرە«مەريەم»(19-سۈرە)، 63-ئايەت}.
قۇرئان كەرىمدە تەقۋادارلىق يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىپ كەلگەن:
1. خۇسۇمەتچىلەرگە ئادىل بولۇش جەھەتتە:
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ(ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار(ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ(يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
— سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 8-ئايەت
2. كىشىلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە:
ئى مۇئمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھدىن(نەھيى قىلغان ئىشلارنى تەرك ئېتىپ) قورقۇڭلار.
— سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 130-ئايەت
3. ھالال بىلەن ھارام مەسىلىسىدە:
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى(ئى تىڭشىغۇچى) سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس.ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھدىن قورقۇڭلار.
— سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 100-ئايەت
ئاللاھقا تەقۋادار بولغان مۇئمىن مۇسۇلمان ناھايىتى كۆپ مۇكاپاتلارغا ۋە ساۋابلارغا مۇشەررەپ بولالايدۇ، مەسىلەن:
1. ئاللاھ بىلەن بىللە بولۇش شاراپىتىگە مۇشەررەپ بولالايدۇ:
ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
— سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 128-ئايەت
2. ئاللاھ دوست تۇتقان بەندىلەر قاتارىدىن بولالايدۇ:
ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار(ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.
— سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 76-ئايەت
3. ئاللاھنىڭ ياردىمىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ:
مۇسا ئۆز قەۋمىگە: ’ئاللاھدىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ‘ دېدى.
— سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 128-ئايەت
4. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋە ھىدايىتىگە ئېرىشەلەيدۇ:
ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر(ئاخىرەتتە پىلسىراتتا) ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
— سۈرە«ھەدىد»(57-سۈرە)، 28-ئايەت
ئومۇمەن، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە تەقۋادارلىق ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى مەرتىۋىسى ئۈستىدە نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر زىكىر قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەت ۋە دۇنياۋى مۇئامىلىلەردە ھەرۋاقىت تەقۋادارلىقنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشلىرىنى چاقىرىق قىلىدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 102-ئايەت}.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەممۇ: ”سەن نەدىلا بولمىغىن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن“ دېگەن(دارەمىي رىۋايەت قىلغان).
ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)