ئىمان ۋە ئىسلام توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار

 

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ”ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى)دۇر“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 19-ئايەت}.

ئىسلام دىنى ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئاپەت ۋە خۇراپاتلىقلاردىن ئازاد قىلىپ، ئىنسانلارنى توغرا يول ۋە تەرەققىياتقا چاقىرىدىغان بۈيۈك بىر دىندۇر. بۇ دىندا يۇقىرىسى دۆلەتتىن تارتىپ تاكى ئائىلىگىچە بولغان ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي ھايات ئۈچۈن مۇئەييەن قانۇن-تۈزۈم ۋە پرىنسىپلار ئاللاھ تەرىپىدىن مۇكەممەل بېكىتىلگەن.

ئىنسان ھاياتى ئىمان ۋە كۈرەش دېمەكتۇر. يەر يۈزىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى ئىنسان، ئىنساندىكى ئەڭ شەرەپلىك نەرسە ئۇنىڭ قەلبى، قەلبتىكى ئەڭ ئۇلۇغ، شەرەپلىك نەرسە ئىماندۇر. ئىماندىن بېزەلگەن قەلب گۈلىستانغا، ئىماندىن خالىي قەلب خارابىلىققا ئوخشايدۇ. ئىماننىڭ ئىپتىداسى ئاللاھنى تونۇش، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھقا بولغان ئىماننى ۋە ئۇنىڭ ۋاجىباتلىرىنى تولۇقلىماقچى بولغان ھەرقانداق كىشى «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن سابىت بولۇپ، ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن بىھاجەت بولالمايدۇ، چۈنكى ئىمان كامىل ۋە ئېتىقاد توغرا بولماستىن قىلىنغان ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى بىكاردۇر. ئېتىقادى توغرا بولمىغان كىشىنىڭ ئاللاھقا قىلغان ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتىمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل ئەمەستۇر، چۈنكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۆزىگە لايىق سىستېمىسى بولىدۇ، ئىخلاس ۋە ئەمەل ئىبادەتنىڭ سىستېمىسى، توغرا ئېتىقادتىن ئىبارەتتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئېتىقادى توغرا بولمىغان كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتى ۋە ياخشى ئەمەللىرى مەقبۇل بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇننى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئېتىقادى توغرا بولمايدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن بىھاجەت“.

شۇڭا ئاللاھقا لايىقىدا شۈكۈر ئېيتىش، ئاللاھقا ئاللاھنىڭ ئۆز كۆرسەتمىسى بويىچە بەندىچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن توغرا ئېتىقادلارنى ۋە يوليورۇقلارنى ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئالاھىدە بۇرچىدۇر.

1. سوئال: ئىمان دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئىمان-دىلدا ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش، تىل بىلەن ئۇنىڭغا ئىقرار قىلىش ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق ئۇنى ئىسپاتلاش دېمەكتۇر.

2. سوئال: ئىماننىڭ ئاساسلىرى قانچە؟ ئۇلار قايسىلار؟

جاۋاب: ئىماننىڭ ئاساسلىرى ئالتە بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1) ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش؛ 2) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش؛ 3) ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش؛ 4) ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش؛ 5) قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش؛ 6) ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش.

يۇقىرىدىكى ئالتە ئىمانغا چىن دىلىدىن ئىشىنىپ ئەمەل قىلغان كىشى مۆمىن دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا(يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا(يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 136-ئايەت}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئىمان— ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، پەيغەمبەرلىرىگە، كىتابلىرىغا، قىيامەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق-يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قوبۇل قىلىشىتىن ئىبارەت“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3. سوئال: ئىسلام دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئىسلام-ئاللاھقا ئۆزىنى تاپشۇرۇش، يەنى، تائەت-ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بويسۇنۇش دېمەكتۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن دىن ئىسلام دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا(ئاخىرەتتە) ھېچ قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ.

4. سوئال: ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى قانچە؟ ئۇلار قايسىلار؟

جاۋاب: ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى بەش بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1) ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەبۇدنىڭ يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بەرھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە چىن دىلىدىن ئىشىنىپ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىش؛

2) ھەر كۈنى بەش ۋاق نامازنى ئىسلامدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئادا قىلىش؛

3) يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇش؛

4) پۇل-مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە يىلدا بىر قېتىم پۇل-مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىش؛

5) ئىقتىسادى يېتەرلىك بولۇپ قۇدرىتى يەتسە، ئۆمرىدە بىر قېتىم بەيتۇللاھقا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىش.

يۇقىرىدىكى بەش چوڭ ئاساسقا ئەمەل قىلغان كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئىسلام — ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەبۇدنىڭ يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش ۋە قۇدرىتى يەتسە بەيتۇللاھنى ھەج قىلىشتىن ئىبارەت“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

5.سوئال: ئىسلامنىڭ ئىمان ۋە ئەمەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نېمە؟

جاۋاب: ئىسلامنىڭ ئىمان ۋە ئەمەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان،بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان زىچ باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتتۇر. ئىسلام دېمەك ئىمان ۋە ئەمەل دېمەكتۇر. چۈنكى، ئىمان ئېتىقادقا، ئەمەل شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»دە ئىمان ھەمىشە ياخشى ئەمەللەر بىلەن بىرگە بايان قىلىنغان. ئاللاھ ئىسلامنىڭ ئىمان ۋە ئەمەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ“{سۈرە«مەريەم»(19-سۈرە)، 96-ئايەت}

بۇ ئايەتتە دېيىلگەن ”دىللاردا مۇھەببەتنىڭ پەيدا بولۇشى“ ئىسلامنىڭ ئالامىتىدۇر.

ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشنىڭ پەقەت ئىسلامنىڭ، يەنى ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 106-ئايەت}.

6. سوئال: كىشىلەر ئىسلام دىنىغا قانداق كىرىدۇ؟

جاۋاب: ھەرقانداق كىشى ئىسلام دىنىغا ”لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ“ دېگەن كەلىمە تەييىبەنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئىقرار قىلىش بىلەن كىرىدۇ.

7. سوئال: بۇ كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسى نېمىدۇر؟

جاۋاب: بۇ كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسى: ”ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى“ دېگەنلىكتۇر. بۇ كەلىمە ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىخچام كەلىمە بولغاچقا، كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىرىشتە ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ كەلىمە شەرت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلىمە تەييىبە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ› دەيدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە جېنى قوغدىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىمان ئېيتقانلىقى ياكى يالغانچىلىق قىلغانلىقىنىڭ ھېسابى ئاللاھقىدۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

8. سوئال: قانداق كىشى ھەقىقىي مۆمىن ۋە مۇسۇلمان بولالايدۇ؟

جاۋاب: يۇقىرىقى ئالتە ئىمانغا، ئۇنىڭدىن باشقا «قۇرئان كەرىم»دە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان غەيىبلەرگە ئىشىنىپ ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىسلام دىنىدا سابىت(مۇقىم، مۇستەھكەم) بولغان شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئىتائەت قىلغان كىشى ھەقىقىي مۆمىن ۋە مۇسۇلمان بولالايدۇ.

9. سوئال: ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە زورلامدۇ؟

جاۋاب: ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا زورلۇق كۈچ ئاستىدا مەجبۇرىي ئېتىقاد قىلىشىنى رەت قىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشىدىكى بىردىنبىر ئۇسۇلى: ئاۋۋال ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى كىشىلەرگە تولۇق بايان قىلىش ۋە «قۇرئان كەرىم»نى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ئوقۇپ بېرىش، ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرنى خالىسا ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ياكى ئىسلامنى تەرك ئېتىش ئىختىيارى بىلەن ئۆز ھاللىرىغا قويۇۋېتىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىسلام دىنغا دەۋەت قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ”قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە-دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ-بۆلۈپ نازىل قىلدۇق. ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق.”قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار(مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار ئۇنىڭغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار ئۇنىڭغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ) بۇ سىلەرنىڭ ئىختىيارىڭلار“، دېگىن“{سۈرە «بەنى ئىسرائىل»(17-سۈرە)، 106-107-ئايەتلەر}.

مۇسۇلمانلار كۇففارلاردىن غالىب كەلگەن چاغلاردىمۇ كۇففارلارنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە زورلاشنى «قۇرئان كەرىم» تەلىماتى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى(يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا(يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن(ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى(جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 6-ئايەت}.

10. سوئال: ئىمان زىيادە ۋە كەم بولامدۇ؟

جاۋاب: ئىمان زىيادە ۋە كەم بولىدۇ. ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئىمان زىيادىلىشىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇش ۋە گۇناھ-يامان ئىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئىمان ناقىسلىشىدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا(كامىل) مۆمىنلەردۇر“{سۈرە«ئەنفال»(8-سۈرە)، 2-ئايەت}.

دېمەك، ئىمان ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن كۈچىيىدۇ، ئاللاھتىن غاپىل قېلىش بىلەن ئاجىزلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىماننىڭ زىيادىلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ”مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى”{سۈرە«فەتىھ»(48-سۈرە)، 4-ئايەت}.

11. سوئال: ئىماننى كۈچلەندۈرىدىغان ۋە ئۇنى زىيادە قىلىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

جاۋاب: بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1) ئىلىم. ئىلىم ئاللاھ تائالانى تونۇشقا ۋاسىتە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانى تونۇش ئېتىقادنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئېتىقادنىڭ كۈچىيىشى ئىماننىڭ كۈچىيىشى ۋە كامىللىشىشى دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا ئىلىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ”ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ“{سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 9-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ“{سۈرە«فاتىر»(35-سۈرە)، 28-ئايەت}.

2) ئەمەل. ياخشى ئەمەللەر بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان يېقىنلىقىنى زىچ باغلاپ تۇرىدىغان بىر ۋاسىتە بولۇپ، ئىنسان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئىماننىڭ كامىللاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

3) پىكىر قىلىش. ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى قۇدرەتلىرى ھەم مۆجىزىلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىش ئاللاھ تائالانى تېخىمۇ ئوبدان تونۇشقا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇش ئىماننى كۈچەيتىدۇ. قۇرئاندا ئىنسانلارنى پىكىر قىلىشقا چاقىرىدىغان ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ. ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىش تائەت-ئىبادەتنىڭ جەۋھىرىدۇر.

4) ئاللاھنى ياد ئېتىش. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە تەسبىھ- تەھلىل بىلەن ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئىماننىڭ كۈچىيىشىگە ۋاسىتە بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھنى ياد ئېتىش ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىخلاس ۋە مۇھەببەتنى ئاشۇرىدۇ. ئىخلاس ۋە مۇھەببەت ئىماننى كۈچەيتىدۇ ھەم كامالەتكە يەتكۈزىدۇ.

12. سوئال: ئىماننىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ئىماننىڭ ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1) ئەخلاق. گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ كامىللىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“{سۈرە «قەلەم»(68-سۈرە)، 4-ئايەت}.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىلەردۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

2) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان سۆيگۈ. ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىدىن ئەڭ سۆيۈملۈك تۇيۇلۇشى ۋە بۇ سۆيگۈنىڭ ئاشۇ شەخسنىڭ پۈتكۈل سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلىنىشى ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئۇنىڭدا ئۈچ خىل خىسلەت تېپىلسا، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى ۋە تەمىنى تېتىغان بولىدۇ. ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇنىڭغا ھەرقانداق نەرسىدىن سۆيۈملۈك تۇيۇلۇشى؛ بىرىنى دوست تۇتسا ئاللاھ ئۈچۈن دوست تۇتۇشى، بىرىگە دۈشمەن بولسا ئاللاھ ئۈچۈن دۈشمەن بولۇشى؛ ئىماندىن يېنىپ كېتىشنى ئوتقا تاشلانغاندىنمۇ بەك يامان كۆرۈشى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

3) ئاللاھتىن قورقۇش. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تونۇيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەيۋىسىدىن ئەيمىنىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانى لايىقىدا قەدىرلىيەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مانا بۇلارمۇ ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ“{سۈرە«فاتىر»(35-سۈرە)، 28-ئايەت}.

4) ياخشى ئەمەللەر. روھنى پاكلايدىغان، ھاياتنى گۈللەندۈرىدىغان ياخشى ئەمەللەر ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندا ئىمان ھەمىشە ياخشى ئەمەللەر بىلەن بىرلىكتە بايان قىلىنغان. چۈنكى ئىمان ئەگەر ياخشى ئەمەللەردىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ نە مېۋىسىدىن،نە سايىسىدىن پايدىلانغىلى بولمايدىغان قۇرۇق دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ. ئىمانسىز قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرمۇ رىيا ۋە ناپاكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ“{سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 106-ئايەت}.

13. سوئال: ئىماننىڭ مېۋىلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ئىماننىڭ مېۋىلىرى ئىنتايىن كۆپ، بىز تۆۋەندە پەقەت بىرقانچىسىنى بايان قىلىمىز:

1) ھىدايەت. ئىمان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ، چۈنكى ھىدايەت تېپىش ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭدەك ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىش ھىدايەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ نېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ“{سۈرە«يۇنۇس»(10-سۈرە)، 9-ئايەت}.

2) نىجاتلىق. ئىمان كىشىنى باشقىلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىدۇ. چۈنكى ئىماننىڭ ھەقىقىتى كىشىگە پايدا-زىيان يەتكۈزۈش، ئۆلتۈرۈش-تىرىلدۈرۈش پەقەت بىر ئاللاھنىڭ قولىدا دەپ ئېتىقاد قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشى مۇشۇ ئېتىقادى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن ھۆر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇ ھۆرلۈكىنى قوغدايدۇ. ئاللاھ تائالا مۆمىن زاتلارنىڭ زۇلۇم ئالدىدا بېرىدىغان جاۋابىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئېيتقىنكى، بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر“{سۈرە«تەۋبە»(9-سۈرە)، 50-ئايەت}.

3) غالىبىيەت. ئىمان مۆمىنلەرنى غالىبىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۆمىنلەرنى ھالاكەتلەردىن ساقلايدۇ ۋە دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ“{سۈرە«رۇم»(30-سۈرە)، 4-ئايەت}.

4) قانائەت. ئىمان كىشىدە قانائەت ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. ئىماننىڭ ھەقىقىتى رىزىق پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا، ئاللاھ تائالادىن باشقا رىزىق بەرگۈچى يوق، ئاللاھتىن كەلگەن رىزىقنى توسۇۋالغۇچى ھەم يوق، دەپ ئېتىقاد قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئاللاھ(ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى)تار قىلىدۇ“{سۈرە«رەئد»(13-سۈرە)، 26-ئايەت}.

5) خاتىرجەملىك. ئىمان كىشىگە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر زۇلۇملارغا ۋە ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچرايدۇ، ئىنتىقام ئېلىشقا كۈچى يەتمەي، ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانلارغا ئۇچرايدۇ، تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھۇزۇرسىز، خاتىرجەمسىز، قايغۇلۇق ياشاشقا يۈز تۇتقاندا، ئىمان ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا ئۈمىد باغلايدىغان قىلىدۇ ۋە خاتىرجەم، بەھۇزۇر ياشاشقا چاقىرىدۇ.

6) قەيسەرلىك. ئىمان ئادەمدە باشقا كەلگەن ھەرقانداق بالا-قازا ۋە مۇسىبەتلەر ئالدىدا تەۋرەنمەيدىغان چىداملىق ئىرادىنى يېتىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئىماننىڭ ھەقىقىتى باشقا كەلگەن پۈتۈن بالايىئاپەتلەر ۋە مۇسىبەتلەر ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن بولىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا مۆمىن ئادەم ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەرقانداق كۈلپەت ۋە خاپىلىقنى قەيسەرلىك بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.

14. سوئال: ئىمان ۋە ئىسلامدىن چىقىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدىغان ئاپەتلەر قايسىلار؟

جاۋاب: 1) ئىسلام دىنىنى ئىنكار قىلىش؛ 2) ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش؛ 3) ئەمەل-ئىبادەتنى ياكى دۇئانى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش ھەمدە بۇلارنى ئاللاھقا يېتىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش؛ 4) كۇففارلارنىڭ مەزھەپلىرىگە رازىلىق بىلدۈرۈش؛ 5) باشقىلارنىڭ تۇتقان يوللىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن ئەۋزەل بىلىش؛ 6) «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن سابىت بولغان ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ بىرەرسىنى ئىنكار قىلىش؛ 7) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش ياكى مەسخىرە قىلىش؛ 8) كۇففارلار بىلەن بىرلىشىپ مۇسۇلمانلارغا زىيان سېلىش؛ 9) سېھىرگەرلىك قىلىش ياكى سېھىرگە ئىشىنىش؛ 10) ئېغىزدا ئىسلام دىنى ھەققىدە سۆزلەپ قويۇپ دىلىدا ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ياكى شەك كەلتۈرۈش؛ 11) ئىسلام تەلىماتلىرىدىن يۈز ئۆرۈش ياكى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش؛ 12) بىرەر مەسىلىگە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا قايىل بولماسلىق؛ 13) پالچى-داخانلارنىڭ، كاھىنلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى داخان، كاھىنلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىكەن، ئۇ مۇھەممەدكە، يەنى ماڭا كەلگەن دىنغا كۇففار بولغان بولىدۇ“(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). 14) ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنماسلىق يەنى ھەقىقەتكە ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتىش. ئىبلىسنىڭ كۇففار بولۇپ كېتىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە‹ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار›دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس(سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كۇففالاردىن بولۇپ كەتتى“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 34-ئايەت}

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار كۇفرىلىقنىڭ ئاساسىي قىسىملىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قايسى بىرسىنى سادىر قىلغان كىشى ئىسلامدىن ۋە ئىماندىن چىققان بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتى بولمىغان بولسا ھەممىمىز توغرا يولنى تاپالماس ئىدۇق. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى ساغلام قىلىپ، بىزنى شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى ئالدىدا تېڭىرقىماس، تەۋرەنمەس قىلسۇن، ئامىن!

ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 1999-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.)