ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، سەھىھ ھەدىس ”سەنەدى باشتىن-ئاخىر ئۇلانغان، رىۋايەتچىلەر دىيانەتتە ئادىل، ئىلىمدە ئىشەنچلىك بولغان، تېكىستىدە مۇخالىپلىق ۋە ئەيىب-نۇقسان بولمىغان ھەدىس“نى كۆرسىتىدۇ. سەھىھ ھەدىسنى تەپسىلىي تۈرگە ئايرىساق ئۇ ئۆزى سەھىھ ھەدىس ۋە ئۆزگە بىلەن سەھىھ ھەدىس دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
”سەنەدنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۇلىنىشى“−سەنەددىكى ھەربىر رىۋايەتچى ئۈستىدىكى رىۋايەتچى بىلەن بىر دەۋردە ئۆتكەن، رىۋايەتچىنى كۆرگەن ياكى ھەدىسنى بىۋاسىتە ئاڭلىغان بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
”دىيانەتتە ئادىل بولۇش“−رىۋايەتچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى، بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇشىنى، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن، كىچىك گۇناھلارنى دائىم قىلمايدىغان بولۇشىنى، مۇرۇۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
”ئىلىمدە ئىشەنچلىك بولۇش“−رىۋايەتچىنىڭ ھەدىسنى يادلىغان ياكى خاتىرىلەپ ساقلىغان بولسۇن، ئەسلىي پېتى ئۆگەرتىۋەتمەي رىۋايەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەڭ ئېنىق، نورمال ئېنىق، ئېنىقتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. رىۋايەتنىڭ ئەڭ ئېنىق دەرىجىسىگە يەتكەن ھەدىس ئۆزى سەھىھ ھەدىس دېيىلىدۇ، نورمال ئېنىق ۋە ئېنىق دەرىجىسىگە يەتكەن ھەدىس ئۆزگە بىلەن سەھىھ ھەدىس دېيىلىدۇ.
”تېكىستىدە مۇخالىپلىق بولماسلىق“− تېخىمۇ ئىشەنچلىك رىۋايەتچىلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىس بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەدىس تېكىستىدە ياكى سەنەددە مۇخالىپلىق بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
”ئەيىب-نۇقسان بولماسلىق“− ھەدىس تېكىستى ياكى سەنەدىدە يوشۇرۇنغان ئىللەتنىڭ بولماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا، سەھىھ ھەدىس رىۋايەتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۆزى سەھىھ ھەدىس ۋە ئۆزگە بىلەن سەھىھ ھەدىسكە بۆلىنىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال -جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)