ئاھاد ھەدىسلەر ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىز بولۇشىغا ئاساسەن تۆت خىلغا بۆلىنىدۇ: ئۇلار سەھىھ ھەدىس، ھەسەن ھەدىس، زەئىپ ھەدىس ۋە ئويدۇرۇلما ھەدىستىن ئىبارەت.
بۇنداق تۈرگە ئايرىشتا رىۋايەتچىنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى ئاساس قىلىنغان. ئەگەر رىۋايەتچىدە ھەدىسنى زەئىپ قىلىدىغان ئامىللار بولمىسا ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس سەھىھ ياكى ھەسەن ھەدىس بولىدۇ، بۇ ئىككى دەرىجىدىكى ھەدىس قوبۇل قىلىنىدىغان ھەدىستۇر. ئەگەر ھەدىس رىۋايەتچىلىرىدىن بىرىدە ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولسا، مەزكۇر ھەدىس زەئىپ ھەدىس بولىدۇ.
”ھەدىس قوبۇل قىلىنىدۇ“ دېگەنلىك ھەدىس دەلىل قىلىنىدۇ، ئۇ ئىپادىلىگەن ھۆكۈملەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلا بولمىسا، شەرتسىز ئەمەل قىلىنىدۇ دېگەنلىكتۇر.
”ھەدىس قوبۇل قىلىنمايدۇ“ دېگەنلىك مەزكۇر ھەدىس دەلىل قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
مۇھەددىسلەرنىڭ ھەدىسنى سەھىھ، ھەسەن ۋە زەئىپ ھەدىس دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشى ھەسەن ھەدىس مۇستەقىل بىر تۈر، ئۇ سەھىھ بىلەن زەئىپ ھەدىس ئوتتۇرىسىدىكى ھەدىس ئەمەس دېگەن قاراش ئاساسىغا قۇرۇلغان. تىرمىزى، خەتىب ۋە ئىبنى سالاھلار بۇ خىل تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
بۇ ئۇسۇل بىلەن ھەدىسنى ئىنچىكە تۈرگە ئايرىغان ئالىملار توقۇلما ھەدىسنى ھەدىسنىڭ بىر تۈرى دەپ قارىمىغان. ئۇلار ھەدىس ئاتالغۇسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئويدۇرۇلما ھەدىس ھەقىقىي مەنىدىكى ھەدىس ئەمەس، بەلكى ئويدۇرمىچىلارنىڭ سۆز-ئىبارىلىرى ياكى زەئىپ ھەدىسكە ئارىلىشىپ كەتكەن ئەڭ سەت كۆرۈلىدىغان سۆز-ئىبارە دەپ قارىغان.
لېكىن نۇرغۇن مۇھەددىسلەر زەئىپ ھەدىس بىر تۈر، توقۇلما ھەدىس يەنە بىر تۈر دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ خىل قاراشنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بار.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار ھەدىسنى سەھىھ ۋە زەئىپ ھەدىستىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەگەر بۇ قاراش بويىچە بولغاندا ھەسەن ھەدىسنى ئايرىم ھالدا سەھىھ ھەدىس ياكى زەئىپ ھەدىس دائىرىسىگە كىرگۈزىۋېتىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان ئالىملاردىن ئىبنى كەسىر بار.
شۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، كۆپ قىسىم ئالىملار ھەدىسنى بارا-بارا ئۈچ تۈرگە ئايرىشنى قوبۇل قىلدى. ئىبنى سالاھ، نەۋەۋى، ئىراقى، ئىبنى ھەجەر، سۇيۇتى قاتارلىق مۇھەددىس ئالىملار ئۆز كىتابلىرىدا ھەدىسلەرنى مۇشۇ ئۈچ تۈر بويىچە تۈرگە ئايرىغان.
شۈبھىسىزكى، بۇ ئۈچ تۈرلۈك ھەدىس قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق دائىرىسىدە بولۇپ، ئەگەر ھەدىس قوبۇل قىلىشتىكى بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسا سەھىھ ھەدىس بولىدۇ؛ ئەگەر سەھىھ ھەدىسنىڭ شەرتىدىن سەل تۆۋەن بولسا ھەسەن ھەدىس بولىدۇ؛ ئەگەر ھەسەن ھەدىسنىڭ شەرتىدىنمۇ تۆۋەن بولسا زەئىپ ھەدىس بولىدۇ.
شۇڭا، سەھىھ ھەدىس ۋە ھەسەن ھەدىس قوبۇل قىلىنىدىغان ھەدىستۇر. تېخىمۇ ئىنچىكە تۈرگە ئايرىساق، سەھىھ ھەدىس ئۆزى سەھىھ ھەدىس ۋە ئۆزگە بىلەن سەھىھ ھەدىس دەپ ئىككى تۈرگە، ھەسەن ھەدىس ئۆزى ھەسەن ھەدىس ۋە ئۆزگە بىلەن ھەسەن ھەدىس دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.
مۇھەددىسسلەر زەئىپ ھەدىسكە ”ھەدىسنى ھەسەنلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغان شەرتلەردىن بىر ياكى كۆپ شەرتنى يوقاتقان ھەدىس ياكى سەھىھ ھەدىس ۋە ھەسەن ھەدىسنىڭ بىر ياكى پۈتۈن شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغان ھەدىس“ دەپ تەبىر بەرگەن. زەئىپ ھەدىسنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، بەزى مۇھەددىسلەر زەئىپ ھەدىسنى تەپسىلىي 331 تۈرگە ئايرىغان.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)