مۇتەۋاتىر ھەدىس دېگەن نېمە؟

ھەدىس رىۋايەت قىلىنىش يولىنىڭ (يەنى سەنەدنىڭ ۋە سەنەددىكى رىۋايەتچىلەرنىڭ-ت) ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ مۇتەۋاتىر ھەدىس ۋە ئاھاد ھەدىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئەگەر، ھەدىسنىڭ سەنەدى كۆپ، نۇرغۇن يول ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان، ھەربىر رىۋايەت ھالقىسىدا نۇرغۇن ئادەم رىۋايەت قىلغان ھەدىس مۇتەۋاتىر ھەدىستۇر. پەقەت بىرقانچە سەنەد ئارقىلىقلا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس ئاھاد ھەدىستۇر.
 مۇتەۋاتىر ھەدىس بىر تۈركۈم كىشىلەر يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەردىن رىۋايەت قىلغان، ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يوق بولغان، سەنەددىكى مەلۇم بىر رىۋايەتچىنىڭ يالغان ئېيتىشى سەۋەبلىك بارلىق رىۋايەتچىلەرنىڭ توغرا-خاتانى ئايرىيالماسلىق ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشى ماھال بولغان، سەنەددىكى رىۋايەتچىلەر بۇرۇنقىلاردىن يۈزتۇرانە بىر-بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ رىۋايەت قىلغان بولسۇن ياكى ئاڭلاپ رىۋايەت قىلغان بولسۇن سەزگۈ ئەزالار بىلەن ھەدىسنى قوبۇل قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ.
ئىبنى سالاھ مۇتەۋاتىر ھەدىسكە مۇنداق تەبىر بەرگەن: ”سەنەدى باشتىن-ئاخىرىغىچە راستچىللىقى بىلەن مەشھۇر رىۋايەتچىلەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس مۇتەۋاتىر ھەدىستۇر“.
تەبىرىدىن قارىغاندا مۇتەۋاتىر ھەدىس تۆت شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم:
1) سەنەدنىڭ ھەربىر قاتلىمىدىكى رىۋايەتچىلەرنىڭ سانىغا ئېنىق چەك قويۇلمىغان بولۇپ، رىۋايەتچىلەر كۆپرەك بولۇشى لازىم. بەلگىلەنگەن رىۋايەتچىلەرنىڭ بىرلىشىپ يالغاننى ئويدۇرۇشى ياكى تاسادىپىي بىرلىشىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. مۇھەددىس ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى بىردەك مۇتەۋاتىر ھەدىسنىڭ رىۋايەتچىلىرى كۆپ بولۇشى كېرەك دېگەن قاراشتا. بىراق، ئادەم سانى ئەڭ ئاز بولغاندا قانچە بولۇشى كېرەك دېگەن مەسىلىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. بەزى مۇھەددىسلەر ھەربىر قاتلامدا ئەڭ ئاز دېگەندە تۆت ئادەم بولغاندا مۇتەۋاتىر ھەدىس بولالايدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر تېخىمۇ كۆپ بولغاندا ئاندىن مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
2) ئەقلىي جەھەتتىن رىۋايەتچىلەرنىڭ بىرلىشىپ يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىشى ياكى ئۇتتۇر كېلىپ قېلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، يەنى رىۋايەتچىلەرنىڭ قەستەن ياكى ئاڭسىز ھالدا ساختىپەزلىك قىلىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى.
3) ھەدىسنى سەنەددىكى رىۋايەتچىلەر ئىككى خىل سەزگۈ بىلەن ( ئۇستازىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ياكى ئاڭلاپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىش ) قوبۇل قىلغان بولۇشى لازىم. قىياس ۋە خۇلاسىلەش ئارقىلىق چىقىرىلغان ھۆكۈم مۇتەۋاتىر ھەدىسكە تەۋە ئەمەس.
4) سەنەدنىڭ ھەربىر قاتلىمىدىكى رىۋايەتچىلەر سانى مۇتەۋاتىر بولۇش دەرىجىسىگە يېتىشى لازىم. سەنەدنىڭ بىر قاتلىمىدىن باشقا بارلىق قاتلىمىدا ئۈچتىن رىۋايەتچى بولغان ھەدىس مۇتەۋاتىر ھەدىس ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، سەنەدگە ھۆكۈم بېرىشتە ھەمىشە ئۇ يەتكەن ئەڭ تۆۋەن دەرىجە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، لېكىن ھەربىر سەنەد قاتلىمىدىكى رىۋايەتچىلەر سانىنىڭ ئوخشاش بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. مۇتەۋاتىرلىقنىڭ ئېتىبارغا ئالىدىغىنى سەنەددىكى ھەربىر قاتلام مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە ۋە ئۆلچىمىگە يەتكەن ياكى يەتمىگەنلىكىدۇر.
يۇقىرىدىكى تۆت شەرتنى ھازىرلىغان ھەدىس مۇتەۋاتىر ھەدىس دېيىلىدۇ، مۇتەۋاتىر ھەدىس قەتئىي دەلىل بولۇپ، ئۇنى چوقۇم قوبۇل قىلىش ۋە ئىشلىتىش لازىم.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)