ھەدىس تېكىستىگە باھا بېرىش ۋە تەھقىقلەشنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى قايسىلار؟ ھەدىس تېكىستىنى باھالىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ھەدىسنىڭ تېكىستى — ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى شەكىللەندۈرگەن سۆز-جۈملىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس تېكىستىگە باھا بېرىش — مۇھەددىسلەر ئېتىراپ قىلىنغان ھەدىس تەنقىدلەش پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىپ ھەدىس تېكىستىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئايرىشتۇر. ھەدىس تېكىستىگە باھا بەرمەكچى بولغاندا ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپلىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلىش كېرەك.
1) بىر ھەدىسنىڭ ئوخشىمىغان سەنەد بىلەن قىلىنغان تېكىستىنى توپلاپ تۈرگە ئايرىپ، ھەدىسنىڭ قوشۇلۇپ، ئالمىشىپ قالغان، زىددىيەتلىك، يالغان، بۇرمىلانغان، قىسقارتىۋېتىلگەن ياكى رىۋايەتچى ئالماشتۇرۇۋەتكەن جايلىرىنى تەھلىل قىلىش لازىم. مۇھەددىس ئالىملار ھەدىس ئاتالغۇلىرى ئىلمىدە مەزكۇر نۇقتىلارنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغان.
2) ھەدىس تېكىستلىرى ئارىسىدا ئېنىق قارىمۇقارشىلىق بولغان ھەدىسنى ياكى شەكلى جەھەتتىن توقۇنۇش بولغان ھەدىسلەرنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنىڭ تېكىستىنى بىرلەشتۈرگىلى بولامدۇ-يوق، ياكى سېلىشتۇرۇپ تاللاشقا بولامدۇ-يوق ۋەياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانمۇ-يوق، بۇلارنى تەھلىل قىلىش لازىم. مۇھەددىس ئالىملار ھەدىس ئاتالغۇلىرى ئىلمىدە بۇ نۇقتىدىمۇ مەخسۇس توختالغان.
3) ھەدىس تېكىستىنى مۇناسىۋەتلىك، ئىشەنچلىك دەلىللەر ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ۋە ئىسپاتلاش كېرەك.
4) ھەدىس تېكىستىنىڭ ئۆزگەرمەس دىنىي پىرىنسىپ ۋە فىقھە قائىدىلىرىگە خىلاپ كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى ئانالىز قىلىش كېرەك.
5) ھەدىس تېكىستىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنىڭ ۋە مەزمۇنىنىڭ تۇتۇرۇقسىز، قالايمىقان ياكى قالايمىقان ئەمەسلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبەدىي تەسىرىنى يوقاتمايدىغان ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدىكى چوڭقۇر ۋە ھېكمەتلىك مەزمۇندىكى ھەدىسلىرىگە زىت ياكى زىت ئەمەسلىكىنى ئانالىز قىلىش لازىم.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، دەۋرىمىزدە يەنىلا ھەدىس ئىلمى ساھەسىدىن، ھەتتا دىنىي ساھەدىن بولمىغان بەزى ئالىملار ھەدىسنىڭ تېكىستىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. مىسالەن، ئەھمەد ئەمىننىڭ بىر قىسىم ھەدىس تېكىستىنى تەنقىدلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. نۇرغۇن مۇھەددىس ئالىملار ئۇنىڭ سەپسەتەلىرىگە رەددىيە بەردى. ئىبنى قۇتەيبەنىڭ «تەئۋىيلۇ مۇختەلىفىل ھەدىس»(ھەدىس ئىختىلاپىنى تەئۋىل قىلىش) دېگەن كىتابىمۇ بۇنىڭ مىسالىدۇر.
دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەدىس ۋە ھەدىس ئىلمى ساھەسىدە مۇھەددىسلەرنىڭ تۈپ مەقسىتى بارلىق تاقىتىنى سەرپ قىلىپ، ئەڭ ئىنچىكە ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەۋە بولغان سۆز-ئىبارىلەرنى خاتىرىلەشتۇر. ھەدىسنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىشتا مۇھەددىسلەر كەسىپ ئەھلىنىڭ ھەدىسكە باھا بېرىشىگە قارشى تۇرمايدۇ، بىراق دىنىي ساھەدىن بولمىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمىگە ئاساسلىنىپلا قارىغۇلارچە، خالىغانچە سەھىھ ھەدىسنى ئىنكار قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
چۈنكى، ھەدىس بارلىق دەۋرنىڭ ھەتتا ئاخىرەت كۈنىنىڭ ۋەقەلىكىنى ۋە ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ۋاھالەنكى، مەلۇم بىر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمى پەقەت ئۇلار ھازىر ھەرخىل مەقسەتتە ۋە توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان كەسپىي ساھەدە ھاسىل قىلغان بىلىشىدۇر. بارلىق تونۇش ۋە بىلىم زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا، تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ يېڭىلىنىشى، يېڭى شەيئىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ ئىلگىرىكى ھۆكۈملەرنىڭ ئاغدۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
شۇڭا، ھەدىس تېكىستىگە باھا بېرىشتە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاساسلىق پىرىنسىپلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىش لازىم.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)