ھەدىس ئاتالغۇسى بولغان ”ھەدىس تېكىست(مەتن)ى“ دېگەن بۇ سۆز ھەدىسنىڭ سەنەدى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ھەدىس مەزمۇنىنى ئىپادىلىگەن سۆز-جۈملىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىسنىڭ تېكىستى مەنبەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى، ھەدىس قۇددۇسى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن بولسۇن، ياكى باشقا ۋەھيى ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يەتكەن بولسۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن رىۋايەت قىلغان ئاللاھنىڭ كالامى ھەدىس قۇددۇسىدۇر. ئۇنىڭ سۆز-ئىبارىسىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاللاھتىندۇر. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ”مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھ مۇنداق دېگەن“، ”سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مۇنداق دېگەن“... دېگەن شەكىلدە بولىدۇ، ياكى ساھابە رىۋايەت قىلىپ ”رەسۇلۇللاھ پەرۋەردىگارىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن“... دېگەن شەكىلدە بولىدۇ.
ئىككىنچى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەۋە رىۋايەتلەر. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ۋە تاشقى قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ سۆز-ئىبارىسى ۋە مەزمۇننىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاللاھتىن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن سۆز-ئىبارىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىل ھەدىسنى ئاللاھنىڭ كالامى دېمىگەن.
ئۈچىنچى، ساھابىلەر ھەققىدە قىلىنغان رىۋايەتلەر، يەنى ساھابىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى.
تۆتىنچى، تابىئىنلاردىن قىلىنغان رىۋايەتلەر، يەنى تابىئىنلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى.
ئىشەنچلىكلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەدىسنىڭ تېكىستى ۋە سەنەد ئارىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش يوق. سەنەدنىڭ سەھىھلىكى رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس تېكىستىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇڭا، سەنەدنىڭ سەھىھلىكىگە قاراپلا ھەدىس تېكىستىنىڭ سەھىھلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، سەنەد سەھىھ، ھەدىس تېكىستىدىمۇ ئەيىب-نۇقسان بولمىسا، ئاندىن ھەدىسنى سەھىھ دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك سەنەدنىڭ زەئىپلىكى سەۋەبىدىن ھەدىس تېكىستىنى زەئىپ دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى باشقا سەنەد ياكى تېخىمۇ سەھىھ بولغان سەنەد ئوخشاش بولغان ھەدىس تېكىستىنى رىۋايەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى باشقا رىۋايەتنىڭ ئىسپاتلىشى ۋە كۈچەيتىشى بىلەن مەزكۇر ھەدىس تېكىستى زەئىپلىكتىن ھەسەنلىك دەرىجىسىگە ھەتتا سەھىھلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
ھەدىس تېكىستى فەقىھ ئۆلىمالار تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئۇلار مۇئەييەن پىرىنسىپ ۋە قائىدىلەرگە ئاساسلىنىپ ھەدىسنىڭ تېكىستىدىن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)