قانداق ئادەملەرنى ھەدىس رىۋايەتچىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؟

”ھەدىس رىۋايەتچىسى“ دېگىنىمىز ھەدىسنى يەتكۈزگۈچى بولۇپ، ئۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئۇستازىدىن ھەدىسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ ھەدىسنى شاگىرتلىرىغا يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ھەدىسنىڭ رىۋايەت قىلىنىش سەنەدىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
ھەدىس رىۋايەتچىسى يەنە ھەدىسنىڭ سەنەدىدىكى ھەربىر ھەدىس يەتكۈزگەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەدىس توپلاملىرىنى ئۆزى تۈزگەن بۇخارى ۋە مۇسلىمغا ئوخشاش يەتكۈزگەن ھەدىسنى پىششىق بىلىدىغان ئالىملارمۇ، يەنە ئۆزى يەتكۈزگەن ھەدىسنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان، پەقەت ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ يەتكۈزگەن كىشىلەرمۇ بولىدۇ.
ھەدىس رىۋايەتچىلىرى ئۇستازىدىن ھەدىس ئاڭلىغان ۋاقىتتا، ئاڭلىغان ھەدىسنى ئاڭقىرالىشى، توغرا يادلىشى ياكى خاتىرىلىۋېلىشى لازىم. ئۇلار ئاڭلىغان ھەدىسلىرىنى شاگىرتلىرىغا يەتكۈزگەندىمۇ مۇسۇلمان ھالىتىدە، ئەقلى-ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن بولۇشى، مۇرۇۋۋەتلىك ۋە ياخشى نامى بولۇشى، ئاڭلىغان ھەدىسنى توغرا يوسۇندا ئاڭلىغۇچىغا يەتكۈزەلىشى لازىم.
ھەدىس رىۋايەتچىسىنىڭ جىنىسى، سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى چەكلەنمەيدۇ. ھالبۇكى، مۇرۇۋۋەتلىك ۋە راستچىل رىۋايەتچىلەر كۆپ بولسا ھەدىسنىڭ سەھىھلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ ئويدۇرۇلما بولۇشى ياكى خاتا رىۋايەت قىلىپ سېلىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقىرىدۇ ياكى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ھەدىسنىڭ خاتا رىۋايەت قىلىنىش ياكى ئويدۇرۇلغان يالغان ھەدىس بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدۇ.
شۇڭا، مۇھەددىس ئالىملار رىۋايەتچىنى تەپسىلىي تۈرگە ئايرىغان، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تەھقىقلەپ باھا بەرگەن، رىۋايەتچىنىڭ ئاز كۆپلۈكى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا ئاساسەن، ئۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇتەۋاتىر ھەدىس ۋە ئاھاد ھەدىس، قوبۇل قىلىنىدىغان ھەدىس ۋە رەت قىلىنىدىغان ھەدىس دەپ ئايرىغان.
مۇھەددىسلەر يەنە رىۋايەتچىلەرگە بېرىلگەن باھا ۋە ھۆكۈملەرنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان. ئەبۇ ھاتىم، ئىبنى ھىببانغا ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار ئىشەنچلىك رىۋايەتچىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى مەخسۇس جەملەپ، ئۇلارنى بىرمۇبىر تونۇشتۇرۇپ چىققان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار مەخسۇس ھەدىس يادلىغان ئالىملارنى توپلاپ كىتاب قىلغان. زەھەبىنىڭ «تەزكىرەتۇل ھۇففاز»(ھاپىزلار تەزكىرىسى)، سۇيۇتىنىڭ «تەبەقەتۇل ھۇففاز»(ھاپىزلار تەبىقىسى) دېگەن كىتابلىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر؛ بەزى مۇھەددىس ئالىملار رىۋايىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان ئىشەنچسىز كىشىلەرنى يىغىپ مەخسۇس كىتاب قىلىپ چىققان، مىسالەن ئىبنى ئەدىنىڭ «ئەلكامىل فىززۇئەفا»(ئاجىز كىشىلەر توپلانمىسى)؛ يەنە بەزى ئالىملار پەقەت ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان رىۋايەتچىلەرگە بېرىلگەن باھالارنى كىتاب قىلىپ يازغان، بۇنىڭغا بۇخارىنىڭ «ئەتتارىخ ئەلكەبىر»(چوڭ تارىخ)، ئەبۇ ھاتەمنىڭ «ئەلجەرھى ۋەتتەئدىل»(رىۋايەتچىلەرنى ئاقلاش ۋە ئەيىبلەش) دېگەن كىتابلىرى مىسال بولالايدۇ.
بەزى ئالىملار مەلۇم بىر ھەدىس كىتابىدىكى رىۋايەتچىلەرگە باھا سۆز يېزىپ چىققان. ئىبنى ھەجەرنىڭ ئالتە ھەدىس كىتابى(سىھاھ سىتتە ياكى كۇتۇب سىتتە دېيىلىدۇ،-ت)نىڭ ئىچىدىكى رىۋايەتچىلەر ھەققىدە يازغان «تەھزىب ئەتتەھزىب» دېگەن كىتابى بۇنىڭ مىسالىدۇر.
يەنە بىر بۆلۈك ئالىملار ھەدىس رىۋايەتچىسىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە كىتاب يازغان، مىسالەن، ئىبنى سەئدنىڭ «تەبەقات ئەلكۇبرا» دېگەن كىتابى.
بىر قىسىم ئالىملار مەلۇم دەۋردىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى كىتاب قىلغان. تاجۇددىن ئەسسۇبكى يازغان «تەبەقات ئەششافىئى»(شافىئىي ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى) ۋە شەمسىددىن داۋۇد تۈزگەن «تەبەقات ئەلمۇفەسسىرىن»(مۇپەسسىرلەر ئىچىدىكى ھەدىس رىۋايەتچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى) دېگەن كىتابلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
يەنە بىر قىسىم ئالىملار رىۋايەتچىلەرگە قىلىنغان تەنقىدىي قاراشلارنى مەخسۇس كىتاب قىلىپ چىققان. مىسالەن، زەھەبىنىڭ «مىيزانۇل ئىئتىدال فىنەقدى ئەررىجال»(رىۋايەتچىلەرنى تەنقىدلەشنىڭ توغرا ئۆلچىمى)، ئىبنى ھەجەرنىڭ «لىسانۇل مىزان»(ئۆلچەم تىلى) دېگەن كىتابلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەتىبۇل باغدادىنىڭ «تارىخۇل باغداد»(باغداد تارىخى)، ئىبنى ئەساكىرنىڭ «تارىخ ئەددىمەشىق»(دەمەشىق تارىخى)، زەھەبىنىڭ «تارىخۇل ئىسلام»(ئىسلام تارىخى) دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن تارىخ كىتابلىرىدىمۇ ھەدىس رىۋايەتچىلىرى ھەققىدە بايانلار بار.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)