ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى دېگەن نېمە؟

ئىسلام ئالىملىرى ھەدىس رىۋايىتى ئىلمىگە تەبىر بېرىشتە ئىككى خىل قاراشتا بولغان:
بىرىنچى خىل قاراشقا ئىبنى ئەكفانى، زەكەرىيا ئەنسارى، ئابدۇررەئۇف مەناۋى، ئەلى قارى، ئەبۇ يەئلا ئەلمۇسىلىلار ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق سۆز-ئىبارىسى، ئىش-ھەرىكىتى، سۈكۈتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە تاشقى قىياپىتى ھەققىدىكى تەسۋىر-بايانلارنى، شۇنىڭدەك بارلىق ساھابىلەر، تابىئىنلارنىڭ سۆز-ئىبارىسى ۋە ئىش-ھەرىكىتى ھەمدە بارلىق رىۋايەتلەرنى تارقىتىش، تەھقىقلەش ۋە خاتىرىلەشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر، دەپ قارايدۇ.
بۇ تەبىردە ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تەھقىقلەش، خاتىرىلەش، ساقلاش ۋە كىتاب قىلىپ تۈزۈش خىزمىتى قاتارلىقلار بىلەن چەكلەنگەن. بۇ نۇقتىدىن شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ تەبىر ”رىۋايەت“ دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. چۈنكى، رىۋايەت ئەسلىدىنلا قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىنى مەركەز قىلىدۇ.
ئىككىنچى خىل قاراشقا تاش كۇبرى زادە، ھاجى خەلىفە، سادىق ھەسەنخانلار ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى ھەدىسنى قانداق قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلاشنى، ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى زەئىپ ئىكەنلىكىنى، رىۋايەتچىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىنى، رىۋايەتنىڭ ئېنىق ياكى ئەمەسلىكىنى، رىۋايەتچىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن ياكى ئەيىبلەنمىگەنلىكىنى، سەنەددە ئۈزۈكلۈك بار-يوقلۇقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى قوللايدىغان ئالىملاردىن يەنە ئابدۇللا ئەممارلار بار بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى رىۋايەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى، شەرتلىرىنى ھەمدە ھەدىس سەنەدىنىڭ قانداق ئۇلانغانلىقىنى، رىۋايەتچىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ھەدىس رىۋايىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر“.
بۇ ئىلىم ”ئىلمۇل مۇستەلەھ“(ھەدىس ئاتالغۇلىرى ئىلمى)، ”ئىلمى ئۇسۇلۇل ھەدىس“(ھەدىس قائىدىلىرى ئىلمى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ پەننى ”ئىلمۇ رىۋايەت ئەلھەدىس“(ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى) دەپ ئاتاشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى ھەرقايسى جەھەتتىن ھەدىسنى رىۋايەت قىلىشنى تەتقىق قىلىش بىلەن چەكلەنگەن.
2) ئالىملار مۇنداق دېگەن: ھەدىس ئىلمى دەل ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئىلمىدۇر، شۇڭا مەزكۇر ئىلىم ئۇنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى دەپ ئاتالغان.
خەتىيب ئەلباغدادى ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇلىرى ھەققىدە يازغان كىتابىنى «رىۋايەت ئىلمىگە كۇپايە» دەپ ئاتىغان؛ ئىبنى جۇزۇرى ھەدىس ئىلمى ئاتالغۇسى ھەققىدە يازغان كىتابىنى «ئەلھىدايە فىئىلم ئەررىۋايە»(رىۋايەت ئىلمى يېتەكچىسى) دەپ ئاتىغان؛ ساخاۋى بۇ كىتابقا شەرھ يېزىپ ئۇنى «ئەلغايە فىئىلم ئەررىۋايە»(رىۋايەت ئىلمىنىڭ نىشانى) دەپ ئاتىغان؛ ئەبۇلھەققىل ئىشبىلىمۇ ھەدىس ئىلمى كىتابىنى «مۇختەسەر ئەلكىفايە فىئىلم ئەررىۋايە»(رىۋايەت ئىلمىگە كۇپايەنىڭ قىسقارتىلمىسى) دەپ ئاتىغان.
ئىبنى ھەجەر «نۇخبەتىل پىكىر» دېگەن كىتابىنىڭ شەرھىسى «نۇزھەتۇن نەزەر»دە مۇنداق دېگەن: ”ئۇلاردىن كېيىن باغداددا ئەبۇ بەكرى خەتىب دېگەن كىشى مەيدانغا كەلدى، ئۇ رىۋايەت قائىدىسى ھەققىدە بىر كىتاب يېزىپ، ئۇنىڭغا «رىۋايەت ئىلمىگە كۇپايە» دەپ ئات قويدى. ھەدىس رىۋايەت قىلىش ھەققىدە يەنە بىر كىتاب يېزىپ ئۇنىڭغا «ئەلجامىئ لىئەدەبىششەيخى ۋەتتالىب»(ئۇستاز ۋە شاگىرت ئەدەپلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان) دەپ ئىسىم قويدى“.
شۇڭا، دوكتور نۇرىددىن ئەنتارنىڭ قارىشىدا، ھەدىس رىۋايىتى ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ”ھەدىسنىڭ رىۋايەت قىلىنىش سەنەدىنى تەھقىقلەش ۋە ئىشەنچ دەرىجىسىنى بېكىتىش“نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى ھەدىسنى بىرمۇبىر تەتقىق قىلىدۇ، ھەربىر ھەدىسنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش ئۇنىڭ نىشانىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن. دوكتور ئەنتارمۇ ھەدىس رىۋايىتى ئىلمىنى ئاددىيلا قىلىپ ”ھەدىس ئۇسۇل-قائىدىسى ئىلمى“ دەپ ئاتاشقا قوشۇلمىغان.
ھەدىس رىۋايىتى ئىلمىنىڭ تەتقىقات دائىرىسى:
مەزكۇر ئىلىمنىڭ تەتقىقات دائىرىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارغا تۇتىشىدىغان ھەدىسلەردۇر. بۇ ئىلىم ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەت قىلىنىشى، رەتلىنىشى ۋە ھەدىسنىڭ سەنەدىنى تەتقىق قىلىدۇ، ھەربىر ھەدىسنىڭ سەھىھ، ھەسەن ياكى زەئىپ ئىكەنلىكىنى ئايرىيدۇ، شۇنداقلا ھەدىسنىڭ مەزمۇنى، ھەدىسنىڭ تېكىستىدىن ئېلىنىدىغان ھۆكۈملەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ھەدىس رىۋايىتى ئىلمىنىڭ نىشانى:
ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ھەدىس رىۋايىتى ئىلمىنىڭ نىشانىدۇر. چۈنكى، بۇ ئىلىم رىۋايەتچىنى ھەدىس رىۋايەت قىلغان چاغدا بىپەرۋالىق قىلىشتىن ساقلايدۇ، رىۋايەتچىگە ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا توغرا ئەگىشىشكە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
  (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)