ھىجرىيە 2-ئەسىرنىڭ باشلىرى مۇھەددىس ئالىملار ھەدىسلەرنى توپلاپ خاتىرىلەشكە باشلىغاندا، ھەدىس ئىلمىنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرىنى بېكىتىپ ئۇنى ھەدىس توپلاملىرىغا قىستۇرۇۋەتكەنىدى. ئىمام شافىئىينىڭ «جەممائۇل ئىلىم» ۋە «كىتابۇل ئۇم» دېگەن ئىككى كىتابىدا ھەدىس ئىلمىگە ئائىت مەخسۇس بابلار بار. ئىمام ئەھمەدنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى توپلام قىلىپ تۈزگەن بولۇپ، بۇ توپلامغىمۇ ھەدىس ئىلمى ھەققىدىكى بىلىملەر قىستۇرۇلغان. مۇسلىممۇ «سەھىھۇل مۇسلىم»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ۋە «ئەتتىميىز»(ھەدىسلەرنى پەرقلەندۈرۈش) دېگەن كىتابىدىمۇ ھەدىس ئىلمى ھەققىدە توختالغان. تىرمىزى «ئىلەل»(ھەدىستىكى ئەيىب-نۇقسانلار) دېگەن كىتابىدىمۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ، ھەسەن ياكى غەرىيب، زەئىپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان ھەمدە بۇنداق ھۆكۈم قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن. بۇخارىمۇ «تارىخ ئەلكەبىر»(چوڭ تارىخ)، «تارىخ ئەلئەۋسەت»(ئوتتۇرانچى تارىخ)، «تارىخ ئەسسەغىر»(كىچىك تارىخ) دېگەن رىۋايەتچىلەرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى كىتابلىرىغا ھەدىس ئىلمى ھەققىدىكى بىلىملەرنى قىستۇرغان.
ئىبنى ئەبى ھاتىم مەدىينى ۋە دارۇل قۇتنىلار رىۋايەتچىنى باھالاش ئىلمى ھەققىدە كىتاب يازغان. شۇنىڭ بىلەن، ھىجرىيە 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە مۇھەددىسلەر ھەدىسنى توپلاپ خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، ھەدىس ئىلمى ھەققىدىكى كىتابلارنى تۈزگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەدىس ئىلمى ھەدىس مەزمۇنى ۋە سەنەد ساھەسىدىن چىقىپ مۇستەقىل بولغان، ھەدىس ئىلمى ھەققىدە ئايرىم كىتابلار يېزىلىپ، ئۇستاز ۋە شاگىرتنىڭ ئەدەپلىرى، ھەدىس رىۋايەت قىلىشنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى، ھەدىس تەھقىقلەش ۋە خاتىرىلەش، ھەدىس يەتكۈزۈش ۋە قوبۇل قىلىش ئىبارىلىرى قاتارلىق يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات ساھەلىرى ئېچىلغان.
ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھەدىس ئىلمى ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يازغان ئالىم رامھۇرمۇزى(ھىجرىيە 360-يىلى ۋاپات بولغان) بولۇپ، ئۇنىڭ كىتابى «ئەلمۇھەددىسۇل فاسىل» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىم ئەننىسابورى(ھىجرىيە 400-يىلى ۋاپات بولغان) «مەئرىفەتۇ ئۇلۇمۇل ھەدىس»(ھەدىس ئىلىملىرىنى تونۇش) دېگەن كىتابنى يازغان. ئۇنىڭدىن كېيىن خەتىيب ئەلباغدادى(ھىجرىيە 463-يىلى ۋاپات بولغان) ھەدىس ئىلمىگە دائىر ھەممە تۈردىكى ئىلىملەرنى بىر كىتاب قىلىپ، ئۇنى «ئەلكىفايە فىئۇسۇل ئەررىۋايە»(رىۋايەت ئىلمىگە كۇپايە) دەپ ئاتىغان. باغدادىدىن كېيىن قازى ئىياز(ھىجرىيە 544-يىلى ۋاپات بولغان) ناھايىتى ئېسىل ھەدىس ئىلمى كىتابىدىن بىرنى يېزىپ، ئۇنى «ھەدىس ئىلمى ئوقۇشلۇقى» دەپ ئاتىغان. قازى ئىيازدىن كېيىن ئىبنى سالاھ(ھىجرىيە 643-يىلى ۋاپات بولغان) خەتىبۇبۇل باغدادىنىڭ كىتابىنى رەتلەپ بىر كىتاب قىلىپ، ئۇنى «مەئرىفەتۇ ئەنۋائىلئۇلۇم ئەلھەدىس»(ھەدىس ئىلمىنىڭ تۈرلىرىنى تونۇش) دەپ ئاتىغان، بۇ كىتاب «مۇقەددەمەتۇ ئىبنى سالاھ»(ئىبنى سالاھنىڭ مۇقەددىمىسى) دېگەن نام بىلەن مەشھۇردۇر. ئىبنى سالاھ بۇ كىتابتا ھەدىس ئىلمىدىكى 65 بابنىڭ ھەممىسىنى جەملىگەن بولۇپ، كېيىنكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەدىس ئىلمى ھەققىدە كىتاب يازغاندا بۇ كىتابنى ئاساس قىلغان، ئۇلار بۇ كىتاب ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تاللاپ ئىخچاملىغان، ياكى ئىزاھلاپ تولۇقلىما بەرگەن ۋەياكى باب ۋە فەسىللىرىنى ئىشلەتكەن. مىسالەن، تەييىبى مەزكۇر كىتابنى ئىخچاملاپ «خۇلاسە» دەپ ئاتىغان، كېيىن بۇ كىتابنى يەنە بىر قېتىم رەتلەپ ئىخچاملاپ «مۇختەسەرۇل خۇلاسە»(خۇلاسەنىڭ قىسقارتىلمىسى) دەپ ئاتىغان. ئىمام سۇيۇتى ئىبنى سالاھنىڭ «مۇقەددەمەتۇ ئىبنى سالاھ» دېگەن كىتابىنى شەرھلەپ، ئۇنىڭغا «تەدرىيب ئەرراۋى»(رىۋايەتچىنى چېنىقتۇرۇش) دەپ نام قويغان. ئىبنى كەسىر(ھىجرىيە 774-يىلى ۋاپات بولغان) ئىبنى سالاھنىڭ كىتابىنى ئىخچاملاپ «ئەلبائىسۇل ھەسىس»(قولاي ۋاسىتە) دەپ ئاتىغان. ئىراقى(ھىجرىيە 806-يىلى ۋاپات بولغان) ئىبنى كەسىرنىڭ مەزكۇر كىتابىنى رەتلەپ شەرھلىگەن. زەرەكشى ۋە ساخاۋىمۇ ئىبنى سالاھنىڭ مەزكۇر كىتابىنى شەرھلىگەن. دېمەك، ھەدىس ئىلمى ھەققىدە ئىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىش ياكى كىتاب يېزىشتا بولسۇن ئىبنى سالاھنىڭ «مۇقەددەمەتۇ ئىبنى سالاھ» دېگەن كىتابى ئەڭ مۆتىۋەر كىتاب بولۇپ، ھافىز ئىبنى ھەجەر باشقا ئۇسلۇبتا تولىمۇ ئىخچام تۈزگەن «نۇخبەتۇل فىكىر»(پىكىرلەرنىڭ سەرخىلى) دېگەن كىتاب مەيدانغا كەلگۈچە ئورنىنى يوقاتمىغان. كېيىن ھافىز ئىبنى ھەجەر مەزكۇر كىتابنى شەرھلەپ ئۇنى «نۇزھەتۇن نەزەر»(تەپەككۇر سەيلىسى) دەپ ئاتىغان. كېيىنكى دەۋردە نۇرغۇن مۇھەددىسلەر مەزكۇر كىتابنى شەرھلىگەن ۋە رەتلىگەن.
تا بۈگۈنگە قەدەر ھەدىس ئىلمى توختاۋسىز تەرەققىي قىلماقتا، بىراق ھەدىس ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ئۇنى ئازغىنا تولۇقلاپ قويۇشتىن باشقا، ئاساسلىقى بايان ئۇسۇلى، شەكلى ۋە ھەدىس سەنەدى ھەققىدە بولماقتا.
ھەدىس ئىلمىدە «ھەدىس رىۋايىتى ئىلمى» دېگەن بىر ئاتالغۇ بار بولۇپ، ئۇ ھەدىس تېكىستىنى توپلاش، تۈرگە ئايرىش ۋە بايان قىلىش توغرىسىدىكى ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغاندا، «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلغانغا ئوخشاش ئېغىزاكى رىۋايەت قىلىنىدۇ ۋە قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەدىس ئىلمى ئۇسۇل-قائىدىلىرى ھەدىسنىڭ سەنەدى ئۇلانغانمۇ-يوق، ھەدىسنىڭ تېكىستىنى قوبۇل قىلىشقا بولامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. چۈنكى، ھەدىس ئىلمى ئۇسۇل-قائىدىسىنىڭ نىشانى ھەدىسنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتۇر.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)