ھەدىس ئىلمى دېگەن نېمە؟

ئىسلام ئالىملىرى ھەدىس ئىلمىغا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئېنىقلىما بەرگەن:
بىرىنچى، ھەدىس ئىلمى ھەدىسنىڭ ئۇسۇل-قائىدىسى ۋە ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق رىۋايەتچىنىڭ ئەھۋالى ۋە ھەدىسنىڭ تېكىستىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلىمدۇر.
ئىراقى مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس ئىلمى رىۋايەتچى ۋە ھەدىس تېكىستىنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە مۇھەددىسلەر ئاتالغۇسىنى تونۇشتۇرىدىغان ئىلىم“.
ئىبنى جامائە مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس ئىلمى ھەدىس قائىدىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق رىۋايەتچى ۋە ھەدىسنىڭ تېكىستىنى چۈشەندۈرىدىغان ئىلىم“.
ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس ئىلمى ھەدىسنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ئارقىلىق رىۋايەتچى ۋە ھەدىس تېكىستىنى تونۇغىلى بولىدىغان ئىلىمدۇر”.
دوكتور مۇھەممەد ئەبۇ شىھاب ھەدىس ئىلمىگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: ”ھەدىس ئىلمى ھەدىس ئۇسۇل-قائىدىلىرىنى ۋە ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سەھىھ ھەدىس، ھەسەن ھەدىس ۋە زەئىپ ھەدىسنى(تۈرلىرى بويىچە) ئايرىپ چىقىدىغان، رىۋايەتنىڭ مەنىلىرى، شەرتلىرى، تۈرلىرى، رىۋايەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ رىۋايەت قىلىش شەرتلىرى، ئۇلارغا بېرىلگەن باھا، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى، ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەدىسلەر، شەكلى جەھەتتە توقۇنۇشىدىغان ھەدىسلەر، ئاز ساندىكىلەر رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان ئىلىمدۇر“.
دىققەت قىلغان ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، يۇقىرىدىكى ھەدىسكە بېرىلگەن ئېنىقلىمىلار ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ھازىر بۇ ئىلىم ئاساسىي جەھەتتىن «ئىلمى مۇستەلەھۇل ھەدىس»(ھەدىس ئاتالغۇلىرى ئىلمى) ياكى «ئىلمۇل ھەدىس»(ھەدىس ئىلمى)، «ئۇسۇل ھەدىس»(ھەدىس ئۇسۇل-قائىدىسى) دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
ئەلۋەتتە، ھەدىس ئىلمى بىر تۈرلۈك پەن بولۇش سۈپىتىدە بەزى ئاساسلىق قائىدىلەرنى تونۇشتۇرۇش، رىۋايەتچىلەر ۋە ھەدىس تېكىستىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. زور كۆپ ساندىكى سەلەپ ۋە خەلەپ مۇھەددىس(سەلەپ مۇھەددىسلەر ھىجرىيە 3-ئەسىردىن بۇرۇن ياشىغان مۇھەددىسلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ خەلەپ مۇھەددىسلەر بولسا ھىجرىيە 3-ئەسىردىن كېيىنكى مۇھەددىسلەرنى كۆرسىتىدۇ)لەر ھەدىس ئىلمىگە ”رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس تېكىستىنى چۈشىنىش ھەمدە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىش ۋە فىقھى ھۆكۈم چىقىرىش ئىلمى“ دەپ تەبىر بەرگەن.
ئىبنى ئەكفان مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس ئىلمى ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەت قىلىنىشى، ھەدىسنىڭ ھۆكۈملىرى، رىۋايەتچىنىڭ شەرتلىرى، رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس تېكىستى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. ئۇ تەپسىر ئىلمىگە ئوخشاش ئەرەب تىلىنى ۋە ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى، مورفولوگىيەسى، سۆز مەنىلىرى ھەمدە تىلشۇناسلىق ۋە رىۋايەت ئىلمى تارىخىنى پىششىق بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ“.
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس ئىلمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەدىس تېكىستىنى تەھقىقلەش، ھەدىس سەنەدىنى ۋە يوشۇرۇنغان ئىللەتلەرنى تەكشۈرۈش، ھەدىسنىڭ چوڭقۇر مەنىلىرىنى قېزىپ چىقىشتىن ئىبارەت“.
ئىككىنچى، ھەدىس ئىلمى پەقەت ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ھەمدە ھەدىستىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر.
تاش كۇبرىزادە مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس ئىلمى ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى ۋە فىقھە قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەدىس سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن مەنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى توغرا چۈشەندۈرىدىغان ئىلىمدۇر“.
بۇ قاراشنى قوللىغان ئالىملاردىن ھاجى خەلىپە، سادىق ھەسەنخان، ئابدۇللا ئەممارلار بار. ئېنىقكى، بۇ تەبىر ھەدىس ئىلمىنى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تىل نۇقتىسىدىن چۈشىنىش بىلەنلا چەكلەپ قويغان. ئەمما، ھەدىسنى تىل نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ھەدىسنىڭ خىلمۇخىل رىۋايىتى، فىقھى ھۆكۈملەر، سۆزنىڭ كۆچمە مەنىلىرى قاتارلىق باشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىمنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىلىملەر دەل زور كۆپ سانلىق مۇھەددىس ئالىملار بەلگىلىگەن ھەدىس ئىلمىنىڭ تەتقىقات ساھەسىدۇر.
ھەدىس ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى:
ھەدىس ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ھەدىسنىڭ سەنەدى ۋە تېكىستى ياكى رىۋايەت قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىش-قىلىنماسلىقى ھەمدە ھەدىس ئۆز ئىچىگە ئالغان فىقھى ھۆكۈملەردىن ئىبارەت.
ھەدىس ئىلمىنىڭ ئاساسىلىق مەقسىتى:
ھەدىسىنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىش، ھەدىسنىڭ ئېتىقاد مەسىلىسى ۋە فىقھى ئەھكاملارغا قارىتا قىلغان بايانلىرىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە شۇنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىنى توغرا يوسۇندا تەتبىقلاش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغاندىن توقۇلغان سەپسەتەلەرنى شاللاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)