مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ بەزى ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

شۈبھىسىزكى، مۇجتەھىد ئالىملار فىقھى ئىلمىنى تۇرغۇزۇش جەريانىدا بەزى سەھىھ ياكى ئەھكام چىقىرىشقا يارايدىغان ھەدىسنى قەستەن تاشلاپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىدا ئىمام ئىبنى تەيمىيە مەخسۇس يازغان «رەفئۇل مەلام ئەن ئەئىمەتىل ئەئلام»(ئۆلىمالاردىن مالامەتنى كۆتۈرۈش) دېگەن كىتابىدا، كىتابنىڭ سۆز مەنىسىگىلا ئېسىلىۋالىدىغان زاھىرىلارنىڭ ”مۇجتەھىد ئۆلىمالار ھەدىسكە خىلاپلىق قىلدى، ھەدىسنى تاشلاپ قويدى“ دېگەن سەپسەتىلىرىگە قاتتىق رەددىيە بەرگەن.
بارلىق مۇجتەھىد ئۆلىمالار بىردەك رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتىغا ئەينەن ئەمەل قىلىشنىڭ ۋاجىب، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش دۇرۇس ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بىراق، فىقھى ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ قارىشى بەزى سەھىھ ھەدىس بىلەن قارىمۇقارشى كېلىپ قېلىپ ئاندىن ئۇ ھەدىسنى تەرك ئەتكەنىدۇر. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە سەۋەب بار.
ئاساسلىق سەۋەبلەرنى ئۈچ تۈرگە خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، مۇجتەھىد ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق دېمىگەن دەپ قارىغان.
ئىككىنچى، مەزكۇر ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بۇ فىقھى مەسىلە بىلەن ئالاقىدار ئەمەس دەپ قارىغان.
ئۈچىنچى، مەزكۇر ھەدىسنىڭ ھۆكۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دەپ قارىغان.
يۇقىرىدىكى ئۈچ سەۋەبنى ئىنچىكە تۈرلەرگە ئايرىساق، تۆۋەندىكى 10 خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ:
1) فەقىھ ئالىمىغا بۇ ھەدىس يەتمىگەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايىتىگە ياكى باشقا ھەدىسكە ۋەياكى قىياسقا تايانغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى فىقھى قاراشنىڭ بەزىدە ھەدىسكە مۇۋاپىق كەلسە بەزىدە ھەدىسكە مۇخالىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. نۇرغۇن سەلەپ ئۆلىمالىرىنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ بەزى ھەدىسكە مۇخالىپ كېلىپ قېلىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبدىن بولغان. چۈنكى، جىمى ھەدىسنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن بىرمۇ فەقىھ ئالىم يوق.
2) فەقىھ ئالىمغا ھەدىس يەتكەن بولسىمۇ، ئۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ قارىمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى سەنەدتە مەزكۇر ئالىم بىلمەيدىغان ياكى ئۇنىڭ نەزەرىدە ئەيىبلەنگەن، ھىفزى قۇۋۋىتى ئاجىز دەپ باھا بېرىلگەن رىۋايەتچى بولۇشى، ياكى سەنەد ئۈزۈك، ھەدىسنىڭ تېكىستى توغرا بولماسلىقى مۇمكىن.
3) فەقىھ ئالىم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمىگە ئاساسەن مەزكۇر ھەدىسنى زەئىپ ھەدىس دەپ قارىغان. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ مەزكۇر ھەدىستە رىۋايەتچى ئىشەنچلىك ئەمەس ياكى رىۋايەتچى مەزكۇر ھەدىسنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىمىغان دېگەنگە ئوخشاش ھەدىسنى زەئىپلىك دەرىجىسىگە چۈشۈرىدىغان ئامىللار بار دەپ قارىغان.
4) بىر قىسىم فەقىھ ئالىملار رىۋايەتچىلەرگە بەزى ئالاھىدە ئۆلچەملەرنى قويغان. مىسالەن، رىۋايەتچى ھەدىسنى پىششىق يادلىغان بولۇشى، رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس فىقھى قىياس بىلەن قارىمۇقارشى بولۇپ قالغاندا، رىۋايەتچىنىڭ فىقھىنى ئوبدان بىلىشى دېگەنگە ئوخشاش.
5) ھەدىس فەقىھ ئالىمغا يەتكەن ھەمدە ھەدىسنى سەھىھ دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن فىقھى ھۆكۈم چىقارغاندا ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
6) فەقىھ ئالىم مەزكۇر ھەدىس ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇننى بىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ھەدىستە بەزى مەجھۇل سۆزلەر، قوش مەنىلىك سۆزلەر بولغاچقا، ئالىمنى ھەدىسنىڭ ئىسپاتلىماقچى بولغان مەنىسىنى ئېنىق بىلىشتىن توسۇپ قويغان.
7) فەقىھ ئالىم مەزكۇر ھەدىسنى ئۆزى ھۆكۈم چىقارماقچى بولغان فىقھى مەسىلىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ، دەپ قارىغان، ئىسپاتلىيالايدۇ دەپ قارىغاندىمۇ ئۆزى تەشەببۇس قىلىدىغان فىقھە ئۇسۇل-قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى ياكى ھەدىسنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن چەكلىنىدۇ، دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان.
8) فەقىھ ئالىم مەزكۇر ھەدىس بىلەن ئۆزى ھۆكۈم چىقارماقچى بولغان مەسىلە قارىمۇقارشى كېلىدۇ، دەپ قارىغان. ئومۇمىيلىق بىلەن خاسلىق، مۇتلەقلىق بىلەن چەكلىمىلىك، ئەسلىي مەنە بىلەن كۆچمە مەنە ئوتتۇرىسىدا قارىمۇقارشىلىق بولغانغا ئوخشاش.
9) فەقىھ ئالىمنىڭ قارىشىدا مەزكۇر ھەدىس زەئىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋەياكى ئۇنى نەقىل قىلغاندا ئىسپاتلىماقچى بولغان مەسىلە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ توقۇنۇشنى «قۇرئان كەرىم»، باشقا ھەدىسلەر ياكى ئالىملارنىڭ ئىجماسى ئېتىراپ قىلغان.
10) فەقىھ ئالىمنىڭ قارىشىدا مەزكۇر ھەدىس زەئىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ياكى ئۇنى بايان قىلغاندا ئىسپاتلىماقچى بولغان مەسىلە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، لېكىن بۇ توقۇنۇشنى شۇ ئالىمنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىشىلەر ئېتىراپ قىلمىغان.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)