ھەدىسنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنى قانداق؟

ئىسلام شەرىئىتىدە ھەدىس قۇرئاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئاساسلىق مەنبە ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
 بىرىنچى، شەك-شۈبھىسىزكى «قۇرئان كەرىم» مۇتەۋاتىر شەكىلدە ئۈزۈلمەستىن رىۋايەت قىلىنغان قەتئىي دەلىلدۇر. ئەمما، ھەدىس ئىچىدە ئاھاد(يەككە) ھەدىسمۇ بولغانلىقتىن گۇمانى دەلىل ھېسابلىنىدۇ. قەتئىي دەلىل گۇمانى دەلىلنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، شۇڭا شەرىئەت دەلىللىرى ئىچىدە «قۇرئان كەرىم» ھەدىسنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئىككىنچى، ھەدىس قۇرئاننى شەرھلەيدۇ ۋە تەپسىرلەيدۇ ياكى قۇرئاننى تېخىمۇ تولۇقلايدۇ. ھەدىس قۇرئاننىڭ شەرھىسى ۋە تەپسىرى بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئورنى تەبىئىيلا شەرھلەنگەن نەرسىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ھەدىس «قۇرئان كەرىم»نىڭ تولۇقلىمىسى بولغان ئىكەن «قۇرئان كەرىم»دە بايان قىلىنمىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاندىن ھەقىقىي ئەھمىيىتى بولىدۇ. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئۈچىنچى، نۇرغۇن رىۋايەتلەر شەرىئەتتىكى دەلىلى نۇقتىسىدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەدىسنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇرەيھكە يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: ”بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئەگەر تاپالمىساڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلغىن“. 
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس «قۇرئان كەرىم»نىڭ شەرھىسى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر.
شۇڭا، مەيلى قايسى فىقھە مەزھەپتىكىلەر يازغان فىقھە ئۇسۇل-قائىدىسى ھەققىدىكى كىتاب بولسۇن، ھەدىسكە زور مىقداردا سەھىپىلەرنى ئاجراتقان ھەمدە ھەدىسنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چىقىرىشنىڭ ئاساسى ۋە مەنبەسى دەپ قارىغان.
شەك-شۈبھىسىزكى، ئىبادەت ۋە كىشىلىك مۇئامىلاتلاردا، شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ھەمدە دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋىتى قاتارلىقلاردا ھۆكۈم تۇرغۇزۇشتا، ھەدىس ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىدۇر.
ئىمام شەۋكانى مۇنداق دېگەن: ”ھەدىس ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشتىكى مۇستەقىللىقى ئىسلامنىڭ ئاساسىدۇر، بۇنى پەقەت ئىسلام دىنىغا ئىشەنمەيدىغانلارلا ئىنكار قىلىدۇ“.
ئىسلام فىقھەسىگە ئائىت كىتابنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم مەيلى قايسى مەزھەپنىڭ كىتابى بولسۇن، ئۇنىڭ ھەممىلا يېرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ھەرىكىتى، سۈكۈتىدىن تەركىب تاپقان ھەدىسلەرنىڭ نەقىل قىلىنىپ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چىقىرىشتىكى ئاساس قىلىنغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.
ئىسلام قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىمۇ ھەدىسنى مەيلى ئەھلى ھەدىس بولسۇن ياكى ئەھلى رەئيى(ئەھلى ھەدىس ۋە ئەھلى رەئيى ئىسلام تارىخىدىكى ئىككى پىكىر ئېقىمى بولۇپ، ئەھلى ھەدىستىكىلەر ھەدىسنى چۈشەنگەندە ۋە شەرھلىگەندە ھەدىستە نېمە دېيىلسە، شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىش لازىم، تەئۋىل قىلىشقا ۋە ئەقىل ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ قارايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەھلى رەئيى ھەدىسنى چۈشەندۈرۈش ۋە شەرھلەشتە مۇۋاپىق قائىدىگە ئاساسەن تەئۋىل قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا ئەقىلنى جانلىق ئىشلىتىپ ھەدىسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئېيتىلىش سەۋەبى قاتارلىق ئامىللارنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ چۈشىنىش لازىم دەپ قارايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ) بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىپ بېكىتكەن. ئۇلار بۇ نۇقتىنى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان. ئىككى تەرەپ ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆلچەم ھەمدە مەلۇم بىر ھەدىس يالغۇز شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چىقىرىشتا ئاساس بولالامدۇ-يوق؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان كۆزقاراش بولغانلىقتىن، ئىختىلاپ(يەنى ھەدىسنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشتا) كېلىپ چىققان.
ئەھلى رەئيى مەزھىپىنىڭ ۋەكىلى ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقھى كىتابلىرىغا قارايدىغان بولساق، ھەممىلا جايدا دەلىل قىلىنغان زور ھەجىمدىكى ھەدىسلەرنى بايقايمىز.
ئەزھەرنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەنەفىي مەزھىپىدىكى دەرسلىك قىلىنغان ئىمام ئىبنى مەۋدۇد ئەلمۇسىلى تۈزگەن «كىتابۇل ئىختىيار»، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئە فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەنەفىي مەزھەپتىكى دەرسلىك قىلىنىدىغان ئىمام مەرغىينانى تۈزگەن «ھىدايە» ھەمدە مەزكۇر كىتابقا شەرھ يازغان مەشھۇر مۇھەققىق فەقىھ ئالىم كامالۇددىن ئەلھەممامنىڭ «فەتھۇل قەدىر» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك دەلىل قىلىنغان نۇرغۇن ھەدىسلەرنى بايقايمىز. مۇھەددىس ئالىم ئىمام زەيلەئى(ھىجرىيەنىڭ 762-ۋاپات بولغان) «ھىدايە»دىكى ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۇلارنى توپلاپ «نەسبۇررايە فى ئەھادىيسىل ھىدايە»(ھىدايە ھەدىسلىرىنىڭ تۇغىنى لەپىلدىتىش) دەپ ئاتىغان. بۇ ھەدىس توپلىمى شۇ دەۋردىكى ئەڭ مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى ئىدى. كېيىنكى دەۋرلەردە ئىمام ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ كىتابنى ئىخچاملاپ ۋە تولۇقلاپ «ئەددىرايە فىتەخرىجىل ھىدايە» دەپ ئاتىغان.
يۇقىرىقى كىتابلاردىن ئەھلى رەئيى ئالىملىرىنىڭ ئەھلى ھەدىس ئالىملىرىغا ئوخشاشلا ھەدىسنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلغانلىقىنى يېتەرلىك ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە بىز ئەبۇ ھەنىيفە ھەنەفىي فىقھەسىنى بەرپا قىلىشتا پەقەت 17 ھەدىسنى ئىشلەتكەنمۇ؟ دېگەن گۇمانىي نۇقتىنى ئېنىق قىلىۋېلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش ھازىرقى بەزى كىشىلەرنىڭ مىلادىيە 14-ئەسىردە ئۆتكەن تارىخشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناس ئالىم ئىبنى خەلدۇننىڭ «تارىخى ئىبنى خەلدۇن»(ئىبنى خەلدۇن تارىخى) دېگەن كىتابىدىن ئالغان خاتا چۈشەنچىسىدۇر.
«تارىخى ئىبنى خەلدۇن»دىكى ئەسلىي تېكىستنى ئاختۇرۇپ باقىدىغان بولساق، بۇ كىتابنىڭ «ھەدىس ئىلمى» دېگەن بابىدا ئىبنى خەلدۇن بۇ خىل قاراشنى گۇمانىي نەزەر بىلەن بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگەنلىكىنى بايقايمىز.
ئىبنى خەلدۇن مۇنداق دېگەن: ”بىلىش كېرەككى، مۇجتەھىد ئالىم(مۇجتەھىد ئالىم — ئىسلامنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىلمىدە ۋايىغا يېتىپ، مەلۇم ھادىسە ياكى ۋەقەگە قارىتا قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئاساسەن ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالايدىغان چوڭ ئالىم)لار دەلىل قىلغان ھەدىسنىڭ ئاز-كۆپلۈكىدە پەرق بار. بەزىلەر ئەبۇ ھەنىفە ئون يەتتە(ياكى ئون بەش) ھەدىسنىلا رىۋايەت قىلغان، ئىمام مالىك «مۇئەتتا» دېگەن كىتابىدا ئۆزى سەھىھ دەپ قارىغان ھەدىس ئەڭ كۆپ بولغاندا تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا دەپ كېلىپ، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئۆزىنىڭ «مۇسنەد» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇز مىڭ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان، ھەربىر فەقىھ ئالىم مۇشۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈمىنى ئوتتۇرغا قويغان...دەيدۇ. يەنە بەزى كاج ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان كىشىلەر، مۇجتەھىد ئالىملار ئىچىدە بەزىلەرنىڭ بىلىدىغان ھەدىسى ئاز، شۇڭا ئۇلارنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىمۇ ئاز، دەيدۇ. بىراق، مۇجتەھىد ئالىملار ھەققىدىكى بۇ قاراش ئەقىلگە سىغمايدۇ. چۈنكى، فىقھەنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە ھەدىستۇر، بىلىدىغان ھەدىسى ئاز كىشىلەر ھەدىس ئۆگىنىشى ۋە رىۋايەت قىلىشى لازىم، ھەدىسنى ھەقىقى بىلگەندىلا ئاندىن دىننى ساغلام مەنبەدىن ئالغىلى بولىدۇ، دىننى يەتكۈزگۈچى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ھۆكۈملەرنى ئۆتكۈزۈۋالغىلى بولىدۇ... ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھەدىسنى كۆپ ئىشلەتمەسلىكىدىكى سەۋەبى شۇكى، ئۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش ۋە بايان قىلىشقا قاتتىق ئۆلچەم قويغان ئىدى... باشقا زور كۆپ ساندىكى مۇھەددىس ئالىملار ئۆلچەمنى كەڭ قويغاچقا نۇرغۇن ھەدىس رىۋايەت قىلغان“.
دېمەك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ھەنەفىي فىقھەسىنى بەرپا قىلىشتا پەقەت ئون يەتتە ھەدىسكىلا تايانغان، دېگەن قاراش سېپى ئۆزىدىن بىمەنىلىكتۇر.
ئەمەلىيەتتە، ئىمام كەۋسەرى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە قارىتا دېيىلگەن سەپسەتەلەرگە رەددىيە بېرىپ «تەئنىبۇل خەتىب» دېگەن كىتابنى يازغان بولۇپ، ئۇ كىتابىدا ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ مۇھىم كىتابى بولغان «مۇسنەد ئەبۇ ھەنىفە»دە نۇرغۇن شەرىئەت ئەھكاملىرى ھەققىدىكى ھەدىسلەر توپلانغان، بۇ ھەدىسلەر ئوخشىمىغان سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان ھەمدە ھەدىس مەزمۇنىدىمۇ ھېچقانداق تەكرارلىنىش يوق، دەپ يازىدۇ.
ھەسەن ئىبنى زەيياد مۇنداق دېگەن: ”ئەبۇ ھەنىفە 4000 ھەدىس رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىنى ئۇستازى ھەممادتىن رىۋايەت قىلغان، قالغان يېرىمىنى باشقا ئۇستازلىرىدىن رىۋايەت قىلغان“.
ئەبۇ ھەنىفە كۇفە مەدرىسەسىنىڭ ئورۇنباسارى. بۇ مەدرىسەنىڭ ئاساسچىسى مەشھۇر ساھابە ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد ھەدىس بىلەن فىقھەنى تەڭ ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۇفەنى خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى قىلدى، بۇ كۇفە مەدرىسەسىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلەتتى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ”شۈبھىسىزكى، مەن بۇ شەھەرگە ئىلىمنى تۆكتۈم“ دېگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سەئد ئىبنى ئەبى ۋاققاس، ھۇزەيفە، ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى قاتارلىق ساھابىلەر كۇفە شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئىلىم ساھەسىدە ھەدىس بىلەن فىقھەنى، رىۋايەت بىلەن رەئيىنى تەڭ ئېلىپ ماڭغان مەشھۇر ئالىملار ئىدى.
ئۇنىڭدىن سىرت ھەنەفىي مەزھىپىدىن ھەدىس ئىلمى ساھەسىدىكى مەشھۇر مۇھەددىس ئالىم ئىمام ئەبۇ جەئفەر ئەتتاھاۋىدەك نۇرغۇن مۇھەددىس ئالىملار چىققان. مەشھۇر ئىسلام ئالىمى مۇھەممەد زاھىد كەۋسەرى «تەئنىيبۇل خەتىب» دېگەن كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە ھەنەفىي مەزھىپىدىكى ئىمام تاھاۋى قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق ھەنەفىي مۇھەددىس ئالىملارنى زىكرى قىلغان.
كېيىن ھىندىستانلىق ئالىم مۇھەممەد يۇسۇف بانۇلا يۇقىرىقى مۇھەددىسلەردىن سىرت، ھەنەفىي مەزھىپىدىكى ئوتتۇز ئۈچ ھىندىستانلىق ھەدىسشۇناسنى تىلغا ئالغان.
شۇڭا، ھەدىس— ئەھلى رەئيى ياكى ئەھلى ھەدىس ئالىملىرىغا نىسبەتەن، فىقھە ۋە ئەھكام بېكىتىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئاساس ھېسابلىنىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)