”مۇئىمىنلەر گويا بىر تەنگە ئوخشايدۇ“ دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، بىر-بىرىگە يار-يۆلەكتە بولۇش كامىل مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسى، ھەقىقىي ئادىمىيلىكنىڭ بەلگىسى ۋە ھەربىر مۇسۇلماندا بولۇشى تەلەپ قىلىنغان گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭدەك ئۆزگىلەرگە ئازار بېرىش، ئۇلارغا ئورا كولاش، ئۇلارنىڭ دەردىگە بىپەرۋا قاراش، يېقىنلىرىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەن پەيتلەردە ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنماسلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، شۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن شۇ ئىللەتلەرنى ئۆزىگە يۇققانلىقىدىن بىخەۋەر يۈرۈۋاتقان مۇسۇلماننىڭ ۋۇجۇدىدا ئىمانى ئەخلاق ئىستىلىنىڭ كەملىكى، ئىنسانىي قىممەت تونۇشىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىسلام دىنى ئاللاھنى ئۆزىنىڭ يېگانە ياراتقۇچىسى، تەربىيەچىسى، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى بولسا ئۆزىنىڭ يولباشچىسى، يېتەكچىسى دەپ ئېتىقاد قىلغان ھەربىر مۇسۇلمانغا بارلىق ئىش-ئەمەلىيىتىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن ئاساستا، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسى ئاساسىدا ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەنە شۇ كۆرسەتمىلەردىن بىرى، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان بۇرادىرىگە نىسبەتەن قانداق تونۇشتا بولۇشى ۋە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىدۇر.
 ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ”مۇئمىنلەر گويا بىر تەنگە ئوخشايدۇ، ناۋادا بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەن ئۇندىن ئارامسىزلىنىدۇ“.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدە مۇئمىنلەرنى بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشىتىشى، خۇددى ئادەم تېنىدىكى مەلۇم ئەزانىڭ خارابلىشىشى تەننىڭ ئومۇميۈزلۈك خارابلىشىشىغا، شۇ ئەزانىڭ ئاجىزلىقى بولسا بىر پۈتۈن بەدەننىڭ ئاجىزلىشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكىنىدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى ماددىي ئىللەت ۋە مەنىۋى كېسەللىكلەردىن خالىي بولۇشتا دائىم شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئارا ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ياخشى ئائىلە، ياخشى جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ھەسسە قوشۇشى شۇ مۇئمىننىڭ ئىمانىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ۋە خۇددى بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى ئۆزىنىڭ ئاجىز تېنىنىڭ ساغلاملىشىشى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىدەك، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى، يار-يۆلەكتە بولۇشلىرىنىڭ شۇ مۇسۇلماننىڭ ھەقىقىي كامىل مۇئمىن ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ھىسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.
كىشى چىن مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ كامىل مۇئمىن بولالمايدۇ، كامىل مۇئمىن بولغاندىلا ئاندىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ”كامىل مۇئمىن بولماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشمەي تۇرۇپ كامىل مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرنى ئۆزئارا ياخشى كۆرۈشىدىغان قىلىدىغان بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دەپ ئېيتقان سۆزلىرىدە بۇ نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، يەنى مۇئمىنلىك ئاللاھ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر. مۇئمىنلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىشنىڭ يولى بولسا بىر تەن كەبى ئىمانى قېرىنداشلىق، ئىسلامى مەسلەكداشلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.
بۇنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئامىللىرى بولسا، يۇقىرىقى ھەدىستە قەيت قىلىنىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئىنساننىڭ قايسى ئەزاسىغا ئاغرىق يەتكەن بولسا پۈتۈن بەدىنى ئاغرىق ئازابىنى تەڭ تارتقىنىدەك، ئاغرىق تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تەڭ ئارام تاپقىنىغا ئوخشاش، مۇئمىن كىشى ئۆزىنىڭ قايسىبىر مۇسۇلمان بۇرادىرىگە مۇسىبەت يەتكەن بولسا ئۇنىڭ مۇسىبىتىنى ئۆزىنىڭمۇ مۇسىبىتى دەپ بىلىشى، ناۋادا ئۇ قېرىندىشىغا بىرەر خۇشاللىق يەتسە ئۇنىڭغا ھەسەت كۆزى بىلەن قارىماستىن، بەلكى ئۇنىمۇ ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىشى، قېرىندىشى ئېغىر كۈنلەردىن خالاس بولغان بولسا، ئۆزىمۇ ئېغىر غەمدىن خالاس بولغاندەك، قېرىندىشى ئۈچۈن خۇرسەن بولالايدىغان ھالەتتە قەلبىنى ئىمانىي مۇھەببەتكە تولدۇرغان، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بولسا ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلەر بىلەن بېزىگەن بولۇشى كېرەكلىكى... قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىر قاتار ماددىي ۋە مەنىۋى قائىدە، ئەخلاق-ئۆلچەملەرگە ئەمەلىي رىئايە قىلىشلاردىن ئىبارەتتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىخچام، مەنىسى چوڭقۇر، ھېكمەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان يۇقىرىقى ھەدىسى — بىزگە ئىسلامىي بۇرادەرلىك روھىنىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ روھىيىتىگە قايسى دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنى، شۇ كىشىنىڭ باشقا مۇسۇلمانلارغا بەرگەن ئەمەلىي ياخشى تەسىرىنىڭ قانچىلىك بولغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
چۈنكى ئىسلامنىڭ قارىشىدا مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئادەتتىكى مۇناسىۋەت بولماستىن، بەلكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېيتقىنىدەك ئاكا-ئۇكىلار كەبى بىر-بىرلىرى بىلەن دىنىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدۇر: ”مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن(دىندا) قېرىنداشلاردۇر“{سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 10-ئايەت}.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارچە مۇئمىنلەرنى مۇشۇ خىل دىنىي قېرىنداشلاردىن بولۇشقا بۇيرۇپ ئالدىنقى ھەدىسنىڭ بىر قانچە رىۋايەتلىرىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”مۇئمىنلەرنىڭ مىسالى ئۆزئارا دوستلىشىش، كۆيۈنۈش ۋە يار-يۆلەك بولۇشتا بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەندىن ئۇيقۇ قېچىپ ۋە قىزىپ ئارامسىزلىنىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)؛ ”مۇسۇلمانلار گويا بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن بىئارام بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بېشى ئاغرىسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن ئارامسىزلىنىدۇ“(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)؛ ”ھەسەت قىلىشماڭلار ۋە باھانى يۇقىرى قويۇپ خېرىدارنى ئالدىماڭلار، دۈشمەنلەشمەڭلار، ئۆزئارا ئارازلاشماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇپ ياشاڭلار، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ بۇرادىرىدۇر، مۇسۇلمان دېگەن قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، يالغانچىلىق قىلمايدۇ ۋە قېرىندىشىنى ياردەمسىز قالدۇرمايدۇ“؛ ”مۇئمىن مۇئمىن ئۈچۈن بۆلەكلىرى بىر-بىرىنى چىڭىتىپ تۇرغان بىناغا ئوخشايدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
بىنانىڭ ئۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈن بۆلەكلىرى چىڭ، خىشلىرى مۇستەھكەم بولۇشى زۆرۈر بولغىنىدەك، ھەقىقىي ياراملىق مۇئمىنلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا مۇئامىلىلەردە سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلىدىغان، ئۆزى ياقتۇرمىغاننى بۇرادىرىگىمۇ راۋا كۆرمەيدىغان، مەيلى قولى، ياكى تىلى ئارقىلىق بولسۇن ئۆزگىلەرگە ناھەق ئازار بېرىشتىن ساقلىنىدىغان بولۇشلىرى كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن كامىل مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ“؛ ”سۆزى ۋە ھەرىكىتى بىلەن مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەم ھەقىقىي مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەمەل قىلسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولۇشتەك مۇشۇنداق ئېسىل كۆرسەتمىلەرنى بېرىپلا قالماي، ئۇلارغا يەنە: ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن چىرايلىق سالاملىشىش، ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىپ تۇرۇش، ئۆزئارا بىر-بىرىنى يوقلاپ تۇرۇش، تەكلىپ قىلىنغان بولسا چوقۇم بېرىش... دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار ئىناقلىقنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلىرىنىمۇ تەپسىلىي كۆرسىتىپ بەردى، ھەتتاكى شۇ ۋاسىتىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەل قىلىنىشى زۆرۈر بولغان مەجبۇرىيەت قاتارىدا تۈزۈم قىلىپ بېكىتتى ۋە بىرى-بىرلىرى ئۈستىدىكى ھەق-ھوقۇق دەپ قارىدى، يەنە بىر تۈرلۈكلىرىگە ئەمەل قىلىنىشىنى بولسا ئىماننىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارار قىلدى.
مەسىلەن، مەجبۇرىيەت قاتارىدىكىلىرى مۇنۇلارغا ئوخشاشتۇر: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈستىدە قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق بەش تۈرلۈك مەجبۇرىيىتى بار: سالامىنى ئىلىك ئېلىش، چۈشكۈرگۈچى: ئەلھەمدۇلىللاھ (ھەمدۇسانا ئاللاھ ئۈچۈندۈر) دېسە، يەرھەمۇكەللاھ (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن) دېيىش، چاقىرغان يەرگە بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىنى ئۇزىتىپ قەبرىستانلىقىغا بېرىش قاتارلىقلاردۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ياكى مۇئمىنلىكنىڭ شەرتلىرى قاتارىدا سانىلىدىغانلىرى توغرىسىدا: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ياخشى سۆز قىلسۇن، ياكى سۈكۈت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)، دېگەنگە ئوخشاش ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەنلىرىدۇر.
ئىسلام يەنە ئۆز ئۈممىتىنىڭ بىر-بىرلىرى بىلەن ئۆم بولۇشلىرى، كۈيۈمچانلىقتا بىر تەندەك، بىرلىكنى ساقلاشتا مۇستەھكەم بىنادەك بولۇشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىشلاردىن بىرى يۇقىرىقىدەك شەرئىي ۋە ئەقىدىۋىي قائىدە-تۈزۈملەرنى بېكىتكەندىن سىرت، يەنە ئەمەل قىلسا دۇنيادا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، ئاخىرەتتە بولسا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە، مەرھەمىتىگە، مۇھەببىتىگە نائىل بولىدىغانلىقلىرىغا ئوخشاش خۇش خەۋەرلەر، رىغبەتلەر بىلەن ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك تەلىم-تەربىيەلەرنى بېرىشى بولدى.
مەسىلەن، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتقان مۇنۇ ھەدىسلىرى بۇنىڭ تىپىك دەلىلىدۇر: ”كىمكى دۇنيا ئېغىرچىلىقىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى مۇئمىندىن كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ، كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەيىبىنى ياپىدۇ، كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار-يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)؛ ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ مۇھەببىتىمنى دەپ دوستلاشقان، مېنى دەپ بىللە ئولتۇرۇشقان، مېنى دەپ زىيارەت قىلىشقان، مېنى دەپ ئۆزئارا سوۋغا بېرىشكەن كىشىلەرگە مېنىڭ مۇھەببىتىم تېگىشلىكدۇر“(ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان).
يۇقىرىدىكى نەقىللەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇئمىن كىشى مەيلى كىشىلىك ئالاقە، دوستلۇق، بۇرادەرچىلىك، ئاتا-بالىلىق، تۇغقانچىلىق قاتارلىق مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن، ياكى ئۆزى ۋە پەرۋەردىگارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن ھەر زامان ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى كۈتكەن تەلەپلەرنى ھاياتىنىڭ ياشاش ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا ئېتىبار بىلەن قارايدىكەن، ئەنە شۇ چاغدا خۇددى بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىسا پۈتۈن بەدەن ئۇنىڭدىن بىئارام بولىدىغان، ئاغرىق يوقالغاندا بولسا پۈتۈن بەدەن ئارام تاپىدىغان بىر تەنگە ئوخشاش مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلمان، مۇھەببەتلىك ئائىلە، ئۇيۇشۇشچان ئىناق جەمئىيەت بەرپا بولغۇسى.
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)