ئىسلام شەرىئىتىدە ھەدىس ئەھكام بەلگىلەشتىكى ئىككىنچى ئاساستۇر. فىقھە ئالىملىرى ھەدىس ئىچىدىن فىقھە قائىدىلىرىنى سۈزۈپ چىققان؛ ئەقىدەشۇناس ئالىملار ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن؛ دەۋەتچىلەر ھەدىستىن ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلانغان ۋەھيى روھىنى ۋە قىممەتلىك چاقىرىقلارنى، چوڭقۇر ھېكمەتلەرنى ھەمدە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ئۇسۇللىرىنى قېدىرىپ چىققان.
ھەدىس شۇ قەدەر مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، بىز قولىمىزدىكى ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشىمىز لازىم. ھەدىس ئىلمىدە ساغلاملىقى ئىسپاتلانغان ئىشەنچلىك ھەدىس سەھىھ ياكى ھەسەن ھەدىس بولىدۇ. سەھىھ ھەدىس ئالىي مەكتەپتە نەتىجە باھالىغاندىكى »ئەلىيۇل ئەلا ياكى مۇنەۋۋەرلىك« دەرىجىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ «ھەسەن» ھەدىس «ياخشى، لاياقەتلىك» دەرىجىسىگە تەڭلىشىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ساغلام ھەدىس « سەھىھ ھەدىس»نىڭ دەرىجىسىگە يېقىنلاپ قالىدۇ، ئەڭ ناچار بولغىنى زەئىپ ھەدىسنىڭ دەرىجىسىگە يېقىنلاپ قالىدۇ.
سەھىھ ھەدىس ”سەنەدى باشتىن ئاخىرى ئۇلانغان، رىۋايەتچىلەر دىيانەتتە ئادىل، ئىلىمدە ئىشەنچلىك بولغان، تېكىستىدە مۇخالىپلىق ۋە ئىللەت بولمىغان ھەدىس“تۇر.
شۇڭا، رىۋايەتچى تونۇشلۇق بولمىغان، ئۇنىڭ دىندىكى ۋە ئىلىمدىكى پەزىلىتىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان ياكى سەنەدنىڭ مەلۇم بىر ھالقىسىدا ئۈزۈكلۈك بولغان ۋەياكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى باشقا تېخىمۇ ئىشەنچلىك ھەدىس بىلەن قارشىلىشىپ قالغان ھەمدە ھەدىسنىڭ سەنەدى ۋە تېكىستىدە ئېنىق ئەيىب-نۇقسان بولغان ھەدىسلەر قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەدىسلەردۇر.
ھەدىس ئىلمى ۋە ھەدىسشۇناسلارنى چالا-پۇلا بىلگەن ئاشۇ كىشىلەر ئىسلام ئالىملىرىنى يېنىكلىك ۋە ئالدىراقسانلىق بىلەن ھەر قانداق ھەدىسنى قوبۇل قىلىۋېرەتتى دەپ ئويلاپ قالمىسۇن. بىرى ئۇلارغا پالانى-پۇستانچىدىن رىۋايەت قىلغان دەپ سەنەدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلانغان بىر ھەدىسنى يەتكۈزگەن ۋاقىتتا، ئۇلار ھېچقاچان ”دېگەنلىرىڭ بەرھەق“ دېمەيتتى، ئەكسىچە ئۇلار ھەربىر ھەدىسنى ئاڭلىغاندا چوقۇم: ”بۇ ھەدىس قايسى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان؟ رىۋايەتچىنىڭ ئۇستازى كىم؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىلىم تەھسىل قىلغان ساۋاقداشلىرى كىملەر؟ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى كىملەر؟ ئۇنىڭ ئۇستازى، ساۋاقداشلىرى ۋە شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە قانداق باھا بەرگەن؟ ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورقىدىغان سالىھ كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بارمۇ-يوق؟ ئۇ ھەدىسنى ئەينەن توغرا يادلىيالامدۇ-يوق؟ ئۇ ئۆمۈر بويى ھەدىسكە شۇنداق پىششىقمىدى ياكى قېرىغاندا ئۆزگىرىپ قالغانمۇ؟ شاگىرتلىرى ئۇ ياش ۋاقتىدا ھەدىس ئۆگەنگەنمۇ ياكى ئۇ قېرىپ قالغاندىمۇ؟“ دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن سوئاللارنى سورايتتى.
ھەسەن ھەدىسمۇ سەھىھ ھەدىس كەبى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بىراق ھەسەن ھەدىسكە قويۇلىدىغان شەرتلەر ئىچىدە رىۋايەتچىنىڭ بىلىش دەرىجىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ سەھىھ ھەدىسنىڭكىگە قارىغاندا نىسبەتەن تۆۋەندۇر.
شۇڭا، ئىسلام ئالىملىرى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى تۇرغۇزۇشتا ئاساس قىلىشقا بولىدىغان ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىس بىلەن ھەسەن ھەدىس ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇ ئىككى دەرىجىدىكى ھەدىس فىقھە ئىلمىنىڭ ۋە فىقھى ھۆكۈملەرنىڭ تۈۋرۈكى، شۇنداقلا ئىسلام شەرىئىتىدە ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
پەزىلەتلىك ئەمەللەر، دۇئا-تەكبىرلەر، ھېكايە -قىسسىلەر، ياخشى ئىشلارغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان زەئىپ ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقتا، ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. بەزى ئالىملار بۇ خىلدىكى ھەدىسلەرنى ئەھكام چىقىرىشتىكى ئاساس قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، بەزى سەلەپ ئالىملىرى بۇنداق ھەدىسلەرنى ئېتىبارغا ئالمىغان.
زەئىپ ھەدىسنىڭ ئەھۋالى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بولسىمۇ، ئۇنى رىۋايەت قىلىش ھەدىس ئىلمىگە يامان نىيەتتە بولۇۋاتقان كىشىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى رىۋايەت قىلىشنىڭ نۇرغۇن شەرتلىرى ۋە ئۆلچەملىرى بولۇپ، مەلۇم ساھە بىلەنلا چەكلىنىدۇ. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ھەدىسلەرنى ناتوغرا نەقىل قىلىپ ئىشلىتىپ، توغرا يولدىن ئېزىپ، ئىسلامنىڭ بۇ ساپ بۇلىقىنى بۇلغىماقتا.
بەزى دەۋەتچىلەر، ۋايىزلار ۋە سوپىلارنىڭ كىتابلىرى نۇرغۇنلىغان زەئىپ ھەدىسلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ بەزىسى ھېچقانداق ئاساسى يوق، سەنەدىمۇ يوق ئاتالمىش ھەدىسلەرنى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بوھتان قىلىپ پەيدا قىلىنغان ساختا ھەدىسلەرنى تارقاتقان. بۇنىڭغا قارىتا ئىسلام ئالىملىرى بۇرۇندىنلا ھوشيار تۇرغان بولۇپ، جىمى ئىسلام ئالىملىرى شۇنىڭغا ئىجما قىلغانكى، توقۇلما ھەدىسنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تارقاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يالغانلىقى ۋە زىيىنىنى بايان قىلىش مەقسىتىدە رىۋايەت قىلىشتىن ئۆزگە توقۇلما ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش قەتئىي دۇرۇس ئەمەس.
ئوخشاشلا نۇرغۇن تەپسىر كىتابلىرىدىمۇ خېلى كۆپ زەئىپ ۋە ئىنكار قىلىنغان ھەدىسلەر تارقالغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى تەپسىر كىتابلىرىدا كەڭ تارقالغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى ساختا ھەدىسلەرنى ئىزدەپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر. نۇرغۇن ھەدىس ئالىملىرى بۇ يالغان ھەدىسلەرنىڭ ئىللىتىنى بايقاپ، ئۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ۋە زىيىنىنى بايان قىلدى. شۇڭا، ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇنداق ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىشقا ياكى تەپسىر كىتابلىرىدا نەقىل قىلىشقا ھېچقانداق باھانىسى قالمىدى.
ئىمام زەمەخشەرى، ئىمام سەئلەبى، ئىمام بەيزاۋى ۋە ئىمام ئىسمائىل ھەقلەر ئۆز تەپسىرلىرىدە باشتىن-ئاخىر توقۇلما ھەدىسنى تەپسىر مەزمۇنىدىن سىقىپ چىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرگەن.
دەۋرىمىزدە بىر ئوچۇم بىلىمسىز كىشىلەر باركى، ئۇلار ھېچقانداق دەلىلى يوق تۇرۇپمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان بىلىمسىز كىشىلەر، ئوقۇش-يېزىشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىزلار بولماستىن، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى راست دەۋالىدىغان چوڭچىلاردۇر. ئۇلار ھەدىسنى يۈزەكى ۋە ئالدىراقسانلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ، ياكى ئاتالمىش شەرقشۇناسلار ۋە دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ تاشلىۋەتكەن شاكاللىرىدىن پايدىلىنىدۇ. نەتىجىدە، بۇ كىشىلەر ئاۋام خەلق توقۇلما ھەدىسنى قوبۇل قىلغانغا ئوخشاش، سەھىھ ھەدىسنى ئىنكار قىلىدۇ.
چۈنكى توقۇلما ھەدىسنى ئىشلىتىش ئىسلام دىنىغا يات تەركىبلەرنى قاتقانلىق، سەھىھ ھەدىسنى ئىنكار قىلىش ئىسلام دىنىدا ئەزەلدىن بولغان تەركىبنى چىقىرىپ تاشلاشتۇر. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل قىلمىش شەك-شۈبھىسىزكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋە ھېساب ئېلىنىدىغان ئىشتۇر.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھەدىس-شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)