نېمە ئۈچۈن ھەدىسنى «قۇرئان كەرىم» بىلەن توقۇنۇشمايدۇ دەيمىز؟

بەلكىم بەزى كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”مېنىڭ بارلىق ھەدىسىمنى «قۇرئان كەرىم» بىلەن سېلىشتۇرۇڭلار، ئۇنىڭغا توغرىلاڭلار، ئەگەر قۇرئانغا مۇۋاپىق كەلسە، ئۇ مېنىڭ ھەدىسىمدۇر، ئەگەر قۇرئانغا مۇخالىپ كەلسە، ئۇ ھەدىسنى مەن دېمىگەن“دېگەن تۇرسا، ھەدىس قانداقسىگە يېڭى ھۆكۈملەرنى چىقىرالايدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن.
بۇ شۈبھىگە نىسبەتەن ئىمام شافىئىي مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ”سۆزىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولىدىغان بىرەر ئادەممۇ بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلمىغان. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىمۇ ئۈزۈك بولۇپ، مەجھۇل رىۋايەتچىدىن بىرى بار، بىز بۇنداق ھەدىسنى قوبۇل قىلمايمىز، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ’مېنىڭ بۇيرۇقۇم ۋە چەكلىمەم يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاراڭلاردا ھېچكىمنىڭ يۇمشاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، مەن بىلمەيمەن، بىز پەقەت ئاللاھنىڭ كىتابىدىن تاپقان ھۆكۈملەرگىلا ئەمەل قىلىمىز دېگىنىنى كۆرمىدىم‘“.
بۇنداق ھەدىس بار دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىلا «قۇرئان»نىڭ ھۆكۈمى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم»دە بار ھۆكۈملەرنى بايان قىلغان ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى ھۆكۈم قوشقان ھەدىسلەرنى تاشلايمىز؟ ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، چەكلىگەندىن چەكلىنىڭلار ﴾ {سۈرە ”ھەشر“، 7-ئايەت}، ﴿ كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ ﴾ {سۈرە ”نىسا“، 80-ئايەت}، ﴿ ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلەردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ﴾ {سۈرە ”نىسا“، 59-ئايەت}. ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش «قۇرئان كەرىم» دائىرىسى ئىچىدىلا چەكلەنسە، ئۇنداقتا «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەرگە شەرتسىز بويسۇنۇشقا بۇيرىماستىن بۇرۇنلا بۇ نۇقتىنى ئېنىق بايان قىلغان بولاتتى. بىراق ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى پەيغەمبەرلەرگە شەرتسىز بويسۇنۇشقا بۇيرۇغان، پەيغەمبەرگە بويسۇنغاننى ئاللاھقا بويسۇنغانلىق دەپ قارىغان.
ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقارغان ھۆكۈمگە چىن كۆڭلىدىن بويسۇنمىغان ئادەمنىڭ ئىمانىنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، مۇناپىقلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە چىن كۆڭلىدىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ ﴾ {سۈرە ”نىسا“، 65-ئايەت}.
 شۇنىڭدەكمېنىڭ بارلىق ھەدىسىمنى «قۇرئان كەرىم» بىلەن سېلىشتۇرۇڭلار، ئۇنىڭغا توغرىلاڭلار، ئەگەر قۇرئانغا مۇۋاپىق كەلسە، ئۇ مېنىڭ ھەدىسىمدۇر، ئەگەر قۇرئانغا مۇخالىپ كەلسە، ئۇ ھەدىسنى مەن دېمىگەندېگەن بۇ سۆزنى ھەدىس دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ ھەدىسنىڭ يېڭى ۋە مۇستەقىل ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. چۈنكى، ھەدىستىكى مۇستەقىل ھۆكۈملەر «قۇرئان» بىلەن توقۇنۇشمايدۇ، بەلكى بىر بىرىنى كۈچەيتىدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ، ھەدىس «قۇرئان»نىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ يېڭىچە يول تۇتمايدۇ.
بۇ ھەدىسنى ئىشەنچلىك، راست ھەدىس دەپ قارىساقمۇ ھېچ مەسىلە يوق، چۈنكى بارلىق كىشىلەر ھەرقانداق بىر ھەدىس «قۇرئان»غا ھەقىقىي مۇخالىپ كەلسە ئۇنداقتا ئۇ تەرك ئېتىلىدۇ. لېكىن ھەدىس مۇستەقىل چىقارغان ھۆكۈملەر «قۇرئان»غا مۇخالىپەتچىلىك قىلغان ھېسابلانمايدۇ، ئەكسىچە ئۇ «قۇرئان»نىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدۇر دېگەن قائىدىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن؛ ”ھەدىس «قۇرئان»غا مۇخالىپ كەلمەيدۇ، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى «قۇرئان»نى ئومۇمىيلىق ۋە خاسلىق، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئەمەلدىن قېلىش نۇقتىسىدىن ئىزاھلايدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، كىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەن ھەدىسىنى قوبۇل قىلسا ئۇ ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ“.
بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى ئىسلام مىراسلىرى ئىچىدىن ئۆزلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىگە ئىزدەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پەقەتلا ساختا ئىلىمنى تاللىغان. ئىسلام كىتابلىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان قىيىن چىگىش مەسىلىلەر ھەمدە بۇ مەسىلىلەرگە بېرىلگەن يەشمىلەر ۋە رەددىيەلەر خاتىرىلەنگەن. بۇ ئاتالمىش ئالىملار پەقەت بۇ چىگىش مەسىلىلەرنى بىر يەرگە توپلاپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ يېشىپ جاۋاب بېرىشىگە ئېچىۋەتكەن. يۇقىرىدىكى مەسىلىمۇ ئاشۇ خىلغا تەۋەدۇر.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)