ھەدىس بىلەن سابىت بولغان ھۆكۈملەر قايسى خىل شەكىللەردە «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنىغا يوشۇرۇنغان؟

گەرچە «قۇرئان»دا يوق بەزى ئەھكاملار ھەدىستە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ئەھكاملار «قۇرئان» مەزمۇنىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمىگەن، ھالبۇكى، ئۇلار «قۇرئان»نىڭ يەشمىسى ۋە چۈشەندۈرۈشى بولغان. ئۇ ھۆكۈملەر تۆۋەندىكى شەكىللەردە «قۇرئان»غا يوشۇرۇنغان:
بىرىنچى شەكلى: «قۇرئان» ھەدىسكە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان، ھەدىسلەر بۇيرۇغان بارلىق ئەمەل-ئىبادەتلەر «قۇرئان» قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمەل-ئىبادەتلەردۇر. زور كۆپ ساندىكى ھەدىسلەر بۇ خىلغا كىرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىلەردىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ﴾ {سۈرە ”ھەشر“، 7-ئايەت}.
ئىككىنچى شەكلى: «قۇرئان» ئىخچام بايان قىلغان فىقھى ھۆكۈملەرنى ھەدىسنىڭ ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي بايان قىلىشى. «قۇرئان كەرىم» ئىخچام ۋە قىسقا بايان قىلغان فىقھى ھۆكۈملەرنى تەپسىلىي ۋە ئىنچىكە بايان قىلغان ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ. مىسالەن، بىر قىسىم ھەدىسلەر ئىبادەتنىڭ شەكلى، سەۋەبى، شەرتىنى چۈشەندۈرگەن ياكى ئىبادەتنى بۇزىدىغان خىلمۇخىل سەۋەبلەرنى بايان قىلغان. نامازنى مىسالغا ئالساق، ھەدىس ھەر ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى، ھەر ۋاخ نامازنىڭ رەكەت ۋە سەجدە قېتىم سانى قاتارلىق نۇرغۇن قائىدىلەرنى ئېنىق ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. زاكاتنى مىسالغا ئالساق، ھەدىس زاكات بەرگۈچى، زاكاتنىڭ ۋاقتى-قەرەلى ۋە مىقدارىنى تەپسىلىي بايان قىلغان؛ روزىنى مىسالغا ئالساق، «قۇرئان كەرىم»دە روزا تۇتۇشنىڭ شەكىل-قائىدىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنمىغان، لېكىن بۇ قائىدە ۋە ئەھكاملار ھەدىستە تەپسىلىي ۋە ئېنىق بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك ھەج، قۇربانلىق، نىكاھ، سودا-سېتىق، جىنايى ئىشلار توغرىسىدىكى ئەھكاملارنى «قۇرئان» پەقەت ئىخچام شەكىلدىلا بايان قىلغان بولۇپ، ھەدىس بۇ ئىخچام باياننى تېخىمۇ يورۇتۇپ، تەپسىلىي بايان قىلغان، بۇ ھەدىسلەر ئاللاھنىڭ مۇنۇ بىر جۈملە سۆزى ئىچىگە كىرىدۇ: ﴿ بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار تەپەككۇر قىلسۇن دەپ نازىل قىلدۇق﴾ {سۈرە ”نەھل“، 44-ئايەت}.
ئۈچىنچى شەكلى: ھەدىس «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاساسىي مەقسىتىدىن ھالقىپ كەتمىگەن. ھەدىسمۇ «قۇرئان كەرىم»گە ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادىتى ئۈچۈن نازىل قىلىنغان، ئۇ «قۇرئان»نى تۈرگە ئايرىپ شەرھلەش ۋە چۈشەندۈرۈش شەكلى بىلەن ئۇلۇغ ۋە ئورتاق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئىككى دۇنيالىق پايدا-زىياننى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەندۇر، ئىنسانلار شۇ ئارقىلىق پايدىغا يۈزلىنىپ زىياندىن ساقلىنىدۇ. بۇ پايدا-مەنپەئەتلەر ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ۋە ئاساسلىق تەلىپى، شۇنداقلا تېخىمۇ مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ھەدىس قۇرئاندا كۆرسىتىلگەن مۇشۇ ئۈچ تەرەپتىكى پايدا ۋە زىيانغا ھېچنېمە قاتمىغان، چۈنكى «قۇرئان كەرىم» مۇشۇ جەھەتلەردە تولۇق بەلگىلىمە چىقارغان، ھەدىس بۇ پىرىنسىپلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشەندۈرگەن. شۇڭا، سىز ھەدىستە «قۇرئان»نىڭ ئاساسىي مەۋقەسىدىن ھالقىپ كەتكەن ھۆكۈمنى قەتئىي تاپالمايسىز.
تۆتىنچى شەكلى: «قۇرئان كەرىم»دە شەكلىي جەھەتتىن قارشىلىشىپ قالىدىغان، بىرلەشتۈرگىلى بولمايدىغان، ئېنىق بولمىغان بەزى زىت ھۆكۈملەر مەۋجۇت. ھەدىس بۇنداق ھۆكۈملەردىن بىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان يېڭى بىر ھۆكۈمنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»دە مەلۇم سەۋەبدىن مەلۇم ئىشقا چىقىرىلغان ھۆكۈملەر بار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىل سەۋەبكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ باشقا ئوخشاش بولغان ئىشلارغا تەتبىقلىغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»دىكى قارىماققا قارىمۇقارشى بولغان ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىنى كۈچكە ئىگە قىلغان. مىسالەن: ئاللاھ گۆشى ھالال ھايۋانلار ئىچىدىن بوغۇزلانغىنىنى ھالال قىلغان، ئۆلۈپ قالغىنىنى ھارام قىلغان. ئۇنداقتا بوغۇزلانغان بوغاز ھايۋاننىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە ئۆلگەن ھېسابلىنامدۇ ياكى بوغۇزلانغان ھېسابلىنامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىككى خىل ئېھتىماللىق تەڭ مەۋجۇت.
ئەگەر بىز قورساقتىكى ھامىلىنى بوغۇزلانغان دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئۇ ھالال بولۇپ يېگىلى بولىدۇ؛ ئەگەر بىز ئۇنى ئايرىم بىر تەن دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ئۇ ھارام بولۇپ يېگىلى بولمايدۇ. ھەدىستە ئۇنى بوغۇزلانغان ھايۋان دەپ جەزملەشتۈرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھايۋاننىڭ ئانىسىنى بوغۇزلىغانلىق ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنى بوغۇزلىغانلىقتۇر“.
«قۇرئان»دىكى شەكلىي جەھەتتىن قارىمۇقارشىدەك كۆرۈنىدىغان ئىككى ھۆكۈمگە نىسبەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەل قىلىدىغان يېڭى بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان. مىسالەن، ئاللاھ ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشنى ھالال قىلدى، زىنانى ھارام قىلدى، ئەمما شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، لېكىن زىنامۇ ھېسابلانمايدىغان نىكاھ ھەققىدە توختالمىدى. بۇ ھەقتە ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”قايسى بىر ئايال ۋەلىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز نىكاھلىنىدىكەن، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئەگەر جىما قىلىپ بولغان بولسا تويلۇقنىڭ ھەممىسى ئايالغا تەۋە“.
«قۇرئان كەرىم»دە مەلۇم سەۋەبدىن مەلۇم ئىشقا چىقىرىلغان ھۆكۈملەر بار، ھەدىسلەردە مۇشۇ سەۋەبكە ئاساسلىنىپ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلارغىمۇ ھۆكۈم چىقىرىلغان. مىسالەن: ئاللاھ بىر ئەرنىڭ بىر تۇغقان ئاچا-سىڭىلنى بىرگە ئەمرىگە ئېلىشىنى ھارام قىلغان. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك ھالىتىڭلاردا مال -مۈلكۈڭلاردىن تويلۇق بېرىپ، نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى﴾ {سۈرە ”نىسا“، 24-ئايەت}. بۇنىڭغا قىياس قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەرنىڭ بىر ئايالنى ۋە ئۇنىڭ ھاممىسىنى تەڭ ئەمرىگە ئېلىشىنى ھارام قىلدى. چۈنكى، ئىككى ھەمشىرىنىڭ ئارىسىدا قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، «قۇرئان كەرىم»دە ئۇلارنى بىر نىكاھتا جەملەش ھارام قىلىنغاندۇر. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ”ئەگەر سىلەر ئۇنداق قىلساڭلار قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولىسىلەر“دەپ چۈشەندۈرگىنى، بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ ھامما ئاچىلىرى ئارىسىدىمۇ بۇنداق مۇناسىۋەت مەۋجۇتلۇقىدۇر. بۇ ھەدىستە بەلگىلەنگەن ھۆكۈمنىڭ سەۋەبى، ئادەمگە «قۇرئان كەرىم»دىن قىياس قىلىپ چىقىرىلغاندەك تۇيۇلىدۇ.
بەشىنچى شەكلى: ھەدىستە ئىنچىكە بايان قىلىنغان قائىدىلەرنىڭ قۇرئاندا مۇپەسسەل بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرگە تەئەللۇق بولۇشى. مىسالەن: ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەيزدار ۋاقتىدىكى ئايالىنى تالاق قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سەن ئۇنىڭغا ئېيتقىنكى، تالاقنى قايتۇرۇۋېلىپ ئايالىنىڭ ھەيزى توختىغانغا قەدەر قايتا ئويلىنىپ باقسۇن، ئاندىن يەنە بىر ھەيز كۆرۈپ پاكلانغىچە ساقلىغاندىن كېيىن ياكى قايتۇرۇۋالسۇن ياكى ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن تالاق قىلسۇن“. بۇ مۇددەت ئاللاھ بۇيرۇغان تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ ئى پەيغەمبەر! (ئېيتقىنكى) سىلەر خوتۇنۇڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددەت تۇتۇشىغا قولايلىق پەيتتە (يەنى جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىگەن ياكى ھەيزدىن پاكلىنىپ جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىگەن ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار ﴾ {سۈرە ”تەلاق“، 1-ئايەت}.
ئىمام شاتىبىنىڭ قارىشىچە، بەشىنچى خىل شەكىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
يۇقىرىدا بەش نۇقتىدىن ھەدىسنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى تەپسىر قىلىدىغانلىقى ۋە شەرھلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. بارلىق ھەدىسلەر ئىچىدە يېڭىدىن قوشۇلغان ھۆكۈملەر بۇ بەش خىل شەكىلنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ بەش خىل شەكىل ئىچىدە ئۈچىنچى شەكىل ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ يۇقىرىدۇر.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)