نېمىشقا «قۇرئان كەرىم»نى ئومۇمىي پىرىنسىپ، ھەدىسنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەپسىلاتى دەيمىز؟

بەزى كىشىلەر «قۇرئان»دىكى ﴿ كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق ﴾ {سۈرە ”ئەنئام“، 38-ئايەت} ۋە ﴿ بىز ساڭا ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان كىتابنى نازىل قىلدۇق ﴾ {سۈرە ”نەھل“، 89-ئايەت} دېگەن ئىككى ئايەتكە ئاساسەن، ھەدىس «قۇرئان»دا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن سىرت ھېچنەرسىنى قوشالمايدۇ، دېگەن. لېكىن، ئىسلام ئالىملىرى بۇ ئىككى ئايەت ئۇلارنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلىمايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
1) ﴿ كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق ﴾ دېگەن ئايەت، پۈتۈن بىر ئايەت بولماستىن بەلكى بىر ئايەتنىڭ بۆلىكىدۇر. ئايەتنىڭ تولۇق شەكلى ﴿ مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن ياكى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر. لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ ﴾ {سۈرە”ئەنئام“، 38-ئايەت} دىن ئىبارەت. ئايەتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا ئاساسەن شۇنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان كىتاب «قۇرئان» ئەمەس، بەلكى لەۋھۇلمەھپۇزدۇر. ھالبۇكى، بۇ زور كۆپ ساندىكى مۇپەسسىرلەرنىڭ قارىشىدۇر.
2) بۇ ئايەتتىكى ”كىتاب“دېگەن سۆزنى «قۇرئان» دەپ تەپسىر قىلغان تەقدىردىمۇ ﴿ كىتابتا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق ﴾ دېگەن ئايەت ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «قۇرئان»نى نازىل قىلغان، دىننىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىلا چۈشۈرگەن ۋە ئۆگەتكەن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تەپسىرلەردىن مەلۇمكى، ئاللاھ «قۇرئان»نى چۈشەندۈرۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: ﴿ ئۇ ۋەھيىنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە سېنى ئۇنى ئوقۇيالايدىغان قىلىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ساڭا ئۇنى (پەرىشتە ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (قۇلاق سېلىپ) ئاڭلىغىن. ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر ﴾ {سۈرە ”قىيامەت“، 17~19-ئايەتلەر}.
3) ﴿ بىز ساڭا ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان كىتابنى نازىل قىلدۇق ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى، ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»نى دىندىكى بارلىق ئىشلارنى ئىنسانىيەتكە چۈشەندۈرۈپ بەرسۇن دەپ، ئۇنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان دېگەنلىك بولۇپ، بۇ مەزكۇر ئايەت ئىپادىلىگەن ئۇقۇملارنىڭ بىرى.
4) ﴿ بىز ساڭا ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان كىتابنى نازىل قىلدۇق﴾ دېگەن ئايەتكە ئاساسلانغاندا، «قۇرئان» دىننىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى ۋە قائىدىسىنى بايان قىلىدۇ، ھالبۇكى دىننىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپلىرى ھەدىستە بايان قىلىنىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا «قۇرئان» يا ئېنىق بەلگىلىمە شەكلىدە يا ئومۇمىي پىرىنسىپ شەكلىدە دىندىكى بارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ.
شۇڭا ئىسلام ئالىملىرى ئاددىي ھالدا ياكى ئاشقۇنلۇق بىلەن «قۇرئان»نى ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق پىرىنسىپلىرى ۋە تەپسىلىي قائىدىلىرىنى جەملىگەن كىتاب دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى «قۇرئان»نىڭ چۈشەندۈرۈش ئوبيېكتى دىننىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ۋە قائىدىلىرى، دىننىڭ تەپسىلىي قائىدىسى ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، بۇ ئىككى ئايەت بىلەن باشقا ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش. باشقا ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى چۈشەندۈرىدىغان ۋەھيىنى پەيغەمبىرىگە چۈشۈرگەنلىكى ئېيتىلغان، بۇ ۋەھيى دەل ھەدىستۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿ بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار پىكىر قىلسۇن دەپ نازىل قىلدۇق﴾ {سۈرە ”نەھل“، 44-ئايەت}؛ ﴿ ئۇ ۋەھيىنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە سېنى ئۇنى ئوقۇيالايدىغان قىلىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ساڭا ئۇنى (پەرىشتە ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (قۇلاق سېلىپ) ئاڭلىغىن. ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر﴾ {سۈرە ”قىيامەت“، 17~19-ئايەتلەر}.
ئىككىنچى، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتمۇ ھەدىسنىڭ دىننىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپلىرىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. قۇرئاندا نۇرغۇن دىنىي پىرىنسىپلار بار، بۇ پىرىنسىپلارنىڭ تەپسىلاتى ھەدىستە بايان قىلىنغان. مىسالەن: «قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان، لېكىن قۇرئاندا نامازنىڭ سانى، ئېنىق ۋاقتى ۋە ئوقۇلۇش شەكلى تەپسىلىي بايان قىلىنمىغان، ھالبۇكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەدىس تەپسىلىي ۋە ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. مىسالەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەر مېنىڭ ئوقۇغان نامىزىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار“.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، «قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ۋە قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى باشقا مەنبەلەر ئۆتىگەن. «قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەنبەلەرگە چىڭ ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەن. چۈنكى، بۇ مەنبەلەرگە ئەمەل قىلىش «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلغانلىقتۇر. بۇ مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىنى «قۇرئان كەرىم» ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار:
1) ھەدىس. ئۇنىڭ دەلىلى شۇكى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار﴾ {سۈرە ”ھەشر“، 7-ئايەت}. يۇقىرىدا ھەدىسنىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ھەدىسنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر نەقىل كەلتۈرۈلدى، شۇڭا بۇ يەردە بىر-بىرلەپ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز.
2) ئىجما. ئۇنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: ﴿ كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! ﴾ {سۈرە ”نىسا“، 115-ئايەت}.
3) قىياس. ئۇنىڭ دەلىلى بۇ ئايەتتۇر: ﴿ ئى ئەقىل ئىگىلىرى! بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىڭلار ﴾ {سۈرە ”ھەشر“، 2-ئايەت}.
«قۇرئان كەرىم» بۇ مەنبەلەرنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى دەلىللەپ بولغان، شۇڭا بۇلارغا ئەمەل قىلغانلىقنى «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلغانلىق دېيىشكە بولىدۇ. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە روشەن ھالدا بىزنى بۇ مەنبەلەرگە چوقۇم ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. بۇ ھەم بىز تۆۋەندە توختىلىپ ئۆتىدىغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش شەكىللىرىنىڭ بىرىدۇر. يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتمۇ ھەدىس، ئىجما ۋە قىياسنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنىنى دەلىللىگەن.
يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەت بىلەن ھەدىسنىڭ ئورنىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا مۇنداق مۇھاكىمىلەرنى سۇنىمىز: ئەگەر سىلەر ھەدىسنى ئىنكار قىلساڭلار، «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلالىشىڭلار ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى «قۇرئان كەرىم»دە ئۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ رەسۇلۇللاھقا يۈكلەنگەنلىكى ئېنىق بايان قىلىنغان، سىلەر پەقەت ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلساڭلار، ئاندىن «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلغان ھېسابلىنىسىلەر؛ ئوخشاشلا سىلەر «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ھەدىسسىز ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇ بۇيرۇقلار يەنىمۇ ئېنىق ئىزاھلاشقا موھتاج، ئۇنىڭ ئىزاھاتى پەقەت ھەدىستىلا بار، ئەگەر سىلەر ھەدىسنى ئىنكار قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ ناماز ئوقۇڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا قانداق ئەمەل قىلىسىلەر؟ ئەۋزائى ﴿ بىز ساڭا ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان كىتابنى نازىل قىلدۇق﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندا ” يەنى ھەدىس بىلەن ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈردى“دېگەن.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ھەدىس شەرىفتىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)