قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتى

ماراكەشنىڭ قەدىمى شەھىرى فىسكە جايلاشقان قەرەۋىييىن مەسچىتى مىلادىيە 859-يىلى ئىدىرىسلار سۇلالىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە قەيرۇۋانلىق چوڭ باي مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا فەھرىنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ ئىئانىسى ئاستىدا بىنا قىلىنغان، بۇرۇن بۇ مەسچىت ”شۇرەفا مەسچىتى“ دەپمۇ ئاتالغان. قەيرۇۋانلىقلار مەسچىتنىڭ بىنا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ رايوندا ماكانلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن، ئارىدىن يەنە بىر قىسىم خەيرى-ئېھسان ئەھلىلىرى مەسچىتنى كېڭەيتىپ سېلىش ۋە رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا پۇل-ماللىرىدىن ئايىماي ئىئانە قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا ھاكىمىيەت تۇتقان ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار تەرىپىدىن، بولۇپمۇ مۇرابىتىن ۋە مەرىن سۇلالىسى دەۋرىدە چوڭ دائىرىدە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، نەچچە مىڭ نامازخان بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئۆتىيەلەيدىغان كۆلەمگە يەتكۈزۈلۈپ، مەسچىت-مەدرىسىگە ئامانەت قويۇلىدىغان ئامبار، پۇل-مال قاتارلىق ئامانەتلەرنى ساقلايدىغان ئۆي، مۇدەررىسلەر، مۇساپىرلار ئۈچۈن قونالغۇ جاي، شۇنداقلا كىتاب ساقلاش ئۆيلىرى سېلىنغان، ھەم مەغرىب رايونىدىكى مەسچىت-مەدرىسە مائارىپى ۋە ئىسلام ئىلىملىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان دەسلەپكى ئىسلام مەدرىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئەلەۋىيىنلەر دەۋرىدە مەسچىتنىڭ مەدرىسە مائارىپى زور ئىنايەتكە ئىگە بولغان، موللا شەرىفنىڭ ئوغلى موللا رەشىد مەغرىبنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىغا زور ئېتىبار بىلەن قارىغان، بىرمۇنچىلىغان ئۇلىمالار مەغرىبنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ جايغا كېلىپ مەسچىت-مەدرىسە مائارىپىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن، مۇدەررىس-تالىپلارغا مەخسۇس ياتاق-جاي ھازىرلاپ بېرىلگەن. ئۇ ھاكىمىيەت تۇتقان دەۋردە ئىلىم ئېلىش بىلەن مەۋسۈملۈك تەتىلگە قويۇپ بېرىش تۈزۈمى بېكىتىلىپ، يېڭىچە مەسچىت-مەدرىسە تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ئۇنىڭ ئىنايىتى ئاستىدا، مەدرىسە تالىپلىرى ئەنئەنە بويىچە ھەر يىلى باھار پەسلىدە 15كۈن تەتىلگە قويۇپ بېرىلەتتى، بۇ 15 كۈن ۋاقىت ئىچىدە تالىپلار كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باراتتى، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ بۇ 15 كۈنلۈك پائالىيەت خىراجىتىگە كېپىللىك قىلاتتى، تالىپلار يەنە بۇ كۈنلەردە ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باراتتى، مۇدەررىسلەر ۋە فىس شەھىرىدىكى داڭلىق ئەربابلارمۇ ئۇنىڭغا داخىل بولاتتى، شېئىر ئوقۇش، ۋەز سۆزلەش سورۇنلىرى تۈزۈلەتتى، 15 كۈنلۈك كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنىسىدە دۆلەت پادىشاھى ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ، تالىپلارنىڭ سۇنغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا ئەمرى-پەرمان چۈشۈرەتتى. بۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەردىن ئۆز ۋاقتىدا مەغرىب رايونىدا ھاكىمىيەت تۇتقان پادىشاھنىڭ ئىلىم-مەرىپەتكە ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىگە نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى روشەن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا مەزكۇر مەدرىسىنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئەنئەنىسى شۇكى، مەدرىسىدە تەلىم بېرىۋاتقان مۇدەررىس ئەگەر مەلۇم بىر كىتابنى ئوقۇتۇپ تاماملىغان بولسا، تالىپلار مۇدەررىسنى ھۆرمەتلەش ۋە تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈپ چوڭ زالغا ئېلىپ چىقىپ جامائەتكە يۈز كۆرۈشتۈرۈپ تەبرىكلەيتتى، بۇمۇ تالىپلارنىڭ ئۆز ئۇستازىغا زور ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئىززەت-ئىكرام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. يۇقىرىقىدەك ياخشى تەلىم-تەربىيە مۇھىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەزكۇر مەدرىسىگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان تالىپلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىرمۇنچىلىغان ئالىم-ئۇلىمالار بۇ يەردە تەربىيىلىنىپ چىققانىدى، قەرەۋىييىن مەسچىتى تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان بۇ مەدرىسە(كېيىن ئالىي بىلىم يۇرتى دېگەن نام بىلەن ئاتالغان) ئۆزىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى جەريانىدا ئىسلام ئىلىملىرىدىن تەلىم بېرىلىدىغان مەركەزدىن كېيىنكى ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتى مەرتىۋىسىگە يۈكسەلگەن. تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇلىمالاردىن تارىخشۇناس ۋە جەمئىيەتشۇناس ئىبنى خەلدۇن، ئىبنى خەتىب ۋە ئىبنى مەرزۇق قاتارلىق زاتلار ئۆز ۋاقتىدا بۇ مەدرىسىدە تەلىم ئالغانىكەن.

قەرەۋىييىن مەدرىسىسى ئۆزىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپلا مەسچىتتە ئىلىم ھەلقەلىرىنى تۈزۈش بىلەن شۆھرەت قازانغان. تالىپلار، ئۇلىمالار ۋە فەقىھلەرنىڭ ئەتراپىدا ھالقىسىمان چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۇستازلىرىدىن تەلىم ئالاتتى، كېيىن ھەر بىر ئىلىمگە خاس ھەلقەلەر قۇرۇلىدىغان بولدى، تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستاز-مۇدەررىسلەر مەشھۇر ئۇلىمالارنىڭ شاھادىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ھەلقە قۇرۇپ دەرس بېرىش سالاھىيەت شاراپىتىگە ئىگە بولالايتتى، ئۇستاز-مۇدەررىسلەرگە مەسچىتنىڭ مەخسۇس ۋەخپىسىدىن مائاش ئاجرىتىپ بېرىلەتتى.

قەرەۋىييىن مەدرىسىسى مەغرىب رايونى ۋە ئافرىقىنىڭ غەربىي رايونىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنى يورۇتقان مەشئەل ئىدى، ئەسىرلەردىن بۇيان ھاكىمىيەت تۇتقان ئەمىر، پادىشاھلارنىڭ زور ئىنايەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ شۆھرەت قازانغان ئىدى. ئۇ ماراكەش(مەغرىب)تىكى ئەڭ قەدىمكى ئۇنىۋېرسىتېتلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەغرىب ئەللىرى، جۈملىدىن غەربىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىسلامىي سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇ ئۇزاق يىللىق تارىخىي مۇساپىسىدە ئىسلام مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە راۋاج تاپقۇزۇش جەھەتتە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، تەلىم-تەربىيە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى، ئۇنى ئەنئەنىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن تەدرىجىي ھالدا ئىسلام ئالىي بىلىم يۇرتى تۈسىگە كىرگۈزۈشكە قاراپ يۈزلەندۈردى. ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇل بويىچە، ئۇلىمالار تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ تالىپلارغا تارقىتىپ بېرىلىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادەتنامىسىنىڭ ئورنىغا رەسمىي ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى بېرىلىدىغان بولدى. 1956-يىلى ماراكەش مۇستەقىللىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بولغان ئىنايەت-رىئايىتى تېخىمۇ ئاشتى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى، مۇدەررىس-تالىپلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى. قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئەسلىدىكى قەرەۋىييىن مەسچىتىدە ھەلقە قۇرۇپ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە جايلارغا ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇپ ئىنستىتۇتلارنى تەسىس قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى. ھازىر قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتى تۆت ئىنستىتۇتتىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇلار فىس شەھىرىگە جايلاشقان ئىسلام شەرىئىتى ئىنستىتۇتى، ماراكەشكە جايلاشقان ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتى، تېتۋان رايونىغا جايلاشقان ئىسلام دىنى ئاساسلىرى ئىنستىتۇتى ۋە ئەگادىر رايونىغا جايلاشقان ئىسلام شەرىئىتى ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەتتۇر. يۇقىرىقى ئىنستىتۇتلاردا ئۆتىلىدىغان دەرسلىكلەرمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلدى، ئۇلار ئىلمى قۇرئان، ھەدىس، تەپسىر، فىقھە ۋە فىقھە پرىنسىپلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى، ئىلمى ئەقىدە، ئىلمى شەرىئەت ۋە ئىلمى قانۇن، سىياسىي ئىقتىساد، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام پىرقە-مەزھەپلىرى، ئىلمى كەلام، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى، ئەدەبىي تەنقىد، چەت ئەل تىلى(ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە ياكى ئىسپانچە تىلدىن بىرى تاللىنىپ ئوقۇلىدۇ) قاتارلىقلاردۇر. ھازىر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ماراكەش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تالىپلارنى قوبۇل قىلىدۇ، چەت ئەلدىن كەلگەن تالىپلار ئاساسلىقى ماۋرىتانىيە، سېنېگال، نىگېرىيە، سېررالېئون، سۇدان، مالى، كامېرون، تايلاند، مالايسىيا، ئىئوردانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت.

ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا زور ئېتىبار بېرىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، تالىپلارنىڭ سانى ھازىر7 مىڭدىن ئاشتى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇدەررىسلەرنىڭ سانى 130غا يەتتى. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزىنىڭ ئىلمىي، مەدەنىي رولىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرى، خەلقئارالىق ئىسلام ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە زور ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ئۇ يەنە مەكتەپكە تەۋە بولغان ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ، مۇسۇلمان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرىگە ھەر جەھەتتىن قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە. نەشرىيات ساھەسىدە، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ «قەرەۋىييىن» ناملىق قەرەللىك ژۇرنىلى بار. ئىسلام ئىلمى تەتقىقاتىدا ئىسلام ئىلىملىرى ۋە ئىسلام پەلسەپىسىگە ئائىت كىتاب-ماتېرىياللار نەشر قىلىنىدۇ، باشقا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ھەمكارلىقى جەھەتتە، مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تۇنىستىكى زەيتۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئورناتقان مەدەنىيەت ھەمكارلىقى كېلىشىمى بار.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتى ماراكەشتىكى ئەڭ قەدىمكى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق ئارىسىدا ئەرەب تىلىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىسىدە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام ئىلىملىرىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى روناق تاپقۇزۇش يولىدا شانلىق تۆھپە قوشقان. ئۇ ھازىر يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى شانۇشەۋكىتىنى نامايان قىلىشقا ۋە مۇھىم رولىنى داۋاملىق تۈردە جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا. (ئادىل ھاجى كېرىم)