بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“{سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)، 4-ئايەت}. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بارلىق گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل مىجەز-خۇلۇقلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسا، ”سىلەرگە—ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە —رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر“{سۈرە«ئەھزاب»(33-سۈرە)، 21-ئايەت}، دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنى بارلىق ئىشىمىزدا ئۈلگە قىلىشىمىزغا چاقىرغان.
تۆۋەندە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەمما ئېسىل ئەخلاقى سۈپەتلىرىنى ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېرى-ياش، ئەر-ئايال بولسۇن ھەممە كىشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ساھابىلەردىن بىرەرسىنى بىر قانچە كۈن كۆرمىسە سۈرۈشتۈرەتتى. ھەممە ئادەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقاتتى. كېسەللەرنى ۋە قوشنا-قولۇملارنى يوقلاپ ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولاتتى. ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىغا قاتنىشىپ قايغۇسىنى بىلدۈرەتتى. مەسچىتنى سۈپۈرۈپ-تازىلايدىغان ئايال كۆرۈنمەي قالغان چاغدا ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى سورىغان ۋە ۋاپات تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ مەخسۇس قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان ئىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز، مەيلى تونۇش ۋە مەيلى ناتونۇش بولسۇن ھەممىگە سالام بېرەتتى. رۇخسەتسىز ھېچقانداق ئۆيگە كىرمەيتتى. چېھرىدىن ھەر زامان تەبەسسۇم يېغىپ تۇراتتى. ھېچكىم بىلەن ئازارلىشىپ قالمايتتى، سۈرەن سالمايتتى، كۆپ سۆزلەشنى ياقتۇرمايتتى. بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمايتتى. پەيغەمبىرىمىز كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يۈزمۇيۈز تۇرۇپ ئېيتمايتتى. بىرەرسىنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى ئاڭلىغىنىدا: ”پالانى مۇنداق قىپتۇ دەپ ئېتىنى ئاتىماي، مۇنداق قىلغانلار بار ئىكەن، دەپ شۇ ئىشنى چەكلەيتتى“(ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىشنى، غەيۋىتىنى قىلىشنى ياقتۇرمايتتى. پىتنە-پاساتنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جامائەتكە بامدات نامىزىنى ئۇزۇن ئۇقۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا: ”پىتنە تېرىماقچىمۇ سەن؟!“ دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئەتراپىدىكىلەرنى سەمىمىي مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىپ ئۇلارنى خاتا ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن مەنئى قىلاتتى. بىر كۈنى بىر ياش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ زىنا قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغاندا، ئۇنىڭغا: ”بۇ قىلمىشنىڭ ئاپاڭغا قىلىنىشىنى خالامسەن؟!... ياكى ئاچا-سىڭىللىرىڭغا، ھامما ئاچىلىرىڭغا قىلىنىشىنى خالامسەن؟“ دېگەندە، بۇ ياش: ”ياق“ دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دۇئا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرزلەرنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىقنى ۋە قەرزدارنىڭ قەرزى سەۋەبىدىن تەڭقىسلىقتا قېلىشنى خالىمايتتى. بۇ ھەقتە ئابدۇللا ئىبنى ئەبى ھەدرەد مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ”بىر يەھۇدىينىڭ مەندە تۆت تەڭگە ئېلىشى بار ئىدى، ئۇنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ بېرىپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا بۇ قەرزنى ئادا قىلىۋېتىشىمنى ئېيتتى. مەن بەرگۈدەك بىر نەرسەمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان ئىدى، مەن بازارغا بېرىپ ئۈستۈمدىكى تون چاپاننى تۆت تەڭگىگە سېتىپ قەرزىمنى قايتۇردۇم“(ئىبنى ھەجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەميىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇچراشقان كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى ۋە ئايرىلغاندا ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيتتى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر كىشى: ”قولۇڭغا سۆيسەم بولامدۇ؟“ دەپ سورىغان. پەيغەمبىرىمىز: ”بولمايدۇ“ دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ كىشى: ”ئالدىڭدا ئېگىلسەم بولامدۇ؟“ دېگەن. پەيغەمبىرىمىز: ”ياق“ دېگەن. بۇ نۆۋەت ئۇ كىشى: ”قول ئېلىشىپ كۆرۈشسەمچۇ؟“ دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز: ”بولىدۇ“ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). مۇسۇلمان مىللەتلەردە ھۆرمەت يۈزىسىدىن چوڭلارنىڭ قولىغا سۆيىدىغان ۋە بېشىنى ئېگىپ سالام بېرىدىغان ھەر خىل يوللۇق سالاملىشىش ئادەتلىرى بار بولۇپ، چوڭلارنىڭ قولىنى سۆيۈشنىڭ دىندا ھېچقانداق كارايىتى يوق تۇرۇقلۇق پەيغەمبىرىمىز ھاكاۋۇرلۇق بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۇ كىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.
جابىر ئىبنى سەلەمە رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاز سۆزلەيتتى، ئاز كۈلەتتى، ساھابىلىرى ئۇنىڭ يېنىدا شېئىر ئوقۇشاتتى ۋە ئۆزئارا بەزى ئىشلارنى سۆزلەشكەچ كۈلۈشەتتى“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبىرىمىز ئىشلەشنى، تەر تۆكۈشنى تەرغىب قىلاتتى، تىلەمچىلىكتىن چەكلەيتتى. بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇ زاتتىن نەرسە تىلىگەنىدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇ كىشىدىن: ئۆيىدە نېمە بارلىقىنى سورىدى. ئۇ، بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتتى. پەيغەمبىرىمىز ”ئۇلارنى ئەكەل“ دېدى ۋە مەسچىتتە باھا چىقارتىپ ئىككى تەڭگىگە سېتىپ بەردى. ئۇ ئادەم ئىككى تەڭگىنىڭ بىرىگە يېمەكلىك ئالدى ۋە يەنە بىرىگە بىر پالتا ئېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۆز قولى بىلەن پالتىنى ساپلاپ بەردى ۋە: ”ئون بەش كۈنگىچە سېنى كۆرمەي، بېرىپ ئوتۇن كېسىپ سات“ دېدى. ئۇ كىشى ئون تەڭگە تېپىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. پەيغەمبىرىمىز: ”تاپقان پۇلۇڭغا ئازراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ ساڭا يەتكۈدەك ھالغا كەل“ دېگەندىن كېيىن: ”مانا بۇ (كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشى) تىلەمچىلىك قىلغىنىدىن ياخشىدۇر“ دەيدۇ(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
ئاياللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
ئەر-ئايال مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبىرىمىز مۇنەۋۋەر بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: ”ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان“، ”سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە قارىتا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىڭلاردۇر. مەن ئىچىڭلاردىكى ئائىلىسىگە قارىتا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغان بىرىمەن“ دېگەنىدى. پەيغەمبىرىمىز ئەرلەرنى ئاياللارغا خۇشخۇي مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. باشقىلارغا خۇشخۇي بولۇپ ئايالىغا چىراي ئاچماسلىقنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىز ئائىلىسىگە، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. ئاياللىرى بىلەن چاقچاقلىشاتتى(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا سالام بېرەتتى. پەيغەمبىرىمىز مەخسۇس بىر كۈننى ئاياللارغا تەلىم-تەربىيە بېرىشكە ئاجراتقانىدى.
پەيغەمبىرىمىز ئېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن بىر ئايالغا: ”ھەربىر ئايالنىڭ ياخشى كۆرۈنىدىغان بىر تەرىپى باردۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)، دېيىش ئارقىلىق ئېرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلغانىدى. پەيغەمبىرىمىز ئاياللىرىنى پەقەت ئۇرمىغان بولۇپ ۋىدالىشىش خۇتبىسىدە ئۇ: ”ئاياللار ھەققىغە رىئايە قىلىشىڭلارنى ۋە بۇ ھەقتە ئاللاھتىن قورقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەر ئاياللارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە نىكاھلاپ ئالدىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداڭلار“ دەپ بۇيرۇغانىدى (ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان).
بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
پەيغەمبىرىمىز بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنى سۆيۈپ قوياتتى، سالام بېرەتتى، ئەھۋالىنى سورايتتى، ئاغرىپ قالغاندا يوقلاپ باراتتى، ھەتتا قۇچىقىغا ئالغان بالىنىڭ تەرەت قىلىپ قويۇشىغىمۇ خاپا بولمايتتى. بارلىق بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ”كىچىكلەرنى ئىززەتلىمىگەن ئادەم بىزدىن ئەمەس“ دېگەنىدى(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
بالىلار بىلەن چاقچاقلىشاتتى، بىللە ئوينايتتى. پەيغەمبىرىمىز بىر قېتىم مۇھەممەد ئىبنى رەبىئ ئىسىملىك بىر بالىغا قاچىدىن سۇ ئېلىپ چاچقان. بىر قېتىم پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن بىللە بىر زىياپەتكە كېتىۋاتقاندا كوچىدا ئويناۋاتقان ھۆسەيىننى كۆرۈپ، ساھابىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ھۆسەيىنگە قۇچىقىنى ئاچقان، ھۆسەيىن بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۇياق-بۇياققا قېچىپ يۈرگەن، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ يۈرۈپ تۇتۇۋالغان ۋە باغرىغا باسقانىدى(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
بالىلارنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇلارغا سالام بېرەتتى. ئۇلارنى ئۆزى تەرەپكە يۈگۈرگىلى سېلىپ مۇسابىقىلەشتۈرەتتى ۋە ئۇلارغا ھەدىيەلەر بېرەتتى. بىر قېتىم تاغىسى ئابباسنىڭ ئىككى ئوغلى ئابدۇللا بىلەن ئۇبەيدۇللانى يۈگۈرگۈزۈپ قولىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىپ: ”كىم بالدۇر كەلسە ماۋۇنى بېرىمەن“ دېگەنىدى(ئىبنى ھەجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەميىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
ئوتتۇرا ھال يول تۇتىدىغانلىقى
پەيغەمبىرىمىز ھەتتا كېچە-كۈندۈزلۈك بارلىق ئىبادەتلىرىدىمۇ ئوتتۇرا ھال يول تۇتقان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنداق بىر رىۋايەت بار: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تولۇق بىر كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغىنىنى بىلمەيمەن“. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا، ئۇخلاۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ئۇخلاۋاتقان ھالدا كۆرەتتىڭ“(«رىيازىسسالىھىن»دا رىۋايەت قىلىنغان).
پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئىيىتىگە زىت كېلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى بۇيرۇمىغان. ئۇنىڭ بۇيرۇغان ياكى توسقان ئىشلىرى ئىنسانلارنىڭ ئادا قىلىشى قولاي ئىشلار ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز ۋەز ئېيتىۋېتىپ ئۆرە تۇرغان بىرسىنى كۆرۈپ نېمە سەۋەبتىن ئۆرە تۇرغانلىقىنى سورىغان. ئەتراپىدىكىلەر: ”ئۇ پالانى كىشى بولۇپ ئۆرە تۇرۇشقا، ئاپتاپتا تۇرۇشقا ۋە گەپ قىلماسلىققا ئاللاھقا ۋەدە قىلىپتۇ“ دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز: ”ئۇ ئادەمگە ئېيتىپ قويۇڭلار، گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن ۋە ئولتۇرسۇن...“ دېگەن(ئىبنى ھەجەر ئەل ئەسقەلانىنىڭ «ئەل ئىسابە فى تەميىزىسساھابە» دېگەن ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلەردە ئوتتۇرا ھال يول تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە «سەھىھۇلبۇخارى»دا مۇنداق رىۋايەت بار: ”ساھابىلەردىن ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىبادەتلىرى ھەققىدە سورىغان. ئۇلارغا بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلار: ”بىز پەيغەمبەردەك بولالايتتۇقمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە كېلەچەكتىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان تۇرسا!“ دېيىشكەن ۋە بىرسى: ”مەن كېچىچە ئىبادەت قىلىمەن“، بىرسى: ”مەن ھەر كۈنى روزا تۇتىمەن“، يەنە بىرسى: ”مەن ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەي ئۆتىمەن“ دېگەن. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: ”سىلەر مۇنداق- مۇنداق دېگەن كىشىلەرمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان ۋە ئەڭ تەقۋادار كىشى. مەن بەزى كۈنلىرى روزا تۇتىمەن، بەزى كۈنلىرى تۇتمايمەن، كېچە ئىبادەتلىرىنى بەزىدە قىلىمەن، بەزىدە قىلماي ئۇخلايمەن، ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن مەندىن ئەمەس“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇشقا بۇيرۇغان. ئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز بۇ ئوتتۇرا ھاللىقنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.
پەيغەمبىرىمىز ئاسانلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە ئۆزىمۇ ئىشلارنىڭ ئاسان بولغىنىنى تاللايتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 185-ئايەت}. پەيغەمبىرىمىزمۇ: ”ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش بېشارەت بېرىڭلار، ئۈركۈتىۋەتمەڭلەر“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبىرىمىز ئىككى ئىش ئارىسىدا تاللاشقا دۇچ كەلسە گۇناھ بولمىسىلا ئاسىنىنى تاللايتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
راستچىللىقى
پەيغەمبىرىمىز راستچىل ئىدى. راستچىللىقنى تەۋسىيە قىلاتتى. تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇيرۇغان ئىشلار بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارىسىدا بىردەكلىك بار ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەمەس، ھەتتا مۇشرىك ئەبۇ جەھىل: ”مۇھەممەد سۆزلىرىدە راستچىل ئىدى، ئۇ ئۆمرىدە يالغان سۆزلەپ باقمىغان“ دېگەن بولسا، پەيغەمبىرىمىزگە قارشى چىققان نەدر ئىبنى ھارىس: ”مۇھەممەد ئىچىڭلاردىكى ھەممە ياخشى كۆرۈدىغان ياش ئىدى. ئەڭ راست سۆزلەيدىغان ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك بىرسى ئىدى“ دېگەن. ئەبۇ سۇفيان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېچقاچان يالغان سۆزلىمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
چاقچاق قىلغاندىمۇ راستچىللىقتىن چەتنەپ كەتمىگەن پەيغەمبىرىمىز: ”شۈبھىسىزكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق بولسا جەننەتكە باشلايدۇ“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ھەتتا يالغان ئارىلاشقان چاقچاقلارنىمۇ توغرا تاپمىغان پەيغەمبىرىمىز: ”چاقچاق بىلەن مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىشنى، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈشنى ۋە نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىۋېلىپ يوشۇرۇپ قويۇشلارنى چەكلىگەن“(ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئەلۋاقىدىينىڭ «كىتابۇل مەغازى» ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
سېخىيلىقى ۋە موھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقى
”پەيغەمبىرىمىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئىدى“(سۈنەن دارىمىيدا رىۋايەت قىلىنغان). مەردلىك–سېخىيلىق سۈپىتى جەھەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسى تەڭ كېلەلمەيتتى. ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورالسا ھەرگىز يوق دېمەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز: ”بېخىللىق ۋە يامان ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى ئىش مۇئمىن كىشىدە تېپىلمايدۇ“ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغىتىگە ئەمەس، پېقىر-مىسكىنلەرگە سەرپ قىلاتتى. ئۇ: ”ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇنۇم بولسا ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىشقا ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىمۇ يېنىمدا قالدۇرۇش مېنى خۇشال قىلمايدۇ“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز ھەممە ئادەمگە ياردەم قولىنى سۇناتتى، موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايتتى. خەبباب ئىبنى ئەرت ئۇرۇشقا ئەۋەتىلگىنىدە ئۆيىدە ھايۋانلىرىنى ساغىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. خەبباب ئۇرۇشتىن كەلگەنگە قەدەر پەيغەمبىرىمىز ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆچكىلىرىنى سېغىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان.
پەيغەمبىرىمىز يەنە بويتاق ياكى ئېغىر كۈندە قالغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشتىن ئۆزىنى تارتمايتتى، بەلكى بۇ خىل ئىشلاردىن زوق ئالاتتى(نەسەئى رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز بەزى كۈنلىرى باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ شۇنچىلىك چارچايتتىكى ھەتتا نەپلە نامازلارنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيتتى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
كەمتەرلىكى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنى يۇقىرى، مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولغىنى بىلەن ئۆزى ناھايىتى كەمتەر ئىدى. ھاكاۋۇرلۇقتىن، ماختانچاقلىقتىن يىراق ئىدى. پەيغەمبىرىمىز: ”مېنى ناسارالار ئىيسانى ئۇچۇرغاندەك ئۇچۇرماڭلار، مەنمۇ بىر بەندە. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلەر“ دەيتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئۇ زات يەنە كەمتەرلىك ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ تائالا ماڭا ۋەھيى قىلدىكى، سىلەر كەمتەر بولۇڭلار، ھېچكىم ھېچكىمگە چوڭچىلىق قىلمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمگە يوغانچىلىق قىلمىسۇن“(«رىيازىسسالىھىن»دا رىۋايەت قىلىنغان).
پەيغەمبىرىمىز ئۆيىدە بولسۇن، ياكى سىرتتا بولسۇن ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان). تۇل ئاياللار، يىتىم بالىلار ۋە يوقسۇل كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپۇپ، پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلاتتى، كېسەللەرنى يوقلايتتى، مېيىت نامازلىرىغا قاتنىشاتتى، ھەتتا قۇل-دېدەكلەر چاقىرغان يەرلەرگىمۇ باراتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). قوينىڭ بىر تۇيىقى ئۈچۈن مېھمانغا چاقىرىلسىمۇ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ھۇزۇرىغا كەلگەن بىر ياشنىڭ تىترەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: ”تىترىمە! مەن ھۆكۈمدار ئەمەس. مەن قۇرەيش قەبىلىسىدىن قاقلانغان گۆش يېگەن بىر ئايالنىڭ ئوغلى“ دېگەن(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز ئۆزىدىن ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان قاتتىق مۇئامىلىلىرىدىن ئۇلارغا ئاچچىقلىمايتتى ۋە ئىچىدە غۇم ساقلاپ ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنمايتتى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ھۈنەيىن ئۇرۇشىدىكى غەنىيمەت تەقسىماتىغا قارشى چىققان زۇلھۇۋەيسەرانىڭ: ”ئادىل تەقسىم قىلمىدىڭ“ دېگەن سۆزىگە ئاچچىقلىماستىن: ”مەن ئادىل تەقسىم قىلمىسام يەنە كىم ئادىل تەقسىم قىلار“ دېيىش ئارقىلىق چېچىلىپ يۈرمەستىن ئۆزىنى تۇتقانىدى. ھۇزۇرىغا كەلگەن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قوپال سۆز-ھەرىكەتلىرىگە سەۋر قىلاتتى.
ۋاپادارلىقى
پەيغەمبىرىمىز بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىپ كەلگەن، بىرسىگىمۇ خىلاپلىق قىلمىغان. ئابدۇللا ئىبنى ئەبىلھەمسەنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، ئۇ پەيغەمبىرىمىز بىلەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئېلىم-بېرىم مۇئامىلىسى قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە ئازراق بېرىشى بولۇپ مەلۇم بىر يەردە تاپشۇرۇپ بېرىشكە كېلىشىدۇ، ئەمما قىلىشقان بۇ ۋەدىنى ئابدۇللا ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى ئېسىگە كېلىپ دېيىشكەن يەرگە بارغاندا پەيغەمبىرىمىزنى شۇ يەردە ئۇچرىتىدۇ(ئىبنى سەئەدنىڭ «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا» ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان).
مېھرىبانلىقى
”پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ئەھلى جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەندۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 107-ئايەت}. ئۆزىگە ئازار بەرگەن، سۇيىقەست قىلغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرگىمۇ ھېچبىر زامان بەددۇئا قىلمىغان.
ئەقەبە كۈنى كۆرگەن ئەزىيەتلىرىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان پەيغەمبىرىمىزگە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ: ”ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەۋمىڭگە دېگەنلىرىڭنى ۋە قەۋمىڭنىڭ ساڭا بەرگەن رەددىيەلىرىنى ئاڭلاپ ساڭا تاغ پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنىڭغا خالىغىنىڭنى بۇيرۇغىن“ دېگەن... ۋە تاغ پەرىشتىسى: ”خالىساڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەككىدىكى ئىككى تاغنى دۈم كۆمتۈرەي“ دەپ ئەمرىگە تەييار بولۇپ تۇرغان بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز قەۋمىگە بەددۇئا قىلماي ئاللاھتىن پەقەت مۇنداق تىلەكتە بولغان: ”ئاللاھنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان ئەۋلادلارنى چىقىرىپ بېرشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئۇھۇد ئۇرۇشىدا بىر تال چىشى سۇنۇپ يۈزلىرى يارىلانغاندا، ساھابىلەر مۇشرىكلار ئۈچۈن بەددۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما پەيغەمبىرىمىز ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: ”مەن قارغىش ئۈچۈن ئەمەس، رەھمەت ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ۋە كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى دىنىي پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرگەن پەيغەمبىرىمىز بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ دىندىن يىراق قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
”مېھرىبان بولمىغان ئادەمگە ئاللاھ مېھرىبان بولمايدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)، دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان پەيغەمبىرىمىز: ”سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا، ئاندىن كامىل مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) دېيىش ئارقىلىق ئىمانى كامىللىقنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشكە باغلىغان.
سەۋر-تاقىتى ۋە ئەپۇچانلىقى
پەيغەمبىرىمىز ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ قوپال مۇئامىلىلىرىنى كۆرگەندە سەۋر قىلاتتى ۋە كەچۈرەتتى. ساھابىلىرىگە قىلىنغان قوپال مۇئامىلىلەرگىمۇ سەۋر قىلىش بىلەن بىرگە ساھابىلەرگە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ئىبرەتلىك ھېكايىلەر سۆزلەش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ سەۋرچانلىققا ۋە ئەپۇچانلىققا ئۈندەيتتى.
پەيغەمبىرىمىز بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە ھەممىسىگە تاقەت قىلغان. ئۇ تۇغۇلماي تۇرۇپ دادىسى ۋاپات بولغان، ئالتە يېشىدا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، سەككىز يېشىدا چوڭ دادىسى قازا قىلغان، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تەرك ئېتىپ ھەممە نەرسىسىنى ئۇ يەردە قالدۇرۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان، ئاياللىرىدىنمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلەر بولغان. يەتتە بالىسىنىڭ ئالتىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. شۇنچىۋالا جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۇرۇپمۇ ئۇچرىغان يامانلىقلارغا سەۋر قىلغان. ھەتتا يەكتىكىنى تارتىشتۇرۇپ، گەدەنلىرىنى قىزارتىۋەتكەنلەرنىمۇ، ھاياتىغا قەست قىلغانلارنىمۇ ئەپۇ قىلغان(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئىپپەت-ھايالىقى
پەيغەمبىرىمىز دۇئالىرىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ كەلگەن بىر ئىش ئىپپەتتۇر(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەر-ئاياللارنىڭ، قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەر ۋە ناشايان ئىشلاردىن ساقلىنىشنى سۆزلىگەن پەيغەمبىرىمىز، ئەر-ئاياللارنىڭ شەكىل-قىياپەتلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىۋېلىشلىرىنى توسقان(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
بۇلاردىن سىرت ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە باشقىچە نەزەردە قاراشلىرىنى توسقان پەيغەمبىرىمىز، سوئال سوراپ كەلگەن بىر ئايالغا ئىبنى ئابباسنىڭ دىققەت بىلەن قاراپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ئىبنى ئابباسنىڭ يۈزىنى توسۇۋالغان(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىز: ”ھەربىر دىندا ئەخلاق بار، ئىسلامدىكى ئەخلاق ھايادۇر“ دېگەن(ئىبنى مالىكنىڭ «مۇۋەتتا» ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان). ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىزنى: ”ئۆزىنى ھۇجرىسىدا ساقلىغان قىزدىنمۇ بەكراق ھايالىق ئىدى“ دەپ سۈپەتلەشكەن.
ھايا بىلەن ئىماننىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ۋە بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ بىر كىشىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاۋۋال ئۇنىڭدىن ھايانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ھاياسىز قالغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا باشلايدۇ-دە، ئۇنىڭدىن ئامانەت(ئىشەنچ)مۇ كۆتۈرۈلىدۇ، ئىشەنچسىز كىشى جىنايەتچىگە ئايلىنىدۇ، جىنايەتچى كىشىدە مېھىر-شەپقەت بولمايدۇ، مېھىر-شەپقەتسىز كىشى لەنەتگەردىگە ئايلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا قەلبىدىن ئىمان بىراقلا يوقىلىدۇ“(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاققا بۇيرۇپ يامان ئىش، يامان ھەرىكەتلەردىن توسقان نۇرغۇن ھەدىسلىرى بار. يۇقىرىدا پەقەت پەيغەمبىرىمىز ئەخلاقىدىن ئازغىنە ئۆرنەكلەر بېرىلدى. ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن ئۆزىمىزنى زىننەتلەشكە نېسىپ قىلسۇن!
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)