ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بولغىنى ئۈچۈن ئىسلامىي ئەخلاق ۋە ھەرىكەت مىزانى دەل »قۇرئان كەرىم« بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى مەنبە قىلغان. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىپ ۋەھيى چۈشۈرۈش بىلەن بىللە ئىنسانلار ئارا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاق پىرىنسىپىنىمۇ كۆرسەتكەن. ئاللاھ تائالا ‐ مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىدىغان تۈپكى ئەخلاق پىرىنسىپىنىڭ ياراتقۇچىسىلا ئەمەس، مۇسۇلمانلار ئەخلاق ھەرىكىتىنىڭ نازارەتچىسى ۋە ئاخىرقى ھۆكۈمدارى. ئىسلامىي ئەخلاققا مەجبۇرىي ھەيدەكچىلىك كەتمەيدۇ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىدىن قايناپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ھەربىر ئەمەلنى ئاللاھ يولىدا ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن بەجا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇ ھەربىر مۆمىنگە ئاللاھنىڭ دەرگاھى ئاداققى ماكان، ئاللاھنىڭ رىزاسى ئاداققى نىشان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ئىسلام ئەخلاق پىرىنسىپىدا مۇنداق تەكىتلىنىدۇ: ”ئادەم چوقۇم مەنىۋىيىتىنى يۈكسەك ئېتىقاد ۋە ئاللاھتىن قورقۇش ئىدىيەسى بىلەن رۇسلاش ئارقىلىق ئۆزىنى پاكلاپ پەزىلىتىنى نۇرلاندۇرۇشى؛ ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئەخلاقىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك“. دېمەك، مۇسۇلمانلار ئىسلامىي ئەخلاق پىرىنسىپى ئۆلچىمىگە قانداقتۇر پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھنىڭ مۇقەددەس ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز كامالىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق ئەمەل قىلىشى، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلماسلىقى شەرت.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلامىي ئەدەپ-يوسۇن ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)