ئىسلامىي ئەخلاق قارىشى نېمە ئۈچۈن ھەممىباب كېلىدۇ؟

 
ئىسلامىي ئەخلاق قارىشىدىكى رەھىمدىللىك بىلەن ئەپۇچانلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئەقەللىي ئادەمىيلىك. ئىسلامىي ئەخلاق قارىشىدا باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان پەۋقۇلئاددە ئەخلاق مىزانى ئاتايىن ياساپ چىقىلغان ئەمەس، ئۇنىڭدا باشقا ۋەھيىلىك دىن ۋە مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى ھۆرمەتكە ۋە ئىناۋەتكە ئېلىنغان. ئىسلامىيەتنىڭ تۈپ ئەخلاق قارىشى ئالاھىدە مەدەنىيەت، مۇئەييەن زامان، ماكان ۋە مىللەت بىلەن چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئىسلامىي ئەدەپ-ئەخلاقتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئەڭ تۈپكى مەسىلىلەر نەزەردە تۇتۇلىدۇ. ئىسلامىي قىممەت قارىشىدىكى ساۋابلىق ئېڭى ھەممىبابلىقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق ۋە مۇرەككەپ تەرەققىيات مەنزىلىدە ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشكەن. شۇنىڭدەك، ئىسلامىيەتتە ھارام قىلىنغان رەزىللىكلەرمۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك بېكىتىلگەن كاتېگورىيەگە ئاساسەن ئۇيغۇن.
 (مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئىسلامىي ئەدەپ-يوسۇن ھەققىدە سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)