مۇسۇلمانلارنىڭ كۈلكە-چاقچاق قىلىشتىكى ئەدەپ-قائىدىلىرى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئاللاھ تائالا بارلىق ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ھايالىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزئارا ئوچۇق چىراي بولۇپ، ئىناق، ئىتتىپاق ياشاشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق گۈزەل ئەخلاقلىرىنى بىزگە ئۈلگە قىلىپ ماختاپ: ”(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“{سۈرە«قەلەم»(68-سۈرە)، 4-ئايەت} دېگەن. شۇڭا رەسۇلۇللاھنىڭ بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرى، ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ئۆز ساھابىلىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قىلغان سۈكۈتلىرى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يۇقىرىقى ئايەتتە ماختالغان گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن بىرى بولغان، لەتىپە-چاقچاق قىلىشتىكى ئەدەپ-قائىدىلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈشىمىز زۆرۈر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تولىمۇ ھايالىق ۋە خۇش چاقچاق زات ئىدى. ئۇ ساھابىلىرى بىلەن چاقچاق قىلىشقاندا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، بىمەنە، تېتىقسىز سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەيتتى. پەقەت ھەق ۋە ئېيتقان سۆزلەر كەلگۈسىدە راستقا ئايلىنىدىغان ئەمەلىي چاقچاقلارنى قىلاتتى، ھەم ساھابىلىرىنى ئۆز چاقچاقلىرى بىلەن ھەيران قالدۇراتتى. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ساھابىلەر: ’ئى رەسۇلۇللاھ! سەنمۇ بىز بىلەن چاقچاق قىلىشامسەن؟‘ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’مەن ھەقىقەتەن ھەق سۆزدىن باشقىنى(چاقچاق قىلىپ) دېمەيمەن‘ دېگەن“(تىزمىزى رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىرىغا، ياشلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ كىچىك پەرزەنتلىرىگە لايىقىدا چاقچاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىگە خۇرسەنلىك بېغىشلاپ، غەم-قايغۇسىنى يوقىتىشقا تىرىشاتتى. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىمىزنىڭ چاقچاق قىلىشتىكى ئەدەپ-قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشىمىز كېرەك.

1.چاقچاق قىلماقچى بولغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىغا ۋە ئىناۋىتىگە چېقىلىشنى مەقسەت قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەسىدە، يۈرۈش-تۇرۇشىدا ياكى ئىقتىدارىدا يېتەرسىز تەرەپلىرىنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ئۇلار بۇ خىل يېتەرسىزلىككە ئۆكۈنۈش، مەيۈسلىنىش ۋە ئازابلىنىش ھېسسىياتىدا بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل يېتەرسىزلىكلىرىنى يوققا چىقىرىپ، مەنىۋىيىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى، ياخشى خىسلەتلىرىنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغاندا ئېرىشىدىغان نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدىغان چاقچاقلارنى قىلىپ، ئۇلارغا روھىي ئوزۇق ئاتا قىلالىساق بۇ خىل چاقچاق، يوللۇق ۋە توغرا ئۇسۇلدا بولغان چاقچاق ھېسابلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا قېرىپ روھى چۈشۈپ كەتكەن بىر ئايال كېلىپ، ئۆزىنىڭ جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قېرىلىق ھالىتىدە ئەمەس، پەقەت ياش ۋە چىرايلىق قىزچاق ھالىتىدە جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىپ راست چاقچاق قىلغان. بۇ ھەقتە ھەسەن بەسرى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر قېرى ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ”ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالانىڭ مېنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىگە دۇئا قىلىپ قويغىن“ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”(چاقچاق قىلىپ) ئى پالانىنىڭ ئانىسى! قېرى ئايال جەننەتكە كىرمەيدۇ“ دېگەندە، ئۇ ئايال يىغلىغان ھالەتتە كېتىپ قالغان. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ساھابىلىرىغا): ”ئۇ ئايالغا خەۋەر بېرىپ قويۇڭلار، ھەقىقەتەن ئۇ قېرىلىق ھالىتىدە جەننەتكە كىرمەيدۇ(پەقەت ياش قىزچاق ھالىتىدە كىرىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ تائالا: ’شۈبھىسىزكى، بىز ھۈرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق‘{سۈرە«ۋاقىئە»(56-سۈرە)، 3537-ئايەتلەر} دېدى، دېگەن“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا قورۇنماي ئەركىن-ئازادە چاقچاق قىلىشىپ مۇڭدىشىش بولسا، ئۆزئارا دوستلۇقنى ۋە ئىناق، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق چاقچاق قىلىشقاندا قارشى تەرەپنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ ئۇنى كەمسىتىدىغان ياكى ئىناۋىتىگە، ئابرۇيىغا دەخلى قىلىدىغان چاقچاقلارنى قىلماي، ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلىدىغان ۋە روھىيىتىنى كۆتۈرىدىغان چاقچاقلارنى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەھرا كىشىلىرىدىن زاھەر ئىبنى ھەرەم ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەھرادىن(مېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ) ھەدىيە قىلاتتى. ئۇ(سەھراغا) چىقىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا(شەھەرنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى) تەييارلاپ بېرەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ھەقىقەتەن زەھرا بىزنىڭ سەھرايىمىز(يەنى بىزگە سەھرادىن ھەدىيە ئېلىپ كېلىدۇ)، بىز ئۇنىڭ شەھىرى(يەنى بىز ئۇنىڭغا شەھەرنىڭ نەرسىلىرىنى ھەدىيە قىلىمىز)“ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ بولسا كۆرۈمسىز(ئادەم) ئىدى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ(شەھەردە) نەرسە-كېرەكلىرىنى سېتىۋاتقاندا قېشىغا كېلىپ، ئۇنى ئارقىسىدىن قۇچاقلىۋالدى. زاھەر ئىبنى ھەرەم رەسۇلۇللاھنى كۆرەلمەي: ”كىم بۇ؟ مېنى قويۇۋەت“ دەپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇۋېلىپ ئۇنى ھاپاش قىلىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىم بۇ قۇلنى سېتىۋالىدۇ؟“ دېدى. زاھەر ئىبنى ھەرەم رەسۇلۇللاھقا: ”ئۇنداقتا ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ(بازىرىمنىڭ) كاسات ئىكەنلىكىنى بايقايسەن“ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”لېكىن سەن ئاللاھنىڭ نەزەرىدە قىممەتلىكسەن“ دېدى(ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس شەرىفتىن رەسۇلۇللاھنىڭ چاقچاققا ئىنتايىن ماھىر زات ئىكەنلىكى ۋە يۈز-ئابرۇيى تۆۋەن ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئارتۇقچىلىقلىرىنى خالايىقلار ئالدىدا چاقچاق قىلىش ئارقىلىق ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتى ئۈچۈن قىلچە زىيان سالالمايدىغانلىقى بىلەن خۇش بېشارەت بېرىپ، ئۆزئارا ئۇنتۇلماس ئىناق، ئىتتىپاقلىق مۇھىتىنى بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

2.چوڭ ئادەملەرمۇ كىچىك بالىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆز لايىقىدا توغرا چاقچاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق چوڭلار بىلەن قورۇنماي پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنىڭ كىچىك بالىلىرىغىمۇ چاقچاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە خۇرسەنلىك ئاتا قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: ”ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(گۈزەل ئەخلاقلىق بولغاچقا) بىز بىلەن ئارىلىشىش ئۈچۈن(بىزدەك كىچىك بالىلارنىڭ كۆڭلىگە خۇرسەنلىك كىرگۈزۈش ئارقىلىق) چاقچاق قىلىپ ئەھۋال سورايتتى، ھەتتا مېنىڭ(ئەبۇ ئۆمەير ئىسىملىك) ئىنىمغا: ’ئى ئابا ئۆمەير! نۇغەير ئىسىملىك بۇلبۇل نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟‘ دەپ ئەھۋال سورايتتى(نۇغەير ئىسىملىك بۇلبۇل ئۇنىڭ ئوينايدىغان قۇشى ئىدى. ئۇ ئۆلۈپ قالغاندا رەسۇلۇللاھ يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەنىدى)“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3.كۆپىنچە كىشىلەر باشقىلاردىن نەرسە-كېرەك سورىغاندا، ئۇلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ. بىراق، بىر ئادەم رەسۇلۇللاھتىن مىنىدىغان ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە لەتىپە-چاقچاق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى غەمدىن خالاس قىلىپ بىر تۆگىگە مىندۈرۈپ قويماقچى بولغان. بۇ ھەقتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: ”ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا مىنىدىغان ئۇلاغدىن بىرنى بەرگىن“ دېگەن. رەسۇلۇللاھ: ”مەن سېنى چىشى تۆگىنىڭ بالىسىغا مىندۈرۈپ قوياي“ دېگەندە، ئۇ ئادەم: ”چىشى تۆگىنىڭ بالىسىنى نېمە قىلىمەن؟“ دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”چىشى تۆگىدىن باشقا(تۆگە) تۇغامدۇ؟ دەپ چاقچاق قىلغان“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس شەرىفتىكى رەسۇلۇللاھنىڭ: ”چىشى تۆگىدىن باشقا(تۆگە) تۇغامدۇ؟“ دېگىنىدىن، ھەرقانداق چوڭ تۆگىنىمۇ چىشى تۆگە تۇغىدۇ، دېگەن مەنىدە يۇمۇرلۇق چاقچاق قىلغانلىقى ئايان بولۇپ تۇرىدۇ. دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەربىر سۆزلىرىگە ئىللىقلىق، مۇلايىملىق ۋە خۇشخۇيلۇق يوشۇرۇنغان بولغاچقا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانكى ساھابىلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ياخشى تەسىر قالاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدىكى يىراققا كېتەلمەيدىغان پەرۋانىلەرگە ئايلانغانىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇلايىملىقى ۋە خۇشخۇيلۇقىنى بىز مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە قىلىپ ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ: ئەگەر سەن قوپال، باغرى قاتتىق  بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 159-ئايەت}. بۇ ئۇلۇغ ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن بارلىق مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارلىرى ھېسابلاپ، كىشىلەرنى توغرا يولغا بۇيرۇش، يامان يولدىن توسۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەربىر ئالىم-ئۇلىمالار ئۆزىمىزگە كەڭ قورساقلىقنى، مۇلايىملىقنى ۋە خۇش چاقچاقلىقنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، باشقىلارنى گۈزەل ئەخلاقىمىز ئارقىلىق قايىل قىلىپ، توغرا يولغا يېتەكلىشىمىز لازىم.

4.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى مۇكەممەل بىر ئىنسانىي ھايات ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك ئىدى. ئۇ ئۆزى يالغۇز بولغان چاغلاردا ئىككى پۇتى ئىششىپ كەتكەنگە قەدەر ناماز ئوقۇيتتى. ھەقتە چىڭ تۇرۇپ ئاللاھقا سىغىناتتى. لېكىن، تۇرمۇشتا ۋە كىشىلەر بىلەن بىللە بولغاندا ئوچۇق چىرايلىق بولۇپ تەبەسسۇم قىلىدىغان، ئوينىشىپ چاقچاق قىلىدىغان، ئەمما چاقچىقىدىمۇ ھەقتىن باشقىنى دېمەيدىغان زات ئىدى. بۇ ھەقتە نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرىشكە رۇخسەت سوراۋاتقاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاۋازىنىڭ ئۈستۈن چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئاندىن(ئۆيگە) كىرگەن چاغدا، ئۇنىڭ يۈزىگە كاچات بىلەن ئۇرماقچى بولۇپ: ’مەن(بۇنىڭدىن كېيىن) سېنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئۈستۈن ئاۋازدا سۆز قىلغانلىقىڭنى كۆرۈپ قالماي!‘ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى توسۇۋالغان ئىدى، ئەبۇ بەكرى غەزەپلەنگەن ھالەتتە چىقىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى چىقىپ كەتكەندە(ئائىشەگە): ’مېنىڭ سىزگە بولغان مۇئامىلەم قانداقراقكەن؟ مەن سىزنى دادىڭىزنىڭ(تايىقىدىن) قۇتقۇزۇپ قالدىم‘ دەپ چاقچاق قىلدى. ئاندىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىشكە) رۇخسەت سوراپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدى، ئاندىن ئەبۇ بەكرى ئۇلارغا: ’ئىككىڭلار(ئىلگىرى) مېنى ئۇرۇشۇپ قالغان ھالىتىڭلاردا كىرگۈزگەندەك يارىشىپ قالغان ھالىتىڭلاردا كىرگۈزۈڭلار‘ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’ھەقىقەتەن شۇنداق قىلدۇق، ھەقىقەتەن شۇنداق قىلدۇق‘ دېدى“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىستىمۇ رەسۇلۇللاھ ئۆز تۇرمۇشىدىكى بەزىبىر خاپىلىقلارنى چاقچاق قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن شاد-خۇرام تۇرمۇش قۇرۇپ ياشىغان. دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ خۇشاللىقنى ۋە خۇشاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلارنى تولىمۇ ياقتۇرىدىغانلىقى تۆۋەندىكى ھەدىس شەرىفتىمۇ ئېنىق بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سەپەرگە چىققان ئىدىم، (يۈگۈرۈشتە) مۇسابىقىلىشىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم. كېيىن مەن سەمىرىپ كەتكەن چېغىمدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە مۇسابىقىلەشتىم، بۇ قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىمغا ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(چاقچاق قىلىپ): ’بۇ ئىلگىرىكىسى بىلەن تەڭلەشتى‘ دېدى“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس شەرىفتىن چاقچاقلىشىش، مۇسابىقىلىشىش ۋە چېلىشىشنىڭ مويسىپىتلىك، ئىلىم، شەرەپ ۋە پەزىلەت قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە زىت كەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشى ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىز بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ئەللىكتىن ھالقىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلەر لەتىپە-چاقچاقلاردا گۇناھ بار دەپ قارىمايتتى. چۈنكى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭمۇ بەزى چاغلاردا چاقچاق قىلغانلىقىنى، بەزى چاغلاردا چاقچاقتىن شادلانغانلىقىنى كۆرگەن. نەتىجىدە ئۇلارغا باشتىن-ئاخىر كەڭ قورساقلىقنى ئۇقتۇرىدىغان، كۈلكە-چاقچاقتىن ۋە قىزىق پاراڭلاردىن زوق ئالىدىغان ئورۇن ھازىرلىغان. بۇ ھەقتە ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇللا مۇنداق دېگەن: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى(ئۆزئارا بىر-بىرىگە) تاۋۇز ئېتىشاتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار چوڭ-چوڭ كىشىلەر ئىدى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئىسلام دىنى چاقچاقنىڭ چاقچاق قىلغۇچىنى ئەمەلىيەت، ھەقىقەت دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئەرلىك يالقۇنىنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدىغان، پەقەتلا جۇشقۇن-تېتىك، قەلبلەردە ۋە ئۆتكۈر ئەقىللەردە ئۆز مەقسەت-مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نورمالىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ ساھابىلىرىمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلار كۈلكە-چاقچاق ۋە قىزىقچىلىق قىلىشاتتى، ھەرگىزمۇ سىرلىق بولۇۋېلىپ بىر-بىرىگە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرۇۋالىدىغان ئىشنى قىلمايتتى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىنىڭ ھەققىنى تونۇغانلىقتىن ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە لايىق ئىش قىلغانلىقىدىن ئىدى. چۈنكى، ئۇلار كۆڭلىنى ئۆز يولىدا ئارام ئالدۇرغاندىلا ئىبادەتلەرنى ئوبدان ئورۇندىغىلى بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشۈنۈپ يەتكەنىدى. بۇ ھەقتە قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى كۈلكە-چاقچاق قىلىشامتى؟ دەپ سورالغاندا، ئىبنى ئۆمەر: ”ھەئە(كۈلكە-چاقچاق قىلاتتى)، ۋەھالەنكى ئىمان ئۇلارنىڭ قەلبىدە تاغدىنمۇ كاتتا ئىدى“ دېگەن(شەرھى سۇننەدە رىۋايەت قىلىنغان، «مىشكاتۇل مەسابىھ»). بۇ ھەدىسكە ئاساسەن مۇسۇلمانلار يۇمۇرلۇق چاقچاقلارنى قىلىشىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى شادلاندۇرسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئايان بولىدۇ.

5.مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنى خۇش چاقچاقچى ھېسابلاپ، باشقىلارغا خالىغانچە چاقچاق قىلىۋېرىدىغان ئادەتكە ۋە خۇي-مىجەزگە كۆنۈپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ ھەقتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى كۆپ كۈلسە ئۇنىڭ ھەيۋىتى(ھۆرمىتى) ئازلاپ كېتىدۇ، كىمكى چاقچاق قىلسا يەڭگىل قىلسۇن“(«تەربىيەتۇل ئەۋلاد فىلئىسلام»، ئەرەبچە نەشرى، 1-قىسىم، 453-بەت). شۇڭا ئاتا-بوۋىلىرىمىز ”سۆزۈڭدىكى چاقچاق تاماققا تۈز سالغانچىلىك بولسۇن“ دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. دېمەك، تاماققا تۈزنى ھەددىدىن زىيادە سالسا شاكىراپ بولغاندەك، گەپ-سۆزدە كۈلكە-چاقچاق ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتسە، ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ھۆرمىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

6.ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆرنەك قىلماقچى بولغان مۇسۇلمان باشقىلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئىززەت-نومۇسىنى ئويۇن-چاقچاق ۋە قىزىقچىلىق ئوبيېكتى قىلىۋېلىشتىن قەتئىي ھەزەر قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى(يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم(ئاللاھنىڭ نەزەرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن“{سۈرە«ھۇجۇرات»(49-سۈرە)، 11-ئايەت}. بۇ ئايەتكە ئاساسلانغاندا چاقچاق قىلىش باھانىسى بىلەن باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىغا ۋە ئىناۋىتىگە چېقىلىپ مەسخىرە قىلىش ۋە كەمسىتىش ئىنتايىن ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىشى ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر، بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىغا، ئابرۇيىغا ۋە مېلىغا چېقىلىشى ھارامدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشىڭلارغا، سۈرىتىڭلارغا، ئىش-ھەرىكىتىڭلارغا قارىمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا قارايدۇ“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

7.دوست-بۇرادەرلىرى رازى بولغان شارائىتتا، ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى، يۈرۈش-تۇرۇشىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بەزىبىر نۇقسانلىق تەرەپلىرىنى مەسخىرە قىلىش ياكى كەمسىتىشنى نىيەت قىلماي، بەلكى چاقچاق قىلىش مەنىسىدە قوللانسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ھەقتە سەھىل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(قىزى) فاتىمەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئەلىنىڭ ئۆيىدە يوقلۇقىنى كۆرۈپ: ’تاغىڭىزنىڭ بالىسى نەگە كەتتى‘ دەپ سورىدى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ’بىز تاكاللىشىپ قالغان ئىدۇق، ئۇ ئاچچىقىدا چىقىپ كەتتى، شۇڭا ئۆيدە چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى ئۇخلىمىدى‘ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرسىگە: ’بېرىپ ئەلىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ باق‘ دېدى، ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ’ئەلى مەسچىتتە ئۇخلاۋېتىپتۇ‘ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتكە كېلىپ، ئەلىنىڭ يېنىچە يېتىپ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى، كىيىمىنىڭ بىرتەرىپى توپا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلىنىڭ كىيىمىنى قېقىشتۇرغاچ: ’ھەي ئابۇ تۇراب(توپىنىڭ ئاتىسى) تۇرغىن، ئەبۇ تۇراپ، تۇرغىن‘ دېدى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس شەرىفتىكى رەسۇلۇللاھنىڭ ”ھەي ئەبۇ تۇراپ(توپىنىڭ ئاتىسى) تۇرغىن“ دېگىنىدىن ئۆزىنىڭ كۈيئوغلى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كۆيۈنگەنلىكى ھەم چاقچاق قىلىپ كۆڭلىنى ئالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. يەنە تۇفەيل ئىبنى ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەتىگەندە بازارغا باراتتى. تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: ”بىز بازارغا كەلگەندە ئابدۇللا مەيلى كونا مال ساتقۇچى، مەيلى سودىگەر، مەيلى مىسكىن، مەيلى باشقا كىشى بولسۇن، ھەممە ئادەمگە سالام بېرەتتى. بىر كۈنى ئابدۇللانىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ مەن بىلەن بازارغا ماڭدى. مەن ئۇنىڭغا ’بازاردا نېمە قىلىسەن؟ يا بىرەر سودا قىلمايسەن، يا مال باھاسىنى سورىمايسەن، يا مالغا خېرىدار بولمايسەن، يا بازاردىكى بىرەر سورۇندا ئولتۇرمايسەن، بۇ جايدا پاراڭلىشايلى‘ دېدىم. ئۇ: ھەي يوغان قورساق(تۇفەيل قورساقلىق ئادەم ئىدى)، شۈبھىسىزكى، بىز بازارغا ئۇچرىغانلىكى كىشى بىلەن سالاملىشىۋېلىش ئۈچۈن بارىمىز‘ دېدى“(مالىك رىۋايەت قىلغان).

مانا بۇ ھەدىستىمۇ ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ئۆزىنىڭ يوغان قورساقلىق بۇرادىرى تۇفەيلنى ”ھەي يوغان قورساق“ دەپ ئاتىغان. چۈنكى بۇ سۆز ئۇنى مەسخىرە ياكى كەمسىتىپ دېيىلگەن سۆز بولماستىن، بەلكى بىر-بىرىگە كۆڭلى سىغىشىپ، چاقچاقلىشىپ ئېيتىلغان سۆزدۇر.

8.مۇسۇلمان ئادەم چاقچاققا يالغان سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ، باشقىلارنى ئالداشقا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى لازىم. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىر بەندە چاقچاقتىكى يالغانچىلىقنى راست بولغان تەقدىردىمۇ جېدەل-ماجىرانى تەرك ئەتمىگۈچە ئىمانى كامىل مۇئمىن بولالمايدۇ“(ئىمام ئەھمەد، تەبەرانى رىۋايەت قىلغان). شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىلارنى كۈلدۈرۈپ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدىغان بولۇۋالسىمۇ بولمايدۇ. بۇ ھەقتە بەھزى ئىبنى ھەكىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاتىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدىغان ئادەملەرگە ۋاي، ئۇنىڭغا ۋاي، ئۇنىڭغا ۋاي“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى بارلىق ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ماڭىدىغان مۇئمىنلەردىن قىلسۇن، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2010-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى)