قۇرئان كەرىمنىڭ بايان ۋە تىل ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش

جارۇللا يۈسۈپ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

قۇرئان كەرىم ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ قانۇنى، نىزامنامىسى ۋە قانۇن چىقىرىش ئاساسىي، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى ۋە مىزانى، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس ساماۋى كىتاب.

قۇرئان كەرىمنى ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغاندىمۇ، ئۇنى مۇكەممەل بەدىئىي ئەسەر دېيىش مۇمكىن. چۈنكى، بەدىئىي ئەدەبىياتقا تەۋە بولغان نۇرغۇن ئامىل، تەرەپلەر قۇرئان كەرىمدە ئىپادىسىنى تاپقان. قۇرئان كەرىمنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە، قۇرئان كەرىمنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە، مۇكەممەللىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بولۇپمۇ، تىل، قۇرۇلما، ئېستېتىكا ۋە ئىستىلىستىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئۆزگىچە ھالەتتە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، خاس بەدىئي ئۇسلۇب ھاسىل قىلغان.

1.بايان تىلىدىكى شەخس

قۇرئان كەرىمدە بايان تىلىنىڭ ئىپادىلىنىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئۈچ شەخس تىلى ۋە ئۇنىڭ بىرلىك، كۆپلۈك تۈرىنىڭ ھەممىسى قوللىنىلغان، قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭدا ئۈچ شەخس تىلىنىڭ كۆپلۈك تۈرى(بىز، سىلەر، ئۇلار) كۆپرەك ئىشلىتىلگەن.

ئادەتتە ئەدەبىياتتا ئۈچ شەخس تىلىنى تەڭ قوللىنىش كۆرۈنمەيدۇ. كۆپىنچە پروزا ئەسەرلىرى 1-، 3-شەخس تىلى بىلەن، نەسىر ژانىرى 1-، 2-شەخس تىلى بىلەن يېزىلىدۇ. لېكىن قۇرئان كەرىمدە ئۈچ شەخس تىلىنىڭ بىرلىك ھەم كۆپلۈك تۈرى ئۇستىلىق، ماھىرلىق بىلەن باغلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلغان. شەخس تىللىرى يۆتكەلگەندە، كۆپىنچە دىئالوگ تىلى ئارقىلىق ئايەتلەر بىر-بىرىگە چېتىلغان. شەخس تىللىرىنىڭ ئارىلاشما ھالەتتە قوللىنىلىشى قۇرئان كەرىمنىڭ باش قىسمىدىكى ئۇزۇن سەھىپىلىك سۈرىلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. كەينى قىسمىدىكى قىسقا سەھىپىلىك سۈرىلەر بولسا، بىۋاسىتە ھالدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن 3-شەخس تىلى بىلەن بايان قىلىنغان. مەسىلەن: 98-سۈرىدىن 114-سۈرىگىچە بولغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالادىن بىۋاسىتە 3-شەخىس تىلى(ئاپتور تىلى) ئارقىلىق بايان قىلىنغان.

ئۈچ شەخس تىلى تەڭ ھالەتتە قوللىنىلغان سۈرىلەردىن مىسال ئۈچۈن «بەقەرە» سۈرىسىدىن بىر قىسىم ئايەتلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: 1-شەخس(بىرلىك): ”مەن ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىمەن. ناھايىتى مېھرىبانمەن“(160-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)؛ 1-شەخس(كۆپلۈك): ”بىز مۇساغا كىتاب بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق“(87-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)؛ 2-شەخس(بىرلىك): ”سەن ئەھلى دوزاخ توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن“ (119-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)؛ 2-شەخس(كۆپلۈك): ”نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار“(43-ئايەت)؛ 3-شەخس(بىرلىك): ”ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ“(255-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)؛ 3-شەخس(كۆپلۈك): ”ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن مال-مۈلۈكتىن(ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان... كىشىلەردۇر“(3-ئايەت).

«بەقەرە» سۈرىسىدە ئۈچ شەخس تىلى ۋە ئۇنىڭ بىرلىك ھەم كۆپلۈك تۈرى ئارىلاش ھالەتتە قوللىنىلسىمۇ، ھېچقانداق مەنتىقىسىزلىق، لوگىكىسىزلىق شەكىللەنمىگەن، بەلكى چۈشىنىشلىك، ئېنىقلىق دەرىجىسى يەنىلا يۇقىرى بولغان.

2.باياندىكى خاسلىق

 قۇرئان كەرىمدىكى بايان تىلىنىڭ ئۆزگىچە ھالەتتە بولۇشىدىنمۇ، بىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ۋە ئايرىم سۈرىلىرىدىن قانداق ژانىرغا تەۋە ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشكە ئامالسىز قالىمىز. تىلنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىدىن شېئىر، پروزا، نەسىر ياكى ماقالە دېيەلمەيمىز. پەقەت ئوخشىشى، تەڭدىشى يوق ئەسەر دېيىشكە مەجبۇر بولىمىز. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، ھەرقايسى ئەدەبىي تۈر ۋە يېزىقچىلىق شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇرئان كەرىمدىن تېپىش مۇمكىن. بۈيۈك كالامنىڭ بەزى سۈرىلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا قۇرۇلما ۋە شەكىل جەھەتتىن بەزىلىرى شېئىردەك، بەزىلىرى ھېكايە-قىسسىدەك، بەزىلىرى نەسىردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەسىلەن: 112-سۈرە«ئىخلاس»، 113-سۈرە«فەلەق»، 114-سۈرە «ناس»لارنى شېئىردەك، 12- سۈرە«يۈسۈف»نى ھېكايە ياكى قىسسىدەك، 100-سۈرە«ئادىيات»نى نەسىردەك ھېس قىلىمىز. بۇ پەقەت بۇ سۈرىلەرنىڭ شەكىل جەھەتتىكى قۇرۇلمىسىغا قارىتا ئېيتىلغان ھۆكۈم. ئەمما شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇ سۈرىلەرنىڭ مەزمۇنىدەك مەزمۇننى پەقەت ئاللاھلا  مەيدانغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەدىب، يازغۇچىلار پەقەت قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە-ئايەتلەرنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى يېزىقچىلىق ئىلمىدا ئۆرنەك قىلالىغان.

3.قۇرئان كەرىمنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى

1) ئوبرازلىقلىقى: قۇرئان كەرىم تىلىنىڭ ئوبرازلىق بولۇشىمۇ، كالامنىڭ تىل جەھەتتىكى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلغان. قۇرئان كەرىم تىلىنىڭ ئوبرازلىق ھالەتتە ئىپادىلىنىشى كىتابخان ۋە ئوقۇغۇچىلاردا، كالامغا بولغان كۈچلۈك سۆيۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ. تىلنىڭ ئىنتايىن ئوبرازلىق، رېتىملىق، جانلىق ئىپادىلىنىشى قۇرئان كەرىمنى ئەڭ گۈزەل بەدئىيلىك ۋە تەڭداشسىز ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە قىلغان. مەسىلەن: ”ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز سىياھ بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلۇپ سىياھ بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ“{سۈرە«لوقمان»(31-سۈرە)، 27-ئايەت}.

بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا ھېكمىتىنىڭ چەكسىزلىكى ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن. ئايەت تىلى بىزگە ئېنىق چۈشەنچە بېرىپ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت-كامالى، كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە چەكسىزلىكى ۋە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇنداقلا، مۇقەددەس قۇرئان كەرىمگە بولغان تونۇشىمىز، چۈشەنچىمىزنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھېكمەتلەر بىلەن تولغان سۆزىنىڭ بىر قىسمى، يىغىنچاقلىنىشى ياكى دېڭىزدىن تامچە ھالەتتىكى يارقىن ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. شۇنداقلا كۆڭلىمىزدە ئۆزىنىڭ چەكسىز كەتكەن سۆزىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلماي، بىزنى قىيىن ئىشلارغا دۇچار قىلمىغان قۇرئان كەرىم ئارقىلىقلا بىزنى كۇپايىلەندۈرگەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار ئېيتقۇزىدۇ.

”شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى(ئەقلى تۇرۇپمۇ) ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدىغان گاس-گاچىلاردۇر“{سۈرە«ئەنفال»(8-سۈرە)، 22-ئايەت}. بۇ ئايەت تىلىمۇ ئوبرازلىق ھالەتتە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئايەتنىڭ كىشىلەرگە بولغان تەسىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان. ئايەت ئېيتىلىش سوستاۋىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىمۇ كەسكىنلىك تۈسى بېرىپ، كىشىلەر ئېڭىدا جىددىي ئويلىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۆز سالاھىيىتى، مەيدانىنى مۆلچەرلەش، باھالاپ بېقىش خاھىشى شەكىللىنىدۇ. ئايەتتە يەنە تەنە قىلىش پۇرىقىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. قىسقىسى، يۇقىرىقى ئىككى ئايەت تىلىنىڭ ئوبرازلىق بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئايەتكە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى جىددىي ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

2) ئۆتكۈر، جانلىقلىقى: قۇرئان كەرىم تىلىنىڭ ئۆتكۈر، جانلىق بولۇشىمۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. قۇرئان كەرىم تىلىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى مۇنۇ ئايەتلەردىن ھېس قىلىۋېلىش مۇمكىن: ”سەن زېمىندا كۆرەڭلەپ ماڭمىغىن، (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە غادايغىنىڭ بىلەن) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن“{سۈرە«ئىسرا»(17-سۈرە)، 37-ئايەت}.

بۇ ئايەتتە قوللىنىلغان تىل ئىنتايىن ئۆتكۈر ھالەتتە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنى كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ھەر ۋاقىت بەندىلىك سالاھىيىتىنى ئۇنتۇماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئايەت تىلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ئايەتنىڭ پەندى-نەسىھەت بېرىش خاراكتېرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، كىتابخانلار قەلبىدە كۈچلۈك چۆچۈش، خىجىل بولۇش خاھىشى پەيدا قىلىدۇ: ”توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ“{سۈرە«جىن»(72-سۈرە)، 15-ئايەت}.

بۇ ئايەت تىلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، ئايەتنى سۈرلۈك تۈسكە ئىگە قىلىپ، كىتابخانلاردا قورقۇش، ھودۇقۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئايەتنى ئوقۇغان ياكى قۇلىقى بىلەن ئىشتكەن كىشىدە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي، چىن ئىنسانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىنى باھالاپ، مۆلچەرلەپ بېقىش خاھىشى شەكىللىنىدۇ. ئەگەر توغرا يولدىن ئازغۇچى بولسا، دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان دوزاختا، خۇددى ئوتۇن پاراسلاپ، يالقۇن ئېلىپ كۆيگەندەك ئۆزىنىڭمۇ كۆيىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، تېنى جىغىلداپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىدۇ. شۇ چاغدا ئاللاھ ھىدايەت بەرسە، دەرھال تەۋبە قىلىپ، ھەقىقەتكە(توغرا يولغا) ماڭغۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، بىر قانچە سۆزدىنلا تۈزۈلگەن بۇ ئايەت تىلى تولىمۇ ئۆتكۈر، جانلىق ھالەتتە ئىپادىلەنگەن، مۇشۇ بىر ئايەتلا بىر ئىنساننىڭ ئۆز سۈپەت، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋىلىشىغا سەۋەبچى بولۇشى ئەقەللىي ئىش، ئەلۋەتتە.

يۇقىرىقى ئىككى ئايەتتىنلا بىز قۇرئان كەرىم تىلىنىڭ ئۆتكۈر، جانلىقلىقتا ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن پىشقان تىل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

3) ئىخچام ۋە ئېنىقلىقى: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئىنتايىن ئىخچام، ئېنىق، مېغىزلىق ھالەتتە ئىپادىلەنگەن، ئايەتلەر بىر قانچە سۆزدىنلا تۈزۈلسىمۇ، ئەمما ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بولۇشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بەزىلىرى بىرلا سۆزدىن، بەزىلىرى بىرقانچە سۆزدىن تۈزۈلگەن. سۆزلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇراشتۇرۇلىشىدا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر-بىرىنى تەستىقلاپ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى بويىچە تەرتىپلىك ھالەتتە باغلاشتۇرۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كەم بولۇپ قالغان ياكى ئارتۇق بولۇپ قالغان، ئېلىۋەتسىمۇ بولىدىغان، قوشۇپ قويسىمۇ بولىدىغان سۆز ياكى ئايەت مەۋجۇت ئەمەس. قۇرئان كەرىم تىلىنىڭ ئىخچام، ئېنىق، مېغىزلىق بولۇشى كالامۇللاھنىڭ 10 نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزگەرتىلمەي، ئەسلى ھالىتى بىلەن ساقلىنىپ كېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. مەسىلەن: ”ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر“{سۈرە«تۇر»(52-سۈرە)،21-ئايەت}.

بۇ ئاددى جۈملە شەكلىدىكى ئايەت بۆلىكى ئالتە سۆزدىنلا تۈزۈلگەن، ئەمما ئىپادىلىگەن مەزمۇن ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بولۇپ، بۇ بىر ئايەت ئارقىلىقلا بىز تۆۋەندىكىدەك پەلسەپىۋى ئىدىيىنى ھېس قىلالايمىز: ھەرقانداق بىر ئادەم ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بىر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ بۇيرۇغان بارچە ئىشنى بەجا كەلتۈرۈشى، ئاللاھتىن قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق نازىل قىلغان ۋەھيىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ بەخت-سائادىتىنى، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ، يەنى ئاللاھ تائالا ئۆزى ئېيتقاندەك: ”ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ“{سۈرە«نەجم»(53-سۈرە)، 39-ئايەت}؛ ”ئاللاھ سىلەرنى مۇشەققەتتە قالدۇرۇشنى خالىمايدۇ“{سۈرە«مائىدە»(5-سۈرە)، 6-ئايەتنىڭ بىر قىسمى}.

بۇ تۆت سۆزدىن تۈزۈلگەن ئاددى جۈملە ھالىتىدىكى ئايەت بۆلىكى شەكىل جەھەتتىن ئىخچام ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىلىگەن مەزمۇن ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بولغان. بۇ ئايەت بۆلىكىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، بىز ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت-كامالىنى چىن دىلىمىز بىلەن ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارغا قىلغان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مېھىر-شەپقىتىنى ھېس قىلىمىز. كونكرېتنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئاللاھ تائالانىڭ بىز ئىنسانلارغا ئاتا قىلىپ بەرگەن ئاسايىشلىق تۇرمۇش ۋە ھەرخىل نېمەتلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئاللاھ بىزگە پايدىلىنىش ئۈچۈن كەڭرى تەبىئەت دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. تەبىئەتتىكى تۈرلۈك تۈمەن ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنى ئىستېمال قىلىشىمىزغا ۋە پايدىلىنشىمىزغا بۇيرۇپ بەردى. دەرىجىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ زېمىننىڭ خەلىپىسى قىلدى. بىز دەسسەپ تۇرغان تۇپراق، ئىستېمال قىلىۋاتقان نەرسىلەر، نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋانىمۇ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىلدى. دېمەك، زېمىندىكى بارچە شەيئى ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان نېمەت، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغان ئاسايىشلىقنىڭ ئىپادىلىرى. ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەرگىزمۇ جاپا-مۇشەققەت ئىچىگە قويمىغان. ئاللاھ بىزنى ئات، ئېشەك بىلەن ئالماشتۇرۇپ ياراتقان بولسا قانداقمۇ قىلاتتۇق؟ شۇنچە نېمەت، ئاسايىشلىق ئاتا قىلىپ بەرگەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار ئېيتمىساق قارا يۈز بولمايمىزمۇ؟ يۇقىرىقى تۆت سۆزدىن تۈزۈلگەن ئايەت بۆلىكى بىزنى مانا شۇنداق مۇلاھىزىلەرگە قويدى. بۇ ئايەت بۆلۈكىنىڭ ئىنتايىن ئىخچام، مېغىزلىق ھالەتتە بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ئەلۋەتتە.

دېمەك، تىلنىڭ ئىخچام، مېغىزلىق بولۇشى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەرقايسى سۈرە-ئايەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ئىنسان ئەقلىنى تاڭ قالدۇرىدۇ. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئىخچاملىنىش دەرىجىسى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قالغان سۆز ياكى ھەرپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. سۆزلەرنى چىقىرىۋېتىش ياكى قوشۇپ قويۇش مۇمكىن ئەمەس. ئايەتلەرنىڭ شەكىل جەھەتتىن ئىخچاملىقى، تىلنىڭ راۋانلىقى بىزگە خۇددى ماقال-تەمسىللەردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇڭىمۇ، قۇرئان كەرىم سۈرە-ئايەتلىرىنى تېزلا يادلىۋېلىش، ئەستە تېز ساقلىۋېلىش ئاسان توختايدۇ.

4.قۇرئان كەرىمدە قوللىنىلغان دىئالوگ

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپىنچە ئايەتلىرى بايانى جۈملىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. قۇرئان كەرىمدە يەنە دىئالوگ تىلىمۇ ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شۇ نەرسە ئېنىقكى، دىئالوگ تىلى يەنىلا كالامۇللاھنىڭ بايان ئۇسلۇبىغا بويسۇندۇرۇلغان. دىئالوگ سۆز-ئايەتلىرىنىڭ سوستاۋىمۇ يەنىلا ئاللاھتىن ئېيتىلغان سۆز-ئايەتلەرگە بېقىنىپ، ئېيتىلىش ئۇسلۇبىغىمۇ ماسلاشقان. مەسىلەن: ”ئاللاھ(ئىبلىسقا): ’مەن سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سەن نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ‘ دېدى. ئىبلىس: ’مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ‘ دېدى. ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: ’سەن بۇ يەردىن(يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشقا ھەققىڭ يوق، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەرنىڭ بىرىسەن‘. ئىبلىس: ’ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە مۆھلەت بەرگىن‘ دېدى. ئاللاھ: ’ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ‘ دېدى. ئىبلىس ئېيتتى: ’سەن مېنى گۇمراھلىقتا قالدۇرغانلىقتىن، مەن ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن‘ “{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 1216-ئايەتلەر}.

بۇ ئاللاھ تائالا بىلەن ئىبلىس ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ بولۇپ، ئىبلىسنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، كۈشەندىسى ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ يامان يوللارغا مېڭىپ، يامان ئىشلارنى قىلىشى ئىبلىسنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئىبلىستىن ھەزەر ئەيلەپ ئەڭ توغرا بولغان يول— ئىسلام يولىغا مېڭىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ كۆزقاراشنى توغرىدىن-توغرا بايان جۈملە بىلەن ئىپادىلىمەي، دىئالوگ تىلى بىلەن بايان قىلغان. بۇ ئايەتلەرنىڭ دىئالوگ تىلى بىلەن بېرىلىشى مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ جانلىقلىقنى ئاشۇرۇپ، تەسىر قىلىش كۈچىنى كۈچەيتكەن. كىشىلەرگە ئىبلىسنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى، يىرگىنچلىك ئوبرازىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن. ئەگەر بۇ بايانلار دىئالوگ تىلى بىلەن بېرىلمەي، بايانى شەكىل ۋە ئۇسۇل بىلەن بېرىلگەن بولسا ئىدى، ئىبلىسنىڭ ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىشتەك ئىپلاس ماھىيىتىنى بىز تېزلا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن بولاتتۇق. ئىبلىسقا بولغان غەزەپ-نەپرىتىمىز، ئۇنىڭ خۇنۈك، رەزىل ماھىيىتىگە بولغان يىرگىنىشىمىز بۇنچىۋالا چوڭقۇر بولمايتتى. ”ئىبراھىمنىڭ ئايالى ۋارقىراپ كېلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى كاچاتلاپ: ’مەن بىر تۇغماس موماي تۇرسام(قانداق تۇغىمەن؟)‘ دېدى. ئۇلار: ’پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى.ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر‘ دېدى“{سۈرە«زارىيات»(51-سۈرە)، 29-، 30-ئايەتلەر}.

بۇ ئايەتلەردە بېرىلگەن دىئالوگ يەنىلا ئاللاھتىن بېرىلگەن بايانى تىلغا بېقىندۇرۇلۇپ ئىپادىلەنگەن. بۇ دىئالوگلاردا، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن مۆجىزىنى تىلغان ئېلىپ ئۆتكەن. بۇ دىئالوگ جانلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ روھىي ھالەتلىرى دىئالوگدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ. بىز بۇ دىئالوگ شەكلىدە بېرىلگەن ئايەتلەردىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالىنىڭ تۇيۇقسىز ساراسىمىگە چۈشكەنلىكىنى، ھەيرانلىق، ئەجەبلىنىش ئىلكىدە جىددىيلەشكەنلىكىنى، پەرىشتىلەرنىڭ بولسا، سالماق، تەمكىن ھالەتتە خوجىسى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. دېمەك، بۇ ئايەتلەردىكى دىئالوگ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئوبرازىنى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىشتە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلغان. بىز بۇ دىئالوگ تىلى بېرىلگەن ئايەتلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى، سۆزلەۋاتقاندىكى قىياپەتلىرى كۆز ئالدىمىزغا كەلگەندەك بولىدۇ. بۇ يەنىلا دىئالوگ تىلىدا بېرىلگەن ئايەتلەرنىڭ سېھرىي كۈچى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەت بىلەن ئۆز سۆزىنى بايان قىلغانلىقى، ئەلۋەتتە.

قۇرئان كەرىمنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ ئالاھىدە مۇكەممەل ۋە پۇختىلىقىنى، تىلنىڭ يەنە تاللىنىشچان، مۇنتىزىمچانلىقىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىقىنى بايقايمىز.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2005-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)