ئاللاھ تائالا ھېمىشە قۇرئان ئوقۇيدىغانلارنى مەدھىيەلەپ ئېيتىدۇركى: ﴿ ئۇلار بىر خىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار ﴾{سۈرە”ئال ئىمران“ (3-سۈرە)، 113-ئايەت}. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ” مۇشۇنداق ئىككى خىسلىتى بار ئادەملەردەك بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئاللاھ تائالا قۇرئان ئاتا قىلغان كىشىدۇركى، ئۇنى كېچە ۋە كۈندۈز ئارىلىقلىرىدا ئوقۇپ تۇرىدۇ…… “(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا قۇرئاننى ئوقۇپ تۇرۇش ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەردىندۇر. ئۇنداقتا، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم قۇرئان ئوقۇش كېرەك؟ بىز ئالدى بىلەن سەلەپ سالىھىنلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇش ۋاقىتلىرىنى بىلىپ باقايلى.
ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ” قۇرئاننى ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققان ئادەم ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن ھوسۇل ئالالمايدۇ“ (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ئىبنى مەسئۇد مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر قېتىم قۇرئان ئوقۇيدىغانلاردىن بولماڭلار! “. ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مۇئاز ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر قېتىم قۇرئان ئوقۇپ چىقىشنى ياقتۇرمايتتى“. سەلەپ سالىھىنلەر ئىچىدە تۆت كۈندە پۈتۈن قۇرئاننى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغان، بەش كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغان، ئالتە كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغان، يەتتە كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغانلار بار ئىدى. يەتتە كۈندە پۈتۈن قۇرئاننى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش ئەۋزەل! بۇ ساھابى كىراملار ۋە ئىلگىرىكى سەلەپ سالىھىنلەرنىڭ تۇتقان يولى ۋە ۋاقتى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكى بىزلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىمىزنى ئىلگىرىكىلەرگە تەڭ قىلىپ بولالمايمىز. ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: ”رەسۇلۇللاھ ماڭا: ’سەن ئايدا بىر قېتىم قۇرئاننى ئوقۇپ چىققىن‘، دېدى. مەن: ’ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ قۇربىم يېتىدۇ‘ دېدىم. رەسۇلۇللاھ: ’ ئۇنداقتا، ئون كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققىن‘ دېدى. مەن يەنە: ’مېنىڭ قۇربىم يېتىدۇ‘ دېدىم. رەسۇلۇللاھ: ’ئۇنداقتا، يەتتە كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىققىن، بۇنىڭدىن ئاز كۈن بولۇپ قالمىسۇن‘ دېدى“ دەيدۇ(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئىبنى ئەبۇ داۋۇد مەكھۇرىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ساھابى كىراملاردىن قۇرئاننى يەتتە كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغانلار، ئايدا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغانلار، ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغانلار، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىدىغانلار بار ئىدى.
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: ”ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ ئېيتقاندا، پۈتۈن قۇرئاننى ئوقۇپ چىقىش، ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق قۇرئاننىڭ چوڭقۇر مەنىلىرىدىن ئوزۇق ئالالايدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مۇۋاپىق ۋاقىت تاللىشى، ئىلىم ئۆگىتىش ياكى باشقا دىنىي ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرئان ئوقۇشى كېرەك“.
مۇسۇلمانلار جامائەسى مەيلى نېمە مەشغۇلاتلار بىلەن مەشغۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر كۈنى بىر پارە قۇرئان ئوقۇشى ئەۋزەل سانىلىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)