ئالدى بىلەن، قۇرئاننى ياخشى ئوقۇشنىڭ بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا قىلىش، ئاندىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش لازىم. چۈشىنىش تەسكە توختىغان ئايەتلەرگە نىسبەتەن تەپسىر كىتابلارنى كۆرۈپ پايدىلىنىپ، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى ۋە بىلدۈرمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى بىلىۋېلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ﴿ (بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر ﴾{سۈرە”ساد“ (38-سۈرە)، 29-ئايەت}؛ ﴿ ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان(مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھتىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى ﴾{سۈرە”نىسا“ (4-سۈرە)، 82-ئايەت}؛ ﴿ ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار(شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)﴾{سۈرە”مۇھەممەد“ (47-سۈرە)، 24-ئايەت}.
ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”ھەقىقەتەن، قارىغۇلارچە قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەت، تولۇق چۈشەنمەي ئېرىشىلگەن ئىلىم، تەپەككۇرسىز ئوقۇلغان قۇرئاندىن ھېچقانداق مەنپەئەت كەلمەيدۇ“.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن سۈرە’زەلزەلە‘بىلەن سۈرە’قارىئە‘نى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشقا رازىمەنكى، سۈرە’بەقەرە‘بىلەن سۈرە’ئال ئىمران‘نى قارىغۇلارچە ئوقۇشقا رازى ئەمەسمەن“.
زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”مەن قۇرئاننى يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشتىن، بىر ئايدا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تېخىمۇ ئەۋزەل كۆرىمەن؛ قۇرئاننى ئون كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشتىن، يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تېخىمۇ ئەۋزەل كۆرىمەن؛ يەتتە كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشتىن، ئون كۈندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تېخىمۇ ئەۋزەل كۆرىمەن. مەن قۇرئان ئوقۇغاندا گاھى-گاھى توختاپ قالىمەن-دە، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىمەن! “ (ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان). شۇڭا قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان مەزمۇنلار ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە چۈشىنىش قۇرئانغا بولغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)