«قۇرئان كەرىم» يەتتە ھەرپ بىلەن نازىل بولغان دېگەن گەپ بار، بۇنى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟

بۇ ھەقتە ئۆلىمالار ئارىسىدا تۆۋەندىكىچە ئوخشىمىغان قاراشلار بار:

(1) يەتتە ھەرپ دېگەنلىك ـــ بىر سۆزنىڭ قىرائىتىدە يەتتە خىل ئەرەب شېۋىسى بار دېگەنلىكتىن ئىبارەت. قۇرئاندىكى مەلۇم بىر سۆز ئوخشاش بولمىغان قىرائەت يوللىرى بىلەن ئوقۇلىدۇ، ئەگەر ئوقۇلىشى ئوخشاش بولسا، بىر خىل شېۋە بىلەن ئوقۇلىدۇ. ئۆلىمالار بۇ يەتتە خىل شېۋە ئۈستىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىر قىسىم ئۆلىمالار بۇ يەرلىك شېۋىلەرنى قۇرەيش، خۇزەير، سەقف، خەۋازىن، كەنانە، تەمىم ياكى يەمەن لەھجىسى دەپ قارىغان.

(2) يەتتە ھەرپ دېگەنلىك قۇرئاننىڭ يەتتە خىل ئەرەب شېۋىسى بىلەن نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەبلەر ھەر خىل قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەربىر قەبىلىنىڭ ئۆزىگە خاس لەھجىسى بار ئىدى، ھەممىسى ئەرەب بولسىمۇ، ئىپادىلەش شەكىللىرىدە پەرق بار ئىدى. قۇرئان ئومۇمەن يەتتە خىل شېۋىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ، يەتتە خىل شېۋە ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك شېۋىلىرى ھېسابلىنىدۇ. »قۇرئان كەرىم«نىڭ مۇتلەق كۆپ ئايەتلىرى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ شېۋىسىدە نازىل بولغان، چۈنكى ئۇ ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۆلچەملىك شېۋە دەپ قارىلىدۇ. قۇرئاننىڭ سۈرە-ئايەتلىرى يەتتە خىل شېۋە بىلەن ئوقۇلىدۇ، ھەربىر سۆز يەنە كېلىپ يەتتە خىل قىرائەت يوللىرى بىلەن ئوقۇلىدۇ.  

(3) يەتتە ھەرپ دېگەنلىك ئوخشاش بولمىغان يەتتە خىل تۈرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار بۇيرۇق قىلىش، مەنئى قىلىش، ھالال، ھارام، مەنىسى روشەن بولغان ئايەت، مەنىسى ئېنىق بولمىغان ئايەت ۋە قىياس قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

(4) يەتتە ھەرپ دېگەنلىك ئوخشاش بولمىغان يەتتە تەرەپنى كۆرسىتىدۇ:

① سۆزنىڭ بىرلىك، ئىككىلىك، كۆپلۈك شەكلىدە، ئىسىمنىڭ ئەر جىنسلىق ۋە ئايال جىنىسلىق شەكلىدە كېلىشى، مەسىلەن: ﴿ئۇلار  (يەنى مۇئمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر ﴾{سۈرەمۇئمىنۇن“(23-سۈرە)، 8-ئايەت}. بۇ ئايەتتە كەلگەن ﴿ ئامانەت ﴾ سۆزى ھەم بىرلىك شەكلىدە ھەم كۆپلۈك شەكلىدە ئوقۇلىدۇ.

② سۆزنىڭ كېلىش شەكلى ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن مەنە جەھەتتىمۇ بەلگىلىك ئوخشىماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ﴿ بۇ ئادەمزات ئەمەس ﴾{سۈرەيۈسۈف“(12-سۈرە)، 31-ئايەت}. بۇ يەردە ﴿ ئادەمزات ﴾ ئېنىقلىغۇچى، ئىگە بولۇپمۇ ئوقۇلىدۇ.

③ سۆزنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش بولماسلىقى. مەسىلەن: ﴿ ئۇلار: پەرۋەردىگارىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى(يەنى ئۆتەڭلەر ئارىسىدىكى مۇساپىنى) يىراق قىلغىندېدى ﴾{سۈرە”سەبەئ“(34-سۈرە)، 19-ئايەت}. بۇ يەردە ﴿ پەرۋەردىگارىمىز ﴾ دېگەن سۆز زەبەر ئوقۇلسا،  ﴿يىراق قىلغىن﴾ دېگەن سۆز بۇيرۇق شەكلىدە كېلىدۇ. ياكى  ﴿پەرۋەردىگارىمىز﴾ دېگەن سۆز زىر شەكلىدە كەلسە، ئۇ ھالدا ﴿ يىراق قىلغىن ﴾ دېگەن پېئىل ئۆتكەن زامان شەكلىدە كېلىدۇ.

④ ئالدىغا قويۇش ياكى كەينىگە قويۇش توغرىسىدىكى پەرق. مەسىلەن: ﴿ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۇئمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ ﴾{سۈرە رەئد“ (13-سۈرە)، 31-ئايەت}. بۇ ئايەتتە ﴿ ٵأفلم يايئس ﴾ دېگەن سۆزدىكى ﴿يا﴾ ھەمزەنىڭ ئالدىدا ياكى ھەمزەنىڭ كەينىدە كەلسىمۇ مەنىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

(5) يەتتە ھەرپتىكى 7نىڭ ئېنىق بىر مەنىسى يوق، ئۇ پەقەتلا ئەرەبلەرنىڭ ئادەتلەنگەن سۆز ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، 7 كۆپلۈكنى ۋە گۈزەللىكنى بىلدۈرىدۇ.

(6) يەتتە ھەرپ دېگەنلىك يەتتە خىل ئوقۇلۇش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئوقۇلۇشتىكى پەرق مەنىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى بۇ پەرق پەقەت لەفزىلەردىكى قىرائەت يوللىرى ھەققىدە بولۇپ، سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ.

(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)