ئومۇمەن، مەككىيە سۈرىلىرى بىرقەدەر قىسقا، مەدىنىيە سۈرىلىرى مۇپەسسەل سۈرىلەر(يەنى ئۇزۇن سۈرىلەر) بولۇپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەككىيە سۈرىلىرى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
(1) سەجدە تىلاۋەت ئايەتلىرى بار سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى مەككىيە سۈرىلىرى؛
(2) ﴿ كەللا ﴾ دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنغان سۈرىلەر مەككىيە سۈرىلىرى؛
(3) ھەرقانداق بىر سۈرىدە ﴿ ئى كىشىلەر، ئى خالايىق ﴾ سۆزى تىلغا ئېلىنىپ، ﴿ ئى مۇئمىنلەر ﴾ سۆزى تىلغا ئېلىنمىغان بولسا، ئۇ مەككىيە سۈرىسى بولىدۇ، پەقەت سۈرە”ھەج“(22-سۈرە)نىڭ 77-ئايىتىدە: ﴿ ئى مۇئمىنلەر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار﴾ دېيىلگەن بولۇپ، ئۇ يەنىلا مەككىيە سۈرىسى ھېسابلىنىدۇ؛
(4) سۈرە”بەقەرە“ (2-سۈرە)دىن باشقا پەيغەمبەر-ئەنبىيالار ۋە ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ قىسسىلىرى ۋە شەيتانلارنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى مەككىيە سۈرىلىرىدۇر؛
(5) سۈرە”بەقەرە“ (2-سۈرە)دىن باشقا، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبلىسقا ئائىت بايانلار بولغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى مەككىيە سۈرىلىرى دەپ قارىلىدۇ؛
(6) سۈرە ”بەقەرە“ (2-سۈرە) ۋە سۈرە ”ئال ئىمران“ (3-سۈرە)دىن باشقا ھەرپ بىلەن باشلانغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى مەككىيە سۈرىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، سۈرە ”رەئد“(13-سۈرە)گە نىسبەتەن ئۆلىمالار ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار.
مەدىنىيە سۈرىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
(1) شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن پەرز ۋە جىنايەت جازالىرى بايان قىلىنغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى مەدىنىيە سۈرىلىرى ھېسابلىنىدۇ؛
(2) سۈرە ”ئەنكەبۇت“ (29-سۈرە)تىن باشقا، مۇناپىقلار ھەققىدە بايان قىلىنغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى مەدىنىيە سۈرىلىرى دەپ قارىلىدۇ؛
(3) ئەھلى كىتاب بىلەن بولغان مۇنازىرە بايان قىلىنغان سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى مەدىنىيە سۈرىلىرىدۇر.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال ـ جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)