«قۇرئان كەرىم»دىكى قايسى سۈرە قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرى دەپ ناملىنىدۇ؟

قۇرئاننىڭ ”ئىخلاس“سۈرىسى(112-سۈرە) قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرى دەپ ناملىنىدۇ. ﴿ (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ ﴾. بۇ سۈرىدە ئاللاھنىڭ بەرھەق بىرلىكى، ۋەھدانىيىتى ۋە بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان بەندىچىلىك مۇناسىۋىتى بايان قىلىنىدۇ.
(مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «قۇرئان كەرىمدىن سوئال-جاۋابلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)