ئىبادەت توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم“{سۈرە«زارىيات»(51-سۈرە)، 56-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە ئىنسان ۋە جىنلارنى باشقا مەقسەتتە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئەسلىشى، ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشى، خالىس ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا ئاللاھ تائالاغا خالىس قىلىنىدىغان ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى نېمە؟ ”ئىبادەت“ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ”ئىتائەت قىلىش، قۇلچىلىق قىلىش“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەرىئەت نۇقتىسىدىن، ئاللاھ ياخشى كۆرۈدىغان ۋە رازى بولىدىغان ھەم بۇيرۇغان ئەمەللەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر.

ئاللاھ بۇيرۇغان ئەمەللەرنى قىلىش ئىبادەت بولغىنىدەك، چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشمۇ ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. يېيىش، ئىچىش، كىيىنىش ۋە باشقا كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىمىزمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش جەريانىدا بەھرىمەن بولۇش مەقسەت قىلىنسا، بۇلارمۇ ئىبادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي مەقبۇل بولۇشىدا ئىبادەتنىڭ پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بولۇشى، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇنلىشىشى، ئاللاھنى ھەقىقىي دوست تۇتۇش بىلەن بىرگە ئاللاھتىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ناھايىتى تۆۋەن تۇتۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 165-ئايەت}.

ئىبادەتنىڭ ئىككى زۆرۈر شەرتى بولۇپ، ئۇلار ھازىرلانمىسا ئىبادەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولمايدۇ:

بىرىنچى، ھەقىقىي تۈردە ئاللاھ ئۈچۈن بولۇشى لازىم، يەنى ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلىنماسلىقى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقا مەقسەت بولماسلىقى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا(يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە(بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار(يەنى ئىبادەت، ئىخلاس، ناماز، زاكاتلار ) توغرا دىندۇر“{سۈرە«بەييىنە»(98-سۈرە)، 5-ئايەت}.

ئىككىنچى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، يەنى ئاللاھقا قىلغان ئىبادىتىمىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزى ياكى ئىش-پائالىيىتى ئارقىلىق يولغا قويۇلغان ئىبادەت شەكلى بويىچە بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 31-ئايەت}.

ئىبادەتنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن بولۇشى دېگەندە، مەسىلەن، بىر كىشى شام نامىزىنى ئىككى رەكئەت ئوقۇسا نامىزى بۇزۇلىدۇ، ئۈچ رەكئەت ئوقۇسا توغرا ئوقۇغان بولىدۇ. چۈنكى، ئىككىنچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن. بۇ توغرىلىق رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان ئىشنى پەيدا قىلسا ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئىبادەت بىر نەچچە تۈرلۈك بولۇپ، تۆۋەندە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

1. قەلب بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر

1) بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئېتىقاد قىلىش. بۇ خىلدىكى ئېتىقاد شەك-گۇمانلاردىن خالىي بولۇشى ۋە ئېنىق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ”بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۇئمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ سىلەرنىڭ(بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ(شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار)“{سۈرە«مۇھەممەد»(47-سۈرە)، 19-ئايەت}؛ ”(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند-نەسىھەت ئالىدۇ“{سۈرە «رەئد»(13-سۈرە)، 19-ئايەت}.

2) ئۇلۇغ ئاللاھنى دوست تۇتۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 165-ئايەت}.

ئاللاھنى دوست تۇتۇش دېگەنلىك پەيغەمبەرگە ئەگىشىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، بويسۇنۇش، پۈتۈن ئىشلاردا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنى كۆرسىتىدىغان دوست بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ’ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ‘ “{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 31-ئايەت}.

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ’ئى ئاللاھ ، ماڭا سېنى دوست تۇتۇشۇمنى، سېنى دوست تۇتىدىغان كىشىلەرنى دوست تۇتۇشۇمنى، سېنى دوست تۇتۇشۇمغا يەتكۈزىدىغان ئەمەلنى نېسىپ قىلغىن. ئى ئاللاھ ، سېنى دوست تۇتۇشنى نەپسىم، مال-مۈلكۈم، ئائىلەمدىن ئۈستۈن قىلغىن‘ “(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

3) ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھتىن ئەيمىنىش ۋە قورقۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت(ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم(ياخشىمۇ؟). ئېيتقىنكى، ’بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت(ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ‘ “{سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 9-ئايەت}؛ ”ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى(ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچ بىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر“{سۈرە«مائارىج»(70-سۈرە)، 27-28-ئايەتلەر}.

مۇئمىن كىشى بەزىدە دۇنيادىكى بىر قىسىم ئىشلاردىن قورقىدۇ، لېكىن بۇ شۇ نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلغانلىق ئەمەس. چۈنكى، مۇئمىن كىشى بۇنى ئاللاھ تەقدىر قىلىپ پۈتكەن بىر قىسىم شەيئىلەردىن تەبىئىيلا قورققانلىق دەپ قارايدۇ. مۇئمىن ئاللاھ تائالا بارلىق يامانلىقلاردىن قۇتقۇزۇشقا قادىر، دەپ ئېتىقاد قىلغاچقا، ئۇنىڭ قەلبىدىكى بۇ خىل قورقۇش ئەلۋەتتە ئاللاھتىن قورقۇشتىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە(ئۇ چاغدا ھېچكىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالمايدۇ). چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر“{سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 17-ئايەت}.

4) ئاللاھ تەرەپكە قايتىش. ئاللاھ تەرەپكە قايتىش دېگەنلىك ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئالدىراش، ئاللاھ تەرەپكە تائەت-ئىبادەت بىلەن قايتىش، گۇناھىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار“{سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 54-55-ئايەتلەر}؛ ”تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ. گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 135-ئايەت}.

5) ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش دېگەنلىك ئۆزى ۋە بارلىق ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىش، زىياندىن ساقلىنىشتا چىن قەلبىدىن ئاللاھقا يۆنىلىش. ئاللاھ كائىناتنى قانۇنىيىتى، تەرتىپى ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئۆلچەملىك يارىتىپ، ئۆزىگە بولغان قۇلچىلىقىمىزنى شۇ قانۇنىيەت بويىچە ئېلىپ بېرىشىمىزنى بەلگىلىگەن. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى“{سۈرە«تەلاق» (65-سۈرە)، 2-3-ئايەت}.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بىر كۈنى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدە ئىدىم، ئۇ زات ماڭا مۇنداق دېدى: ’ئى ئوغلۇم! ساڭا بىر نەچچە ھېكمەتلىك سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي: سەن ئاللاھنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ياد ئېتىپ تۇرساڭ، ئاللاھ سېنى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ساقلايدۇ، بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھتىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھتىن تەلەپ قىل...‘ “(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

2. سۆزگە ئالاقىدار ئىبادەتلەر

1) ئىككى شاھادەت كەلىمەسىنى دېيىش، يەنى ”بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، يالغۇز ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرى“ دەپ تىلى ۋە دىلى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش.

مۇسۇلمان بولغان ھەرقانداق كىشى گاچا بولمىسىلا ئىككى شاھادەت كەلىمەسىنى ئېيتىش زۆرۈردۇر. گاچا بولسا مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر ئىش-ھەرىكىتى بولسا كۇپايە. ئىككى شاھادەت كەلىمەسىنى دېيىش بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

2) ئاللاھنى ياد ئېتىش، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن-ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار“{سۈرە«ئەھزاب» (33-سۈرە)، 41-42-ئايەتلەر}.

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”پەرۋەردىگارىغا زىكرى ئېيتىپ تۇرىدىغان ئادەم تىرىك ئادەمگە ئوخشايدۇ، زىكرى ئېيتىپ تۇرمايدىغان ئادەم ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر“{سۈرە«نەسر»(110-سۈرە)، 3-ئايەت}.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئىنسان بالىسىنىڭ ھەممىسى خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

3) ئاللاھقا دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھتىن ياردەم سوراش. دۇئا بولسا ئىبادەتنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرىنىڭ چوڭى بولۇپ، ئىبادەتنىڭ ئوچۇق شەكلى ۋە جەۋھىرى. دىنىمىز مۇئمىنلەردىن دەرد-ئەلەم، خاپىلىق كەلگەندە دۇئا قىلغاندەك، كۆڭۈل خۇشال ۋە ئازادە ۋاقىتلاردىمۇ دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇنداق قىلىش ئىنساننىڭ ئۆز ئىگىسىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشىغا ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى قوبۇل قىلىشىغا ۋە بەندىلىكنىڭ مەنىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا دۇئا قىلىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ“{سۈرە«غافىر»(40-سۈرە)، 60-ئايەت}.

نوئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”دۇئا قىلىشنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەتتۇر“ (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھاجىتىنى ئاللاھتىن سورىمىغان ئادەمگە ئاللاھ غەزەپ قىلىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

4) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش. مۇسۇلمان كىشى پەقەت ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ“ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

5) ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا(يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز-نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن“ {سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 125-ئايەت}؛ ”سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن، ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر“{سۈرە «ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 104-ئايەت}.

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”مېنىڭ جېنىم ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغان زات(يەنى ئاللاھ تائالا) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشۇڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار پات يېقىندا ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تەرىپىدىن بىر بالا-قازا ئەۋەتىدۇ-دە، ئۇ ۋاقتىدا دۇئا قىلساڭلار دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

3. جىسمانىي ئىبادەتلەر

1) ناماز ئوقۇش. ناماز ئىسلام دىنىنىڭ تۈۋرۈكى، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى ۋە مۇسۇلمانلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم، ئەڭ كاتتا ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار“{سۈرە «بەقەرە»(2-سۈرە)، 43-ئايەت}.

2) زاكات بېرىش. زاكات ئاللاھ ھېسابىغا يەتكەن مالغا ئىگە بولغان ھەربىر مۇسۇلمانغا شەرتلىك پەرز قىلغان ئىبادەت بولۇپ، ئىنسان روھىنى بېخىللىق، پىخسىقلىق، ئاچ كۆزلۈك، تەمەخورلۇق ۋە رەزىللىكتىن پاكلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار“{سۈرە«نۇر»(24-سۈرە)، 56-ئايەت}.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىمكى ئاللاھ ئاتا قىلغان پۇل-مېلىدىن زاكات بەرمىسە، ئۇنىڭ پۇل-مېلى قىيامەت كۈنى جاۋغايلىرىدا زەھىرى بار بىر چوڭ تاز يىلاننىڭ شەكلىگە كىرىپ ئۇنى چىرمىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىككى زاڭىقىنى قاماللاپ تۇرۇپ:’مەن سېنىڭ پۇل-مېلىڭ، سېنىڭ يىغقان خەزىنەڭ!‘ دەيدۇ“ دېگەن، ئاندىن ”بېخىللىق قىلغۇچىلارنى... دەپ باشلىنىدىغان ئايەتنى ئوقۇغان“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

3) روزا تۇتۇش. روزا تۇتۇش دېگەندە رامىزان ئېيىدا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن سۈبھى تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقانغا قەدەر يېيىش، ئىچىش، ئايالىغا يېقىنلىشىش ۋە روزىنى سۇندۇرغۇچى باشقا ئامىللاردىن ئۆزىنى تارتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ(رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى“ {سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 183-ئايەت}.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى رامىزاننى چىن دىلىدىن ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ رىزالىقى ۋە ساۋابىنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن تۇتسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(سىھاھى خەمسىدە رىۋايەت قىلىنغان).

4) ھەج قىلىش. ھەج ئاللاھنىڭ ھەجگە قادىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا قىلغان پەرزىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى“{سۈرە «ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 97-ئايەت}.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”كىمكى خۇدالىق ئۈچۈن ھەجگە بېرىپ ھەج قىلىش جەريانىدا ھەجدە چەكلىگەن ئىشلارنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلماي ھەجنى تاماملاپ قايتسا، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان بوۋاق چېغىدىكىدەك گۇناھتىن پاك بولۇپ قايتقان بولىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

5) ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى(بۇنى) بىلمەيدۇ“{سۈرە«يۈسۈف»(12-سۈرە)، 40-ئايەت}.

مۇئمىن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تەسلىم بولىدۇ ۋە رازى بولغان ھالەتتە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار(يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ“{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 65-ئايەت}.

6)ئاللاھ يولىدا مال زەبھى قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ”مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم(دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت-ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر“{سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 162-ئايەت}.

بۇ ھەقتە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ”ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن مال زەبھى قىلغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن!“(مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، ھەربىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ پائالىيەتلىرى ئاللاھنىڭ شەرىئەت قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن بولسا، ئۇنىڭ قەلبىگە ئاللاھتىن قورقۇش مۇستەھكەم ئورۇنلاشسا ۋە بارلىق ئەمەللەرنىڭ ئاخىرقى غايىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بىرلا مەقسەتتە بولسا، ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى ئىبادەت بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ كىشى قاچانكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ بىر ياخشى ئەمەل قىلسا، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ بىر يامان ئەمەلدىن ئۆزىنى تارتسا، ئۆزى ئۈستىدىكى ئىسلامىي ۋەزىپىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلغان بولىدۇ، ھەتتا بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى، مەسىلەن، يەپ-ئىچىشى، مېڭىشى، ئولتۇرۇش-قوپۇشى، ئۇخلىشى ۋە سۆزلىشىنىڭ ھەممىسى ئىبادەت بولۇپ ھېسابلىنىپ ئەجىر بېرىلىدۇ.

بىز بىردىنبىر ئىگىمىز، يۆلەنچۈكىمىز بولغان ئاللاھ تائالادىن بارلىق ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كاتتا ئەجىر-ساۋاب ئاتا قىلىشىنى، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان، ئۆزى رازى بولىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىدىن قىلىشىنى تىلەيمىز، ئامىن!

ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.)