مۆھتەرەم ھاجى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
ھەج ـــ ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، مىلادى 626-يىلى(ھىجرىيىنىڭ 5-يىلى) 12-ئايدا پەرز قىلىنغان. مىلادى 632-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 100مىڭ كىشىلىك ھەج قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ ھەج قىلغان. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى ھەجى بولۇپ، بۇ ھەج ئىسلام تارىخىدا خوشلىشىش(ۋىدالىشىش) ھەجى دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قېتىمقى ھەج پائالىيىتىدە ھەجنىڭ ئومۇمىي پائالىيىتىنى ئۆزى بېجىرىپ ئۈلگە كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئەتراپىدىكى بارلىق ھەج قىلغۇچى مۇسۇلمانلارغا ھەج قىلىشنىڭ ئۆلچەملىك قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى بىۋاسىتە بايان قىلىپ بەرگەن ھەمدە ئۇلارغا يوليورۇق بېرىپ: ”سىلەر مەندىن ھەج پائالىيىتىڭلارنى ئۆگىنىۋېلىڭلار“دېگەن(ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسائىلار رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇ قېتىملىق ھەجدە ئەراپات مەيدانىدا كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇمىي مەقسىتىنى بايان قىلىپ چۈشەندۈرگەن ھەمدە ئەنە ئاشۇ سەلتەنەتلىك زور يىغىلىشتا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كالامى «قۇرئان كەرىم»نىڭ «مائىدە»سۈرىسىدىكى 3-ئايەت يەنى: ”بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم“ دېگەن ئايەت ئارقىلىق ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇكەممەل بىر دىن ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇ قېتىملىق ھەج پائالىيىتى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ھەج پائالىيىتى كوللېكتىپ ھالدا بىرگە ئېلىپ بېرىلغاندا، ھەجنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى رەتلىك، تەشكىللىك بولغاندا، ھەممە كىشى تەڭ ھەرىكەت قىلىپ، پائالىيەتلەرنى بىرگە باشلىغاندا، ھەممە بىردەك ئېھرامغا كىرىپ بىرلا ۋاقىتتا:”ئەي ئاللاھ! بىز سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشۇپ كەلدۇق، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوق، بىز كەلدۇق، بارلىق ھەمدۇسانا، مەدھىيىلەرنىڭ، نېمەتلەرنىڭ، پادىشاھلىقلارنىڭ ھەممىسى ساڭىلا خاس، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوق“ دېگەن جاراڭلىق ”لەببەيكە“ ساداسى ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ئىسلام دىنىنىڭ ”ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ھەمكارلىق“ دېگەندەك بىر قاتار تەشەببۇسلىرىنى ئەمەلى ھەرىكىتىمىز بىلەن نامايان قىلغىلى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئورتاق بىللە ياشاشتەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنىڭ ھاياتى كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيۇشقاقلىقتەك ياخشى خىسلەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغىلى، دۇنيا خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قېرىنداشلارچە دوستلۇق روھىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇ قېتىملىق ۋىدالىشىش ھەجىدە بۇ روھنى تېخىمۇ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ:”ھەي خالايىق! سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىر، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار بىر، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئادەم ئەۋلادلىرى، ئادەم بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان. ئەرەبلەر غەيرى ئەرەبتىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئاق تەنلىكلەر قارا تەنلىكلەردىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ (ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى) پەقەتلا تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ“ دېگەن(ئىمام ئەخمەد رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجدىكى ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى نەزەردە تۇتۇپ: ”ھاجىلار، ئۆمرە ھەج قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى بولۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىدۇ، مەغپىرەت تەلەپ قىلسا كەچۈرۈم قىلىدۇ“ دېگەن(نەسائى رىۋايەت قىلغان). مۇشۇ نۇقتىدىن ئىسلام دۇنياسىدىكى بارلىق ئۆلىمالار، جۈملىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ئىشلىرى ۋازارىتى ھەج پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىك، رەتلىك، ئۆمەكلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
”ھەج“ لۇغەت مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلۇغ جايغا بېرىشنى مەقسەت قىلىش، مەلۇم نەرسىگە ئىنتىلىش ياكى يۈزلىنىش، شۇنىڭدەك مەلۇم بىر نىشانغا مەقسەتلىك بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تولۇپ تاشقان ئىرادە، نىيەتلەر بىلەن، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسىتىپ بەرگەن يوسۇندا كەئبىنى تاۋاپ قىلىش، سافا-مەرۋىدە سەئيە قىلىش، ئەرەفاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفىدە قونۇش، شەيتانغا تاش ئېتىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى تولۇق ئورۇنداشنى كۆرسىتىدۇ.
ھەجنىڭ پەرزلىكى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفلەردە ناھايىتى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ تائالا سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)نىڭ 97-ئايىتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى“.
بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»دىكى يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەنىسىنى يەنىمۇ تەكىتلەپ ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: ”ئەي خالايىق! ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى. شۇڭا سىلەر ھەج قىلىڭلار!“ دېگەن ھەمدە ھەج قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ، مۇسۇلمانلار ھەج قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئۈستىدىكى ئىلاھى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، گۇناھلىرىدىن خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك پاكلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن:”كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلماي، پاسىق ۋە گۇناھ ئىشلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ھەج قىلىدىغانلا بولسا ئۇ كىشى گۇناھلىرىدىن بوۋاقلارنىڭ ئانىسىدىن يېڭى تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك پاكلىنىپ قايتىدۇ“.
ئىسلام شەرىئىتىدە شەرتى توشقان مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشى پەرز دەپ بەلگىلەنگەن. بىر مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ شارائىتى يار بېرىپ ساۋابلىق ئىزدەپ، يەنە بىر قېتىم ھەج قىلىپ كېلىشىنى ئويلىسا بۇ ھەج ئۇ كىشىگە پەقەت نەفلى ھەج ھېسابىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”ئەي خالايىقلار! ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى. شۇڭا سىلەر ھەج قىلىڭلار“ دېۋىدى. ئارىدىن بىر كىشى تۇرۇپ: ”ئەي رەسۇلۇللاھ، ھەر يىلى ھەج قىلىمىزمۇ؟“ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇۋالدى. ھەتتا ئۇ كىشى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ:”ئەگەر مەن(شۇنداق) دېگەن بولسام(ھەر يىلى) ھەج قىلىش ۋاجىپ بولۇپ قالغان بولاتتى. ئۇ ۋاقىتتا سىلەر ئورۇنلىيالمىغان بولاتتىڭلار، (پەرز)ھەج قىلىش بىر قېتىم بولىدۇ، كىمىكى بىر قېتىمدىن ئارتۇق ھەج قىلسا، ئۇ نەفلى ھەج بولىدۇ“دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا ھەجنى چوقۇم يەنە بىر قېتىم ئادا قىلىش شەرت ئەمەس.
ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتلىرى
ھەج ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئەركانىنىڭ بەشىنچىسى، ئەمما ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگىلا پەرز ئەمەس، بۇ پەقەت شەرىئەت كۆرسىتىپ بەرگەن شەرتلىرى توشۇپ ھەج قىلىش شارائىتىغا ئىگە بولغان كىشىلەرگىلا پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىسلام دىنىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۆۋەندىكى ئالتە شەرت ھازىرلانغان كىشىگە ھەج قىلىش پەرز قىلىنىدۇ: ئۇ كىشى، بىرىنچىدىن، مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، بالاغەتكە يەتكەن بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ھەج قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ گەدىنىگە پەرز بولۇپ چۈشكەنلىكىنى بىلىش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، ئەركىن، ھۆرلۈككە ئىگە بولغان كىشى بولۇش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇشى كېرەك.
بۇ ئالتە شەرتنىڭ ئالتىنچىسى بولغان ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇشى كېرەك دېگەنلىك، شۇ ھەجنى قىلماقچى بولغان كىشى ھەجگە بېرىپ كەلگىچە ئائىلىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان تۇرالغۇ ئۆي چىقىمى، ئائىلە ئەسلىھەلىرى چىقىمى، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا-سېتىق چىقىمى، ئائىلە كەسپى چىقىمى ھەمدە ھەجگە بېرىپ كەلگىچە ئائىلە تۇرمۇشىغا كېتىدىغان چىقىملاردىن ئېشىنىپ، ھەجگە بېرىپ كەلگۈدەك، ھەمدە يول ئۈستىدە، مەككىدە تۇرۇش جەريانىدا كېتىدىغان بارلىق چىقىملارنىڭ ھۆددىسىدىن نورمال چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر.
يۇقىرىقى ئىمكانىيەتلەر بىر كىشىگە قاچان ھازىرلانسا، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇ كىشىگە ھەج پەرز بولغان ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە شۇ كىشىنىڭ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھەجگە تەييارلىق قىلىشى مۇستەھەپ، ئۆمرىنىڭ قۇلايلىق ياخشى بىر پۇرسىتىنى تېپىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىۋېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
ئەمما يۇقىرىقى شەرتلەر تېپىلمىغان، شارائىتى ھازىرلانمىغان، ئىمكانىيىتى يوق كىشىلەرگە ھەج قىلىش پەرز ئەمەس، شۇڭا ھەجنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن ھەج قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئۆزىدە بەلگىلەنگەن ئاشۇ شەرتلەر تېپىلىشى، يەنى ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتى شۇ كىشىنىڭ ھەجگە تەمشىلىشىدىن بۇرۇنلا ھازىرلىنىپ بولغان بولۇشى كېرەك. باشقىلارنىڭ ئۇ كىشىگە ياردەم قىلىشى بىلەن ھازىرلانغان شارائىت ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتىنى ھازىرلىيالمايدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ بالىلىرى ئىختىيار قىلىپ پۇل ياردەم قىلسا، ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتىنى توشقۇزۇش ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ پۇلىنى قوبۇل قىلىش شەرت ئەمەس، ئۇ پۇلنى قوبۇل قىلماي ھەج قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ پۇلنى قوبۇل قىلسا، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشىگە ھەج پەرز بولىدۇ.
شۇڭا يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ ئىچىدىن ئىقتىسادىي شەرت تېپىلمىسا، بۇ شەرتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مال-بىساتىنى سېتىپ پۇل يىغىش، پۇل ئۆتنە ئېلىش، بالىلىرىدىن بېسىم بىلەن پۇل ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىش دۇرۇس ئەمەس، ئۇ كىشى ئەگەردە يۇقىرىقىدەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پۇل يىغىپ شەرت ھازىرلىماقچى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يۈكلىمىگەن بىر مەجبۇرىيەتنى، يەنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدا يوق بىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ 286-ئايىتىدە ھەر قانداق بىر بەندىنى ئۇنىڭ ئىمكانىيىتىدە يوق بىر ئىشقا بۇيرۇمايدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسەتكەن: ”ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ“.
شۇڭا ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئويلىنىپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەر تەرەپكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى، ھەجگە ماڭغان ۋاقتىدا قانداق خۇشاللىقلار ئىچىدە، ئارزۇ-ئىستەكلەردە ماڭغان بولسا، قايتىپ كەلگەندىمۇ ئەنە ئاشۇنداق كەيپىياتتا ياشايدىغان ھالەتنى ساقلاپ قېلىشى، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان ئىقتىسادىي چىقىملىرىغا ھەرگىز ئۆكۈنمەيدىغان، پۇشايمان قىلمايدىغان ھالەتنى ساقلىشى كېرەك، بولمىسا قىلغان ھەج ھەج بولماي، شۇ كىشىنى گۇناھكار قىلىپ قويىدۇ.
يۇقىرىقى ئالتە شەرت بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزىدە ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشىدا ھازىرلانسا تېنى ساغلام بولۇش، يول ئەمىن بولۇش، ئايال كىشىنىڭ مەھرىمى بولۇش شەرتى ئاساسىدا ئۇ كىشى ھەجنى بىۋاسىتە ئۆزى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ بىرگە ھەمراھ بولۇپ، سەپەر قىلىدىغان يولدىشى ياكى مەھرىمى بولمىسا، ھەم مەھرەم ئىزدەپ تاپالمىسا، ئۇ ئايال ھەجنى ئادا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار باشقا بىر كىشىنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى كۆتۈرۈپ ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئايال كىشى ھەج ئادا قىلىش شەرتىنى ھازىرلاش ئۈچۈنلا باشقا بىر ئەرگە ۋاقىتلىق نىكاھلانسا، ئىسلام شەرىئىتىدە دۇرۇس بولمىغان بىر يامان ئىشنى سادىر قىلىش بىلەن بىرگە، ئېغىر گۇناھكار بولغان ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنىدا مەھرەم دەپ ئۇ ئايال كىشى بىلەن نىكاھلىنىش چەكلەنگەن، بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولغان تەقۋادار بىر ئەر كىشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا يولدىشى يوق ئايال كىشى ھەج قىلماقچى بولسا يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا مەھرەم تاللىشى، تاللىغان مەھرەم شەرىئەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئەگەر ئايال كىشى ئىشەنچلىك، تەقۋادار ئاياللار توپىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەھرەمسىز ياكى يولدىشى بولماي تۇرۇپ يولغا چىقىپ پائالىيەت ئېلىپ بارسا خاتىرجەم بولالىغۇدەك شارائىتتا بولسا، ئۇ ئايال كىشىنىڭ ھەج ئۈچۈن قىلغان سەپىرى دۇرۇس دەپ قارىلىدۇ.
يۇقىرىقىدەك بىر قاتار شەرتلەر ئاساسىدا گەدىنىگە ھەج پەرز بولغان كىشىلەر ھەج سەپىرىگە چىقىشتىن ئاۋۋال ئادا قىلماقچى بولغان ھەجنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل ھەج بولۇشى ئۈچۈن يەنە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئورۇندىشى كېرەك:
1)ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ بۇنىڭدىن بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ «نۇر»سۈرىسىنىڭ 31-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن: ”ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار“.
شۇڭا ھەج قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىش ئالدىدا ئاللاھقا تەۋبە قىلىش، گۇناھلىرىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. تەۋبە قىلىشتا بارلىق يامان ئىش، گۇناھ ئىشلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، بۇرۇن ئۆتكۈزۈپ قويغان يامان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىشى، ئىككىنچى ئۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشى كېرەك.
2) ھەج سەپىرىگە چىقىشتىن ئاۋۋال ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى، دۇئاسىنى ئېلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بەزى زۆرۈر بولغان ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى خاتىرجەم يولغا چىقىشقا ئاساس سېلىشى، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ، رەنجىتىپ قويغان، باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويغان، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەققى بېرىلمەي ئۆزىگە ئۆتۈپ قالغان تەرەپلىرى بولسا، سەپەرگە چىقىشتىن ئاۋۋال ئۇلاردىن رازىلىق سورىشى، كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى، ئۇلارنىڭ قەرزلىرىنى ئۆز قوللىرىغا قايتۇرۇشى كېرەك. پەيغەمبىرىمىز بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:”(مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن)كىمىكى ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېرىندىشىغا مال-دۇنيا جەھەتتىن ياكى ھەقىقىي ھۆرمەت جەھەتتىن كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى بولسا، ئۇنىڭ بىرمۇ دىنارى ياكى بىرمۇ دىرھەمى قالمايدىغان(قىيامەت) كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە(ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق بېرىپ، يوللۇق ۋاسىتىلەر بىلەن كۆڭلىنى ئېلىپ) رازى قىلىۋەتسۇن!، (ئەگەر ئۇنداق قىلماي قىيامەت كۈنىگە قالسا) ئۇ كىشىنىڭ(ياخشى ساۋابلىق بىر) ئىشى بولسا، ئۆزىنىڭ(قېرىندىشىغا نىسبەتەن) كەتكۈزۈپ قويغان ھەققىنىڭ مىقدارى بويىچە ئۇنىڭدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ساۋابلىق ئىشلىرى بولمىسا، قارشى تەرەپنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ“. شۇڭا ھەجگە چىقماقچى بولغان كىشى سەپەرگە چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆزى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىنغان كىشىلەردىن رازىلىق ئېلىشى، باشقىلارنىڭ ھەققى، ھۆرمىتىدە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىدىن كەچۈرۈم سورىشى، ئىقتىسادى قەرزلىرى بولسا تۆلىۋېتىشى، ھەج سەپىرىگە پاك-پاكىز بولۇپ يولغا چىقىشى لازىم.
3)ھەج قىلىش ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان خالىس ئىبادەت بولۇش كېرەك. بۇنىڭدا ئابرۇي قوغلىشىش، مەنسەپ ئىزدەش، باشقىلارنىڭ ئىچىدە ئورۇن تىكلەش مەقسەت قىلىنسا، شۇ كىشىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ «ھۇد» سۈرىسىنىڭ 15- 16-ئايەتلىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنىلا(يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان(ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ“.
ئاللاھ تائالا «بەنى ئىسرائىل» سۈرىسىنىڭ 18-19-ئايەتلىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە(ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى(ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن)قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ. كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى(ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ“.
يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ھەرقانداق مۆمىن كىشىنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى، ياخشى ئىشلىرى ئاللاھ ئۈچۈن، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىنىشى، ھەرگىز دۇنيا مەنپەئىتى، ئابرۇي قوغلىشىش، مەنسەپ تالىشىش، رىقابەتلىشىش دېگەندەك ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار قىلىدىغان، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قويىدىغان ئىستەكلەردە، ئىنتىلىشلەردە بولماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
4)ھەج ئۈچۈن تەييارلىغان مەبلەغ ھالال بولۇشى ھەم ھالال يوللار بىلەن قولغا كەلگەن بولۇشى كېرەك. ئوغرىلىق قىلىپ تاپقان، قىمار ئويناپ تاپقان ۋە ھارام كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تاپقان پۇللار بىلەن قىلىنغان ھەج قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ”ھاجى ھالال تاپقان پۇلى بىلەن ھەجگە چىقىپ، پۇتىنى ئۇلاغ ئېگىرىنىڭ ئۆزۈڭگىسىگە قويۇپ: ’مەن سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشتۇم! ئەي ئاللاھ! مەن سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشۇپ يولغا چىقتىم‘ دەپ توۋلاپ تەلبىيە ئوقۇغان ۋاقىتتا، ئاسمان تەرەپتىن بىرسى توۋلاپ: ’ئاللاھ سېنىڭ ھەجىڭنى ئۈستى-ئۈستىلەپ قوبۇل قىلسۇن! سېنىڭ ئوزۇقلۇق نەرسىلىرىڭ ھالال، قاتناش راسخوتۇڭ ھالال، سېنىڭ ھەجىڭ گۇناھتىن خالىي مەقبۇل ھەج بولغۇسى‘ دەيدۇ؛ ئەگەردە ھارام ئىقتىسادىي پۇلى بىلەن ھەجگە چىقىپ، پۇتىنى ئۇلاغ ئېگىرىنىڭ ئۆزۈڭگىسىگە قويۇپ: ’مەن سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ئاۋاز قوشتۇم‘ دەپ توۋلاپ تەلبىيە ئوقۇغان ۋاقىتتا، ئاسمان تەرەپتىن بىرسى توۋلاپ: ’ئاللاھ تائالا سېنىڭ ھەجىڭنى قوبۇل قىلمىسۇن! سېنىڭ ئوزۇقلۇقۇڭ ھارام، چىقىم قىلغان پۇلۇڭ ھارام، سېنىڭ ھەجىڭ ئەجىر بېرىلمەيدىغان گۇناھقا مۇپتىلا قىلىدىغان ھەج بولغۇسى‘ دەيدۇ“ (تىبرانى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تەكىتلەپ:”ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پاك، شۇڭا ئۇ پەقەت (پاك بولغان ئەمەللەر)نىلا قوبۇل قىلىدۇ“ دېگەن. دېمەك، ئىسلام دىنىمىز ھەر قانداق بىر ئىشتا پاك بولۇشنى تەشەببۇس قىلغىنىدەك، ئاللاھ تائالاغا ئاتاپ قىلغان ئىبادەت ئىشلىرىدىمۇ پاكلىقنى، پاك-دىيانەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەنە ئاشۇنداق ھالەتتە ھەج قىلغاندا قىلغان ھەج ”ھەج مەبرۇر“ بولىدۇ. ئۆلىمالار ”ھەج مەبرور“غا : ”بۇ ھەج ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدىغان ھەج“ دەپ تەبىر بەرگەن. پەيغەمبىرىمىز بۇ دەرىجىگە يەتكەن ”ھەج مەبرۇر“نىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىپ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىسىدە:”ھەج مەبرۇرنىڭ مۇكاپاتى پەقەت جەننەتتىنلا ئىبارەت“ دېگەن(ئىمام بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ھەج قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بىر مۇسۇلمان كىشى ئۆزىگە ھەج قىلىش شەرتى توشۇپ، شارائىتى ھازىرلانغاندىن كېيىن سەپەرگە چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆزىدىكى ئىقتىسادىي تەييارلىقنى ياخشى قىلىشى، ھەجگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلىشى، ئۆزىدە خالىس ئىبادەت قىلىش تۇيغۇسىنى تىكلىشى، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلاشنى شان-شەرەپ دەپ بىلىشى، ھەج سەپىرىگە ياخشى كىشىلەرنى ھەمراھ قىلىپ، ئالدامچى كىشىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىشى، ئاللاھنى دائىم ياد ئېتىپ كۆپلەپ زىكرى-تەسبىھ ئوقۇشى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى، نامازلارنىڭ ۋاقتىغا رىئايە قىلىپ، نامازلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشى، ھەج سەپىرىدە ناشايان ئىشلارغا، ھارام ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدىغان ھەج قىلالايدۇ. ھەربىر كىشى ھەج قىلماقچى بولغاندا بىر تەرەپتىن ئۆز گەدىنىگە چۈشكەن ھەج قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتتىن خالاس بولۇشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشنىلا نىشانلايدۇ. شۇڭا ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن چوقۇم ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلىدىغان، گۇناھلىرىنى خۇددى ئانىسىدىن ھازىر تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك پاك قىلىۋېتىدىغان، تەلەپكە لايىق ھەجنى قىلىشى كېرەك. بۇنداق ھەج قىلىش ئۈچۈن بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان شەرتلەرنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى بىر قاتار ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1) ھەج سەپىرىگە چىقىشتىن ئاۋۋال ئىقتىسادىي تەييارلىقنى تولۇق قىلىپ يولغا چىقىش كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەج ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرىتى يەتكەن كىشىلەرگە پەرز قىلىنغان. شۇڭا ھەج سەپىرىنى قىلىشتىن ئاۋۋال ئائىلىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ سەپىرىگە كېتىدىغان، ھەج پائالىيىتى جەريانىدا سەرپ قىلىدىغان ئىقتىسادىي چىقىمنى تولۇق ئېلىۋېلىشى كېرەك. يول ئۈستىدە، ھەج قىلىش جەريانىدا باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالىدىغان، ئۇلارغا قول ئۇزارتىپ ياردەم تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”كىمكى ئۆزىنى پاك تۇتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى پاك تۇتىدۇ، كىمكى ئۆزىنى باي تۇتىدىكەن ئاللاھ ئۇنى باي قىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). 2003-يىلى ئۆزلۈكىدىن بارغان ھاجىلىرىمىزنىڭ بىر قىسىم بايلار تارقاتقان سەدىقە، زاكات پۇللارنى تالىشىپ جېدەللىشىپ كەتكەنلىكى خەۋىرىنى شۇ يىلى ھەجگە بارغان كىشىلەر بىلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، زاكات ئېلىش، سەدىقە ئېلىش دۇرۇس بولغان كىشى نامرات كىشى بولۇپ، ئۇنداق كىشىگە ھەج پەرز ئەمەس. ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”بىر كىشى باشقىلاردىن دائىم(تاما قىلىپ) تىلەۋەرسە، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى، يۈزىدە بىر پارچىمۇ گۆشى قالمىغان ھالەتتە(ئورنىدىن تۇرۇپ) كېلىدۇ“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). دېمەك باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قىلىش، ئۇلاردىن تاما قىلىش، ئۇلاردىن تىلەش ئىشلىرى ئىسلام شەرىئىتى ياخشى كۆرمەيدىغان، بىر مۇسۇلمانغا ئۇيات ھېسابلىنىدىغان ئەيىب ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۇيات قىلماي، يۈزسىزلىك قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ يۈزىدە بىر پارچىمۇ گۆش قالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا يەمەنلىك ھاجىلار ھېچقانداق ئىقتىسادىي تەييارلىق قىلمايلا،”بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىمىز“ دەپ ھەجگە بېرىپ مەككىدە تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن ۋاقتىدا ئاللاھ ئۇلارغا قارىتا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلغان: ”سىلەر(ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) زاد-راھىلە(يەنى راسخوت) ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد-راھىلە تەقۋادارلىقتۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 197-ئايەت}.
يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن ھەج ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئىقتىساد ساۋاب بېرىلىدىغان ئىبادەت ھېسابلىنىپ، ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئاللاھ يولىدىكى ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە يامان ئىشلاردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ، پەقەت ئاللاھقىلا باغلانغان تەقۋادارلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالىمىز. شۇڭا ھەجگە چىقىشتىن ئاۋۋال ئىقتىسادىي تەييارلىقىمىزنى پۇختا قىلىپ، ئۆزىمىزدىكى تەقۋادارلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەقۋادارلىققا باشلاپ بارىدىغان بارلىق ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىگە يۈزلىنىپ، ھەجگە چىققاندا پەقەتلا: ”ئەي ئاللاھ بىز(سېنىڭ چاقىرىقىڭغىلا ئاۋاز قوشۇپ) ھازىر بولدۇق“ دەيدىغان ئېتىقاد ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ھالەتنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.
2) ھەج پائالىيىتىگە دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ھەج پائالىيىتىنى تەلتۆكۈس ھالدا بارلىق ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىپ، تەلەپكە لايىق ئادا قىلالايدىغان ھالەتنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھەج قىلىش ۋاقتى بەلگىلەنگەن، ئورنى بەلگىلەنگەن، پائالىيەت تەرتىپلىرى بەلگىلەنگەن، شەرتلىرى ئوچۇق قويۇلغان، ۋاقىت دائىرىسى كەڭ، پائالىيەت تۈرلىرى كۆپ، ئەھكاملىرى مۇرەككەپ، ئەمما ساۋابى يۇقىرى بىر خىل ئىبادەت. ھەج قىلىش جەريانىدا ھەج ئەھكاملىرى ئىچىدىن بىر پەرز ئەمەل چۈشۈرۈپ قويۇلسا ھەج بۇزۇلىدۇ، بىر ۋاجىپ ئەمەل چۈشۈرۈپ قويۇلسا قۇربانلىق قىلىنىدۇ. شۇڭا ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ھەج سەپىرىگە چىقىشتىن ئاۋۋال تەييارلىقىنى پۇختا قىلىش بىلەن بىرگە، ھەجگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، ئەھكاملارنى تولۇق بىلىپ كېتەلمىسىمۇ، پائالىيەت تەرتىپلىرىنى ئىگىلەپ، ساۋات خاراكتېرلىك ھەج بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى كېرەك. ھەربىر ھاجى شۇ ئاساستا ھەج ئۆمىكىگە قاتنىشىپ ھەجگە بارسا، ئۆمەكنىڭ دىنىي يېتەكچىلىرىنىڭ تەربىيىسى ئاساسىدا بارلىق پائالىيەتلەرنى تولۇق ئېلىپ بارالايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭ ھەج ئۆمىكى ئۆمەك ئىچىگە بىر قىسىم دىنىي ئۆلىمالارنى كىرگۈزۈپ، دىنىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، گۇرۇپپا ئەزالىرى ھەربىر پائالىيەت مەيدانلىرىدا كەڭ ھاجىلارغا پائالىيەت تەرتىپلىرىنى، ئەھكاملىرىنى چۈشەندۈرىدىغان، تارماق ئۆمەكلەرگە ئايرىم-ئايرىم ئادەم ئاجرىتىپ پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كۆرۈلگەن ئايرىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان، ھەممىسى بىرلىكتە ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ياخشى ھالەتنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇڭا يېقىنقى يىللاردا ھەج ئۆمىكى بىلەن بارغان ھاجىلار ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر كۈتكەن ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق مۇكەممەل ھالەتتە ئەمەلگە ئېشىپ، ھەج پائالىيەتلىرىنى تولۇق ئورۇندىۋالغانلىقىغا بەكمۇ خۇرسەن بولماقتا. ئەمما ھەج بىلىملىرىدىن خەۋەرسىز بىر قىسىم ھاجىلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ قېلىپ، ھەجنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىنى ئورۇندىيالماي ياكى خاتا قىلىپ قويۇپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، باشقىلارغا ئاشكارىلىيالماي، بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئىچىدە ياشايدىغان، مۇمكىن بولسا باشقىدىن ھەج قىلىش پۇرسىتى كېلىشىنى تىلەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئۆمرىدە بىر قېتىم قىلىدىغان ھەجنى تولۇق، تەلەپكە لايىق ئورۇندىۋېلىش ھەربىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى ئىدى.
3) ئىسلام دىنىمىزدا:”(ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ) ئىززەت-ئابرۇيى، شان-شەرىپىنى قوغداش ۋاجىپ“ دەپ ھەر بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى، ئار-نومۇسىنى ساقلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. شۇڭا ھەج سەپىرىگە چىقىشتا، مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ، ئىسلام دىنىنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلىشى، ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا بۇ جەھەتتىكى شان-شەرەپكە، نام-شۆھرەتكە داغ تەگكۈزىدىغان ئىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. لېكىن بىر قىسىم ئۆزلۈكىدىن بارغان ھاجىلار”يۇرتتىن ئايرىلدۇق، بىزنى تونۇيدىغان ئادەم يوق“ دېگەن قاراشلاردا بولۇپ، مەككە مۇكەررەمەدە كىشىلەر يامان كۆرىدىغان، ياقتۇرمايدىغان، بولمىغۇر ناشايان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ شەنىگە، شىنجاڭدىن بارغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزىدىغان بىر قاتار ئىشلارنى سادىر قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئۆزلۈكىدىن مەھرەمسىز ھەجگە بارغان ئاياللار ئۇلۇغ مۇقەددەس جاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي، ھەر خىل ناشايان ئىشلارنى قىلىدىغان، ئىسلام شەرىئىتىدە ھۆكىمى ھارام دەپ ئوچۇق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، باشقىلارغا ۋاقىتلىق نىكاھلىنىدىغان، باشقا ئەرلەرنى يالغاندىن مەھرەم قىلىپ پۇلغا سېتىۋالىدىغان، ئەردىن-ئەرگە چىقىپ يۈرىدىغان، شۇ جايلاردىكى بىر قىسىم بايلارنىڭ پۇلىنى كۆزلەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر يىلى ھەج مەزگىلىدە بىر قانچە تۇل خوتۇنلارنىڭ ماجىراسى ۋە دەۋاسى چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى شۇ يەردە تۇرۇشلۇق مۇھاجىرلار ئىنكاس قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بەك خىجىلچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ”ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنى ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر“{سۈرە«ھەج»( 22-سۈرە)، 32-ئايەت}؛ ”(ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا(يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ(دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن بىر ياخشىدۇر“{سۈرە«ھەج»(22-سۈرە)، 30-ئايەت}.
شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شەھەر مەككە مۇكەررەمەدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي:”ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن(ئەي مەككە) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنى، ھەمدە مەن ھەممىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان زېمىن. ئەگەر سېنىڭ خەلقىڭ مېنى ھەيدىمىگەن بولسا، مەن ھەرگىزمۇ(سېنى تاشلاپ) چىقىپ كەتمىگەن بولاتتىم“(بۇخارى، تىرمىزى، نەسائى، ئىبنى ماجەلەر رىۋايەت قىلغان) دەپ ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەككە مۇكەررەمەنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۇلۇغ جاي ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ مۇقەددەس جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاشنىڭ، بۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۇلۇغلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇڭا ھاجىلار ھەرەمدە تۇرغان مەزگىللىرىدە بۇ مۇقەددەس جاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشى، ھەم ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق مۇقەددەس جايغا كېلىپ ھەج قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۆزىگە شان-شەرەپ دەپ بىلىپ، ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئىززەت-ئابرۇيىنى، شان-شەرىپىنى ساقلىشى ھەم قوغدىشى كېرەك.
4) بىر مۇسۇلمان كىشى ئۇلۇغ ھەج سەپىرىگە چىقىشتا ئۆزىگە ياخشى، سەمىمىي راستچىل ھەمراھنى تاللىشى، سەپەر ئۈستىدە ئۆزىگە يار-يۆلەكتە بولىدىغان ئادەملەر بىلەن بىرگە سەپەرگە چىقىشى كېرەك. كونىلاردا ”ئادەم سەپەردە تونۇلىدۇ“ دەيدىغان گەپ بار. بۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكمەتلىك سۆز. پەقەت ھەقىقىي دوستلار، قېرىنداشلار ئۆزئارا مۇئامىلىسىدە ھەقىقەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. شۇڭا ھەج سەپىرىگە چىقىشتىن ئاۋۋال سىز كىم بىلەن ھەجگە بارماقچى؟ ئۇ قانداق ئادەم؟ سىز چۈشىنەمسىز؟ ئۇ ھەقىقەتەن سىزگە ھەج سەپىرىدە يار-يۆلەكتە بولامدۇ؟ سىزگە خىزمەت قىلماقچىمۇ؟ ياكى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن سىزدىن پۇل ئۈندۈرمەكچىمۇ؟ ئۇنىڭ زادى غەرىزى نېمە؟ بۇ مەسىلە سىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا سىز ھەجگە بېرىشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ھەمراسىنى ياخشى تاللىشىڭىز كېرەك!
2003-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ھەج پائالىيەت ئاياغلىشىپ ھاجىلارنىڭ ئاساسلىقى ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىپ بولغان ئىدى. دەل شۇ ۋاقتىدا، شىنجاڭدىن ئۆزلۈكىدىن بارغان ھاجىلاردىن 300دەك كىشى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتىپ كېلەلمەي تىت-تىت بولۇشۇپ، ئەڭ ئاخىرى جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى بىر مۇنچە پۇل بەدىلىگە باشلاپ بارغان كىشىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى، تېلېفون نومۇرلىرى، ئادرېسلىرىغىچە يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، كونسۇلخانا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرى بۇ 300دەك ھاجىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئايروپىلان ئاجرىتىپ پاكىستانغا ئەكېلىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇلار ۋەتەنگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىدۇ. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى، بۇ ھاجىلارنى بىر قىسىم سودىگەرلەر بىرسى بىرسىگە پايدا ئېلىش ئاساسىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئاخىرىدا ئىگە بولىدىغان ئادەم چىقماي تاشلىۋەتكەن؛ يەنە بەزى سودىگەرلەر بىر قىسىم ھاجىلارغا ”بىز سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىن بارىمىز“ دەپ ماڭغۇزۇۋېتىپ، ئەمما كەينىدىن بارماي تاشلىۋەتكەن؛ بىر قىسىم ھاجىلارغا ۋاقتى قىسقا ئەرزان بېلەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ھەج تۈگىگۈچە بېلەتنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن؛ بىر قىسىملارنى بىر قانچە دۆلەتنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ پۇلىنى تۈگىتىۋەتكەن بولغاچقا ئۇلار ماڭالماي تۇرۇپ قالغان. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن بىرگە ھاجىلارنىڭ كەيپىياتىدا زور داۋالغۇشلار يۈز بەرگەن. ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ نۇرغۇنلىغان ئەندىشە-تەشۋىشلەرگە سېلىۋەتكەن. ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى ھاجىلارنىڭ ئۆزلىرىنى باشلاپ بارغان سودىگەرلەرنى تىللاشلىرى، ئەرز قىلىشلىرى، ئۇلار ئۈستىدە غەيۋەت قىلىشلىرى، بۇ يەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ غەزەپ-نەپرەتلىرى، كەلسىلا ئۇرۇشىدىغاندەك قورقۇنچلۇق قىياپەتلىرى، قىنىغا پاتماي پارتلاپ كەتكۈدەك تۇرغان ھېسسىياتلىرى ئۇلارنىڭ ھەجلىرىنىڭ مەقبۇل ھەج بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟ ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ”ھەج ۋاقتى مەلۇم بىر قانچە ئايدۇر، بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى، جاڭجال(جېدەل-ماجىرا) قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 197-ئايەت}
دېمەك ھەج قىلىش جەريانىدا قانداق كىشىلەر بىلەن ھەج قىلىش، قايسى يوسۇندا ھەج قىلىش مەسىلىسىنى ئويلىنىش، قانداق قىلغاندا ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان، ئۇنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدىغان، گۇناھلاردىن پاك-پاكىز خالاس بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان”ھەج مەبرۇر“نى قىلغىلى بولىدۇ دېگەنلەرنى ئويلىنىش ھەج قىلماقچى بولغان كىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
بەدەل ھەج توغرىسىدا
بەدەل ھەج باشقىلار ئۈچۈن ۋاكالىتەن بېجىرىلىدىغان ھەج بولۇپ، بۇ ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن شەرتلەر ھازىرلانغاندا ئورۇنلانسا دۇرۇس دەپ قارىلىدۇ. ئىسلام دىنى پرىنسىپلىرى بويىچە ئېيتقاندا ئىبادەتلەر ۋاكالىتەن بېجىرىلىشنىڭ دۇرۇس بولۇش ياكى بولماسلىقىغا قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1) مەزكۇر ئادەمنىڭ تېنى ۋە ئەزالىرى بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ئىبادەت ئىشلىرىنى باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن ئادا قىلىشىغا بولمايدۇ، بۇنى ئىبادەت پەرز بولغان كىشىنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇندىشى كېرەك. ئەگەر كېسەل ۋە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھەر قانداق قىلىپمۇ، قايسى دەرىجىدە بولسىمۇ ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنداشقا ئىمكانىيەت قالمىسا، ئۇ كىشى بۇ ئىبادەتلەرنى كېچىكتۈرۈپ شارائىتى ھازىرلانغاندا تولۇقلاپ ئورۇندىسا بولىدۇ. بۇ ئىبادەتلەر ناماز قاتارلىق پەرز ئەين ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبادەتلەردە ئادەمنى جىسمانىي جەھەتتىن سىناش، چېنىقتۇرۇش، ئىشقا سېلىش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەجبۇرىيەت يۈكلەنگەن كىشىنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە بېجىرىشى كېرەك. باشقا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە ھەرگىز بولمايدۇ.
2) ساپ ئىقتىسادىي مال بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ئىبادەت ئىشلىرىنى باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە بولىدۇ. ئىبادەت پەرز بولغان كىشى ئۆزىنىڭ گەدىنىدىكى ئاشۇ ئىبادەتنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن ۋاكالىتەن بېجىرىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ۋەكىل قىلىنغان كىشى قاچان شۇ مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئورۇنداپ بولسا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ گەدىنىدىكى مەجبۇرىيەت ساقىت بولىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تەرەققىي قىلىپ مېلى ھېسابىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ زاكات بېرىش ئىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زاكات مالنى ۋەكىل قاچان مىسكىن، بىچارىلەرگە يەتكۈزۈپ بەرسە مال ئىگىسىنىڭ گەدىنىدىن زاكات بېرىش مەجبۇرىيىتى ساقىت بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئىبادەتتە زاكات مالنى كەمبەغەللەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇڭا ۋەكىل يەتكۈزۈپ بەرسىمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
3) ئادەمنىڭ ھەم تېنى ۋە ئەزالىرى بىلەن ھەم ئىقتىسادىي مېلى بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەردە ئىقتىسادىي جەھەتتىن شەرت-شارائىتلار توشۇپ، كېسەل، ئاجىزلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنداشقا جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ شۇ ئىبادەتنى ئورۇنداش سالاھىيىتى توشقان كىشىلەرگە شۇ ئىبادەت ئۈچۈن تەييارلىغان ئىقتىسادىي مېلىنى بېرىپ ئۆزىنىڭ گەدىنىدىكى ئاشۇ ئىبادەتنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇ ھەج قىلىشقا ئوخشاش جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئورۇنلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قارىشىدا بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىل-ھوشى جايىدا، تۇرمۇشى ياشاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغان بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ ھەج قىلىشقا شەرت-شارائىتلىرى توشسا ھەمدە شۇ كىشى ئۆزىنىڭ گەدىنىگە ھەجنىڭ پەرز بولۇپ چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلسا، ئەمما بۇ پەرزنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئەمالىق، پالەچلىك، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ياكى ياشقا چوڭىيىپ قالغانلىقتىن يول يۈرۈش، سەپەر قىلىش ئىقتىدارىدىن قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەجنى ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنداشقا ئاجىزلىق قىلسا ھەم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساقىيىپ كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد قالمىغان بولسا، بۇ كىشىلەر باشقىلارغا ھەج ئۈچۈن تەييارلىغان ئىقتىسادىنى بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ گەدىنىدە ھەج پەرز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، سالامەتلىكى يار بەرمەسلىكتىن ھەج پەرزىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئادا قىلالمىسا ھەم باشقىلارغا ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنى ھاۋالە قىلمىسا ھەم ۋارىسلىرىغا بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ۋەسىيەت قىلمايلا ۋاپات بولۇپ كەتسە، بۇنداق ئەھۋالدا ۋارىسلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشى ياكى باشقىلارغا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشىنى ھاۋالە قىلىشى ۋاجىپ ئەمەس. ئەگەر ۋارىسلىرى ئۆزلىرى ئىختىيار قىلىپ پۇل ئاجرىتىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىپ قويسا ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويسا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ساقىت بولىدۇ.
ئەمما ھەجنىڭ پەرز بولۇشىغا شەرتلىرى توشمىغان كىشىگە بەدەل ھەج قىلدۇرسا ئۇ كىشىگە نىسبەتەن پەرز ھەج ھېسابلانماي، بەلكى نەفلى ھەج ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا نەفلى ھەجنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. شۇڭا ھاجىلار باشقىلارغا بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنى ھاۋالە قىلماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە بىز بەدەل ھەج قىلدۇرماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك: ئەگەر ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى، شەرت-شارائىتلىرى توشۇپ ئۇلارنىڭ گەدىنىگە ھەج پەرز بولغانمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋارىسلىرىغا پۇل ئاجرىتىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىپ قويۇشنى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشنى تاپىلاپ ۋەسىيەت قىلغانمۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ياخشىلىنىپ ئىقتىسادىي ئېشىنچىمىز بولسا ئۇلارنىڭ گەدىنىگە چۈشكەن، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئورۇندىيالمىغان پەرزنىڭ گەدىنىدىن ساقىت بولۇشى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىپ قويىمىزمۇ ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويىمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى تۇرمۇش ھالىتى ھەجنىڭ پەرز بولۇپ گەدىنىگە چۈشكۈدەك دەرىجىدە بولمىسا، بىز ئۇلار ئۈچۈن نەفلى ھەج قىلدۇرۇپ قويىمىزمۇ؟ بىز بەدەل ھەج قىلدۇرماقچى بولغان كىشىلەر ئەگەر ھايات بولسا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا، تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ھەجنىڭ پەرز بولۇپ گەدىنىگە چۈشۈشىگە شەرتى توشامدۇ؟ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، كۈچ-قۇۋۋىتى، يول ئامانلىقى قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ھەج قىلىشىغا يار بېرەمدۇ؟ ياكى ھەجنىڭ پەرزلىكىگە شەرتى توشمىسىمۇ ئۇلارنىڭ پۇل يىغىش قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇشى توغرىمۇ ياكى بىز ئۇلارغا پۇل ئاجرىتىپ ئۇلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويىمىزمۇ؟ قىلغان بەدەل ھەج پەرز ھەجنىڭ ئورنىنى دەسسەمدۇ ياكى نەفلى ھەج بولامدۇ؟ بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىمىز پەرز ھەجنى، پەرز ئىبادەتلەرنى قىلىۋېلىشقا يار بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نەفلى ئىبادەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئاشۇنداق يوللار بىلەن پۇل سەرپ قىلساق دۇرۇس بولامدۇ؟...دېمەك، بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن بەدەل ھەجنى قىلدۇرماقچى بولغاندا ياكى باشقىلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنى ھاۋالە قىلماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن يۇقىرىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بىز ھاۋالە قىلماقچى بولغان بەدەل ھەج پەرز ھەجنىڭ ئورنىنى ئالامدۇ ياكى نەفلى ھەج بولامدۇ؟ دېگەننى بېكىتىۋېلىپ ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا بەدەل ھەج قىلىدىغان كىشىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم.
ئۆلىمالار يۇقىرىقىدەك شەرتلەر ئاساسىدا بەدەل ھەج قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، جۇھەينە قەبىلىسىدىن بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مېنىڭ ئاپام ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغانىدى، ئۇ ھەجنى قىلالمايلا ۋاپات بولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن بەدەل ھەج قىلسام بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرىپ: ”شۇنداق، بولىدۇ، سىز ئۇنىڭغا بەدەل ھەج قىلىڭ! ئەگەر ئاپىڭىزنىڭ گەدىنىدە قەرز بولغان بولسا ئىدى، سىز ئۇنى ئادا قىلغان بولاتتىڭىزمۇ؟ شۇڭا سىزلەر ئاللاھنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىڭىزلار! چۈنكى ئاللاھ ۋاپا قىلىشقا ئەڭ لايىق“ دېگەن.
ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: خۇسئەميە قەبىلىسىدىن بىر ئايال كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:”ئاتام ئۇلاغقا مىنەلمەيدىغان ھالەتتە ياشىنىپ قالغاندا ئاللاھنىڭ ھەج پەرزى ئۇنىڭ گەدىنىگە چۈشۈپ قالدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلسام بولامدۇ؟“ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:”بولىدۇ“ دەپ جاۋاب بەرگەن.
بەدەل ھەجنىڭ خاراكتېرى مەيلى پەرز ھەج بولسۇن ياكى نەفلى ھەج بولسۇن ھەممىسىدىلا ۋاكالىتەن بەدەل ھەج قىلغۇچىنى ياخشى تاللاش كېرەك. ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ:
1) ۋاكالىتەن ھەج قىلغۇچى بالاغەتكە يەتكەن، ئەركىنلىككە ئىگە، ئەقلى- ھوشى جايىدا، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە كىشى بولۇشى كېرەك.
2) ۋاكالىتەن ھەج قىلغۇچى تەقۋادار، بەش ۋاق ناماز، دىيانىتى بار ئىشەنچلىك كىشى بولۇشى كېرەك.
3) ۋاكالىتەن ھەج قىلغۇچى ھەج ساۋات بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار، پائالىيەتلەرنى تەلتۆكۈس ئورۇندىيالايدىغان كىشى بولۇشى كېرەك.
4) ۋاكالىتەن ھەج قىلغۇچى ئۆزىنىڭ گەدىنىدىكى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغان كىشى بولۇشى كېرەك.
5) ۋاكالىتەن ھەج قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى ھەجنىڭ قانداق تۈرىنى ئورۇنداشنى، قانداق جايدىن ئېھرام باغلاشنى تەلەپ قىلسا شۇ بويىچە ئورۇندىيالايدىغان بولۇشى كېرەك.
6) ۋاكالىتەن ھەج قىلغۇچى بىر ھەج مەۋسۇمىدا بىرلا ئادەمگە بەدەل ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان بولۇشى كېرەك.
باشقىلارغا ۋاكالىتەن بەدەل ھەج قىلىدىغان كىشى ئېھرامغا كىرىشتە بەدەل ھەج قىلىنغۇچىغا ئاتاپ نىيەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتىشى كېرەك ھەمدە شۇ كىشىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەج تۈرىنى، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەجنى بۇزۇپ قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ھەجنى بۇزۇپ قويسا بارلىق چىقىمنى ۋاكالىتەن ھەج قىلغۇچى تۆلىشى كېرەك. ئەگەر يول توسۇلۇپ قېلىش، يولدا ئۆلۈپ قېلىش، كېسەل بولۇپ قېلىش دېگەندەك تاسادىپىي ۋەقەلەر بىلەن ھەج ئادا تېپىلمىسا بۇنىڭغا ھاۋالە قىلغۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. بەدەل ھەج قىلىشتا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىن باشلاپ ھەج قىلىپ كەلگۈچە بولغان يول چىقىمىنى ھەمدە تۇرمۇش چىقىمىنى بەدەل ھەجنى ھاۋالە قىلغۇچى تۆلىشى، ئەگەر ئىقتىسادىي يار بەرمىسە ئىقتىسادىي يەتكەن جايدىن باشلاپ چىقىمىنى كۆتۈرۈشى كېرەك. چۈنكى ھەجنىڭ پەرزلىكى بەدەل ھەج قىلىشنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىن ھەرەمگە بېرىپ كەلگۈچە بولغان يول خىراجىتى، شۇنىڭدەك بارلىق چىقىملارنى كۆتۈرەلەيدىغان ئىقتىسادىي ئاساس بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. ئەمما ۋاكالىتەن بەدەل ھەج قىلغۇچى ھەجگە بولغان نورمال ئېھتىياجىدىن باشقا چىقىملارنى قىلسا، مەسىلەن مەككىدە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتىن ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ياكى ھەجگە زۆرۈر بولمىغان چىقىملارنى قىلسا ۋاكالىتەن بەدەل ھەج قىلغۇچىنىڭ ئۆزى كۆتۈرىدۇ.
بىز ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە بەدەل ھەج قىلدۇرماقچى بولساق، شۇ كىشىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى تۇرمۇش ئەھۋالى ھەج قىلىش شەرتىگە توشامدۇ؟ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغانمۇ؟ بەدەل ھەجگە پۇل ئاجرىتىپ قويغانمۇ؟ ياكى ئۇنىڭدىن قالغان مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشقا يېتەمدۇ؟ ئەگەر يەتمىسە شۇ پۇل يەتكەن جايدىن باشلاپ بەدەل ھەج قىلىشقا يولغا چىقامدۇ؟ ياكى ئۆزىمىز ئىختىيار قىلىپ پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرىمىزمۇ؟ دېگەنلەرنى ئالدى بىلەن ئويلىشىمىز كېرەك. بىز ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمگە بەدەل ھەج قىلدۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى شۇ كىشىنىڭ ھەج ئۈچۈن توپلىغان مېلىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. ئەگەر ھەج ئۈچۈن توپلىغان پۇلى تۈگەپ كەتكەن بولسا، ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرسە ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن ئۇنىڭ گەدىنىدىكى ھەج پەرزنىڭ ساقىت بولۇشى ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىپ بەدەل ھەج قىلدۇرساق بولىدۇ، ئەمما بىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىمىز يار بەرمىسە چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويۇشىمىز شەرت ئەمەس.
ئۆلۈپ كەتكەن كىشى پۇل ئاجرىتىپ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشىنى ھاۋالە قىلىپ ۋەسىيەت قىلغان بولسا شۇ كىشىنىڭ دەل ئۆزى ۋاكالىتەن بەدەل ھەج قىلىشى كېرەك، باشقا ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. بەدەل ھەج قىلغۇچى ھەج قىلىش جەريانىدا ھەجنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىنى بۇزۇپ قويۇپ، كېيىن قازاسىنى قىلىپ تولۇقلىغان بولسىمۇ بۇ ھەج بەدەل ھەج قىلغۇچىغا تەۋە بولۇپ، ھاۋالە قىلغان كىشىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى تۆلىشى كېرەك.
بەدەل ھەجنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنى ئىجارىگە ئىشلىتىش دۇرۇس بولمايدۇ. يەنى مەن سېنى مۇنچە پۇلغا مېنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشقا ئىجارىگە ئىشلىتىمەن دېيىش دۇرۇس ئەمەس، بىر قىسىم ئۆلىمالار ”ئىجارە“ دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەي، سەن ماڭا بەدەل ھەج قىلىپ قوي دەپ ئۆزىنىڭ بېرىدىغان پۇلى ئۈستىدە سۆزلەشسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
يۇقىرىقىدەك شەرتلەر ئاساسىدا گەدىنىگە ھەج پەرز بولۇپ چۈشۈپ، ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئورۇندىيالماي باشقىلارغا ئۆزى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنى ھاۋالە قىلسا، ئورۇندالغان بەدەل ھەج ھاۋالە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پەرز ھەج ھېسابلىنىدۇ. بەدەل ھەجنى ئورۇندىغۇچىلار ئۈچۈن نەفلى ھەج ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بەدەل ھەج قىلدۇرغۇچى كېسەل سەۋەبىدىن ياكى باشقا ئاجىزلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەل ھەج قىلدۇرغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ كېسىلى ساقىيىپ ياكى ئاجىزلىق تەرەپلىرى تۈگەپ، ئۆزى بىۋاسىتە ھەج قىلالىغۇدەك ئىقتىدارى بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ باشقىدىن ئۆزى ئۈچۈن بىۋاسىتە ھەج قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
ھەر جەھەتتىكى شەرت-شارائىتلار توشماي ھەج پەرز بولمىغان كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشنى ھاۋالە قىلسا ياكى ھايات ۋاقتىدا ھەج پەرز بولمىغان كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بىز ئۇلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويۇشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلساق، ئورۇندالغان بۇ بەدەل ھەج ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە نىسبەتەن نەفلى ھەج ھېسابلىنىدۇ. بەدەل ھەجنى ئورۇندىغۇچىلارغا نىسبەتەن ھەم نەفلى ھەج ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككىسىگىلا پەرز ھەج ھېسابلانمايدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھازىر بەزى ھاجىلىرىمىز مەككە مۇكەررەمەگە ھەج ئۈچۈن بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق -تۇغقان ياكى يېقىنلىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇش نىيىتىدە شۇ يەردىكى بەزى كىشىلەرگە پۇل بېرىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا بەدەل ھەج قىلىپ بەرگۈچىنىڭ بەدەل ھەج قىلىش شەرتىگە توشىدىغان-توشمايدىغانلىقىغا قاراپ ھاۋالە قىلىشى كېرەك. ئىمانى ئاجىز بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەل ھەج قىلىپ بېرىش نامى بىلەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ، ھەتتا بىرمۇنچە كىشىلەرگە بەدەل ھەج قىلماقچى بولۇپ پۇل يىغىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە بەدەل ھەجنى ئادا قىلماي قويۇشىدىن ساقلىنىش لازىم. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغان بىر ھاجى پەقەت بىرلا كىشىگە بەدەل ھەج قىلالايدىغان شەرتنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك.
ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.)