روزا تۇتۇش

مۆھتەرەم ھاجى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

”روزا“ دېگەن سۆز ئەسلى پارس تىلىدىن ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى ”كۈن“ دېگەن بولىدۇ. دىنىي ئاتالغۇ مەنىسى بولسا، ئىسلام دىنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا ھەر كۈنى تاڭ سەھەردىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى بىر كۈن تۇتۇۋالماق، دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى ئەرەب تىلدا ”پوم“ ”سەۋم“ دەپ ئاتايدۇ، بۇنىڭ مەنىسىمۇ ”تۇتماق ياكى ئۆزىنى بىر كۈن روزىنى بۇزۇپ قويىدىغان بارلىق ئىشلاردىن تۇتماق“ دېگەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. روزا تۇتۇش قەدىمكى ئىبادەتلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ بۇندىن بۇرۇن ئاللاھ تائالا تەرىپدىن دۇنياغا كەلگەن ھەممە دىنلاردا مۇقەددەس ئىبادەتلەر قاتارىدا سانىلىپ كەلگەن بىر خىل دىنىي تۈزۈم. بۇ دىنلارغا ئۆز ۋاقتىدا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل دىنىي بەلگىلىمىلىرى بويىچە ۋاقىت ياكى شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش بولمىغان ھالدا روزا تۇتۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلگەن، رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا 40كۈن روزا تۇتقان، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرى بىلەن بىرگە روزا تۇتقانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ھەمدە ئۇلار بۇ روزا تۇتۇش بەلگىلىمىسىنى ئەڭ مۇھىم مۇقەددەس ئىبادەتلەر قاتارىغا قويغان. بۇ دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ھازىرغا قەدەر بۇ تۈزۈمنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. ئىسلام دىنىدا ھىجرىيەنىڭ 2-يىلى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش پەرز قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەپ ئوچۇق جاكارلىغان: “ئى مۆمىنلەر! روزا تۇتۇش خۇددى سىلەردىن بۇرۇنقى كىشىلەرگە پەرز قىلىنىپ بەلگىلەنگەندەك سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 183-ئايەت}.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق مۇسۇلمانلار ھەر يىلى بۇ رامىزان ئېيىنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالىدىغان، بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ كىرىشى بىلەن بىر-بىرىنى ئۆزئارا تەبرىكلىشىدىغان، پۈتۈن بىر ئاي ئىچىدە ئۆزىنىڭ ساپ قەلبىنى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا بېغىشلاپ روزا تۇتىدىغان بولۇپ، بۇ ئاينى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ئۇلۇغ ئىبادەت مەۋسۈمىگە ئايلاندۇرغان.

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىنى بەك قەدىرلەيدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئاي ئىچىدە كۆپرەك ئىبادەت قىلىۋېلىشنى، باشقىلارغا كۆپرەك ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ئويلايدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىيەتلەر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەك ئالاھىدە تۇرىدىغىنى قەدىر كېچىسى. بۇ كېچىدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى نازىل بولۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ كېچىنى ئاللاھ تائالا تەسۋىرلەپ ”قەدر كېچىسى“ مىڭ ئايدىن ياخشى دېگەن. دېمەك، بۇ كېچىدە ئىبادەت قىلغان كىشى باشقا ئايلاردا، باشقا كۈنلەردە مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىن كۆپرەك ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، رامىزان ئېيىدا باشقا ئايلاردا بولمىغان ئالاھىدە ئىبادەت تۈرلىرىدىن تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ قىلىش ئادەتلىرى بار ھەمدە مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا مەيلى ئۆزلىرىنىڭ تەراۋىھ نامازلىرىدا بولسۇن ياكى ئۆيىدىكى ئايرىم ئوقۇشىدا بولسۇن «قۇرئان كەرىم»نى بىر قېتىم تىلاۋەت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى مۇستەھەپ دەپ قارايدۇ. بۇ ئاي ئىچىدە ئۆزئارا ماجىرالىشىش، غەيۋەت-شىكايەت قىلىش، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشنى ھارام دەپ بىلىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيى كەلگەن ۋاقىتتا مۇنداق دەيتتى: ”سىلەرگە روزا تۇتۇش پەرز بولدى. بۇ ئايدا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ. جىن-شەيتانلار كىشەنلىنىدۇ. بۇ ئايدا بىر كېچە بولۇپ، بۇ كېچە مىڭ ئايدىن ياخشىراق، ئەگەر بىر كىشى بۇ كېچىنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىدىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلسا، ئۇنىڭغا بارلىق ياخشىلىقلار مەھرۇم قىلىنغان بولىدۇ“.

روزا تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى

ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى بىر خىل ئىلمىي ھېكمەت بىلەن، نۇرغۇنلىغان ئارقا كۆرۈنۈشلەر، كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدىغان تەرتىپلەر بىلەن بېكىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەبۇدلۇق سالاھىيىتىنى ئىنسانلارغا تونۇتىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىدىكى روزا تۇتۇش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يېيىش-ئىچىش، جىنسىي تۇرمۇش تەرەپلەردىن مۇسۇلمانلارغا قويۇلغان بىر خىل چەكلىمە بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي نەزەرىيىلەر، ئىلمىي ھېكمەتلەر بار، بۇ ئالاھىدىلىكلەر روزىنى روزىنىڭ ھەقىقىي تەلىپىگە لايىق، شەرتلىرىگە ئۇيغۇن، شەرىئەت كۆرسىتىپ بەرگەن يوسۇندا تۇتسا، شۇ كىشىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان بولىدۇ. شۇڭا روزا تۇتماقچى بولغان كىشى يېيىش-ئىچىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ جىسمىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى روزا تۇتۇش تەلەپلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ناچار ئىش-ھەرىكەت، يامان گەپ-سۆزلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك. روزا تۇتقان ئادەمنىڭ چوقۇم بارلىق ئەزالىرىمۇ بىرگە روزا تۇتۇشى، يامان ئىشلارغا قول سالماسلىقى، پۇتى يامان ئىش-ھەرىكەتلەرگە قەدەم باسماسلىقى، ئاغزى ھەر خىل يامان گەپ-سۆز، غەيۋەت-شىكايەتلەرنى قىلماسلىقى، قۇلىقى مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەر قىلىنسا زەڭ سېلىپ تىڭشىماسلىقى، كۆزى شەرىئەتتە ھارام دەپ بەلگىلەنگەن ھەر خىل شەھۋانىي مەنزىرىلەرگە نەزەر تاشلىماسلىقى كېرەك . مۇشۇنداق روزا تۇتقان كىشى ھەقىقىي تەلەپكە لايىق ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان بولىدۇ ھەمدە ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېگەن:”سىلەردىن بىرىڭلار روزا تۇتسا، ئۇ يامان گەپ-سۆزلەردىن ساقلىنىشى، ۋارقىراپ-جارقىرماسلىقى، نادانلىق قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر باشقا بىر كىشى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا ، ياكى ئۇنى تىللىسا، ظذ، ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم ‹مەن روزا تۇتۇۋالغان› دېسۇن“. پەيغەمبىرىمىز يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ”ھەرقانداق بىر(روزا تۇتقان)كىشى يالغان سۆزلەشنى، ساختىپەزلىك بىلەن ئىش قىلىشنى تاشلىمىسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنىڭ (پۈتۈن بىر كۈن)يېمەك-ئىچمەكنى تاشلىشىغا قىلچە ھاجىتى يوق“. بۇ ھەدىسلەرنىڭ روھىدىن شۇنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى، روزا تۇتۇش-مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىدىكى بىر خىل ئىبادەت شەكلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ مۇسۇلمانلارنى مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ روھىنى تەربىيىلەپ چېنىقتۇرۇپ، ئۇلارغا ساپ قەلب، ساپ ۋىجدان، ھەقىقىي تەقۋادارلىق ۋە پاك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئاتا قىلىدىغان ئۇلۇغ بىر دىنىي پائالىيەت. شۇڭا پەيغەمبىرىمىز:”روزا دېگەن بىر خىل مۇداپىئە قالقىنى“دېگەن. بۇ ھەدىس 1400يىل ئىلگىرى دېيىلگەن بولسىمۇ، ئۇ مەنىسى چوڭقۇر، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ھېكمەتلىك سۆز بولغىنى ئۈچۈن، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقاتى نەتىجىسىدە روزىنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلاردىن مۇداپىئە قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان:

1. روزا تۇتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ روزا ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن ساقلىيالايدۇ.

2. ئۇ كىشى شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن روزا پەرزىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئەركانلىرىنىڭ بىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

3. ئۇ كىشى ئۆزىدە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تەڭ-باراۋەر ئورتاق ياشاشقا بولغان كۆزقاراشلىرىنى توغرىلاپ، شەخسىي مەنپەئەتچىلىكتىن ئۆزىنى ساقلىيالايدۇ.

4. ئۇ كىشى ھەقىقىي ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تېتىپ، كەمبەغەللەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلىتىپ، ئۆزىدە بىر خىل ھېسداشلىق قىلىش روھىنى ساقلىيالايدۇ.

5. ئۇ كىشى ھەقىقىي تۈردە تۇرمۇشتا ئىنسانلارغا يېتىدىغان بەزى قىيىنچىلىقلارنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۆزىدە بىر خىل سەۋر-تاقەتلىك روھىنى ساقلىيالايدۇ.

رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشى

روزا تۇتۇش ھەر يىلى ھىجرىيە كالېندارى بويىچە9-ئاينىڭ كىرىشى بىلەن باشلىنىپ بىر ئاي داۋام قىلىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزىدىغان رامىزان ئېيى بولۇپ، بۇ ئاينىڭ كىرىشى يېڭى ھىلال ئاينىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن باشلىنىدۇ. شەۋۋال ئاي(ھىجرىيە 10-ئاي)نىڭ ھىلالى كۆرۈنۈشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”سىلەر ھىلال ئاينى كۆرۈش ئارقىلىق روزا تۇتۇشنى باشلاڭلار، ھىلال ئاينى كۆرۈش ئارقىلىق روزاڭلارنى ئېچىڭلار، ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا، شەئبان ئاي(ھىجرىيە8-ئاي)نى تولۇق 30 كۈن تولدۇرۇڭلار“ دېگەن. شۇڭا ھەر يىلى شەئبان ئاينىڭ 29-كۈنى مۇسۇلمانلار رامىزاننىڭ ھىلالىنى كۆرۈشكە ئىنتىلىشى، ھىلال ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇشى كېرەك. بذ، ھاۋا ئوچۇق كۈنىگە ئۇدۇل كەلسە، روزا تۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم بىر قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ھىلال ئاينى كۆرگەنلىكى ئىسپاتلىنىشى كېرەك. ھاۋا تۇتۇق كۈندە بولسا، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك بىر كىشى ھىلال ئاينى كۆرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسە بولىدۇ. دېمەك، رامىزان ئېيىنىڭ ھىلالىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنتىلىش ھەربىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى بولۇپ، ھىلال ئاينى كۆرگەن كىشى چوقۇم باشقىلارغا خەۋەر قىلىشى ياكى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا ئوچۇق ئېلان قىلىشى كېرەك.

ھازىر دۇنيادا ئىلىم-پەننىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىمۇ رامىزاننىڭ ھىلال ئېيىنى كۆرۈش ئۇسۇللىرى تەرەققىي قىلىپ، بۇ ئىشلارنى دۆلەت دەرىجىلىك ھاۋا رايى ئورگانلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى. ئىسلام دۆلەتلىرىدە رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشىنى، چىقىشىنى دۆلەت تەرىپىدىن رادىئو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تۇتاش ئېلان قىلىدىغان بولدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەملىكىتىمىزدىمۇ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، يەرلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرى يېڭى تىپتىكى مىلادىيە-ھىجرىيە سېلىشتۇرما كالېندارلىرىنى ئىشلەپ چىقىپ، بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ۋاقىت ئۆلچەملىرىنى تېخىمۇ ئوچۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى ۋاقىت جەھەتتىن بىردەكلىككە ئىگە بولدى.

قانداق كىشىلەر روزا تۇتىدۇ؟

روزا تۇتۇش ھەربىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ گەدىنىدە پەرز بولغان، ئىسلام دىنىدىكى بەش ئەركاننىڭ بىرسى بولۇپ، بۇنى ھېچقانداق ئۆزرە-سەۋەبسىز قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئەقلىدىن ئازغان كىشى بولسا بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس. شۇڭا ھەرقانداق مۇسۇلمان كىشى روزا تۇتۇشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان دىنىي مەجبۇرىيىتى دەپ قارىشى كېرەك. لېكىن بۇ مەجبۇرىيەت كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى ھەر خىل شارائىت، خىلمۇخىل قىيىنچىلىق، تۈرلۈك ئۆزرە-سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلىدۇ ياكى شۇ كىشىلەرنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارىغا قاراپ مەلۇم بەدەل ئاستىدا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن، روزا تۇتىدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

1. چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا روزا تۇتىدىغان كىشىلەر

ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرىدىغان، تەن سالامەتلىكى نورمال، روزا تۇتسا تەن سالامەتلىكىگە ھېچقانداق تەسىر يەتمەيدىغان، تۇرمۇشىدىمۇ قىيىنچىلىقى يوق كىشىلەر رامىزان ئېيىدا چوقۇم بىر ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك. بۇنداق كىشىلەر قەستەن روزا تۇتمىسا ياكى روزا تۇتۇپ كۈن يېرىمىدا قەستەن روزىسىنى بۇزۇپ تاشلىسا، شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە بۇ قىلمىشىنىڭ جەرىمانىسىغا ئۇ كىشى چوقۇم 60كۈن ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلدۈرمەستىن روزا تۇتۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ بۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتى يار بەرمەي، ئەمەلىي ئەھۋالى قۇلايلىق بولمىسا، 60كەمبەغەل كىشىنى بىر كۈن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىشى ياكى بىر كەمبەغەلنى 60كۈن ئىككى ۋاقلىق قورسىقى تويغۇدەك ئوزۇق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

2. روزا تۇتۇشنى كېچىكتۈرسىمۇ بولىدىغان كىشىلەر

بۇلار ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ:

1) روزا تۇتماقچى بولغان كىشى ئاغرىق بولۇپ، روزا تۇتسا كېسىلى ئېغىرلاپ قېلىشدىن ياكى كېچىكىپ ساقىيىشىدىن، باشقا بىر كېسەلگە ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسە، بۇ كىشى روزا تۇتۇشنى قالدۇرۇپ، ساقايغاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ.

2) بىر كىشى شەرىئەت يولغا قويغان دائىرە ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ياكى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن 15كۈنلۈك ياكى ئۇنىڭدىن ئاز مۇددەتلىك سەپەرگە چىقىپ، 89كىلومېتىردىن ئوشۇقراق مۇساپىنى باسقان بولسا، بۇ ئادەم مۇساپىر ھېسابلىنىپ، بۇ كىشىمۇ روزىسىنى قالدۇرۇپ، كېيىن يۇرتقا بارغاندا قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ كىشىنىڭ شارائىتى ياخشى بولۇپ، يول ئۈستىدە ياكى بارغان جايدا روزا تۇتۇشقا توسقۇنلۇق قىلغۇدەك بىرەر ئەھۋال بولمىسا، بۇ كىشىنىڭ روزا تۇتقىنى ياخشىراق.

3) ھامىلىدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ياكى قورساقتىكى ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ، بوۋاقنىڭ ساغلام تۆرىلىشىگە تەسىر يېتىشىدىن قورقسا، بۇ ئايالمۇ روزىنى قالدۇرۇپ، كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ. شۇنىڭدەك يېڭى تۇغۇتتىن بوشانغان ئايال بوۋىقى بەك كىچىك، سۈت ئېمىپ تۇرغان مۇددەت ئىچىدە بولسا، بۇ ئايال روزا تۇتسا ئۆزىگە ياكى بوۋاققا ئەكس تەسىر بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىسە، روزىنى قالدۇرۇپ، كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ.

3. روزىنى كېچىكتۈرۈپ چوقۇم قازاسىنى تۇتىدىغان كىشىلەر

رامىزان ئېيىدا ئايال كىشىلەر ھەيز كۆرسە ياكى ھامىلىدارلىقتىن يېنىكلەپ نىفاسلىق ھالەتتە بولسا، بۇ ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر روزا تۇتقان ۋاقىتدا ھەيز كېلىپ قالسا، ئۇ ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋاللارغا يولۇققان ئاياللار روزىسىنى قالدۇرۇپ، ھەيزدىن پاكلانغاندا ياكى نىفاسلىق مۇددىتى توشقاندا، روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ تولدۇرۇۋالسا بولىدۇ.

4. روزا تۇتماي ئۇنىڭ بەدىلىگە فىدىيە بېرىدىغان كىشىلەر

روزا تۇتۇش ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدىغان، قانچىلىك تىرىشسىمۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كېتىشكە ئىمكانىيىتى يوق، ياشانغان قېرى كىشىلەر بولسا ياكى ئېغىر بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، كېسەلنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن، ئۇزاق مۇددەت يېتىپ قالغان كېسەل كىشىلەر بولسا، بۇ كىشىلەر رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماي، كۈنىگە بىر كەمبەغەلنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. بۇ ئىسلام دىنىدا فىدىيە بېرىش دەپ ئاتىلىدۇ.

روزىنى قانداق تۇتۇش كېرەك؟

روزىنىڭ ئاساسلىق رۇكنى ئىككى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، سۈبھى يورۇغاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر روزىنى بۇزۇپ قويىدىغان يېيىش-ئىچىش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش. يەنە بىرى، روزا تۇتۇشنى كۆڭلىدە نىيەت قىلىش، بۇنىڭدا پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا روزا تۇتىدىغانلىقى مۇئەييەنلىشىشى كېرەك. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىش-پائالىيىتى ئۆزىنىڭ نىيىتى، ئارزۇسى بويىچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۇڭا روزا تۇتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆزىگە ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ روزىنىڭ كەمبەغەلچىلىكتىن ياكى سېمىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك. ئەگەر ئۇ كىشى نىيەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، شۇ كۈنى چۈشكىچىلىك نىيىتىنى كۆڭلىدە بېكىتىۋالسا بولىدۇ. نىيەتنى قىلغاندا مەيلى ئاغزاكى تەلەپپۇز قىلسۇن ياكى كۆڭلىگە پۈكسۇن ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، ”مەن رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم“ دېسە كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا رامىزاننىڭ پەرز روزىسىدىن باشقا، ۋاجىپ، نەفلى، ھارام دېگەن بىرقانچە روزا تۇتۇش تۈرلىرى بار، شۇڭا ھەرقانداق بىر روزىنى تۇتقاندا، نىيەت قىلىشى شۇ روزىنىڭ بىر رۇكنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھەرقانداق بىر كىشى رامىزاننىڭ روزىسىنى پەرزلىكىگە تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، بۇ روزىغا ئاللاھ تائالا ئەجىر ساۋاب بېرىدۇ دېگەن كۆز قاراشتا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئاشۇ كىشىنىڭ بۇرۇنقى ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىنكى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ“. مۇشۇ ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھەرقانداق بىر كىشى روزا تۇتسا، بۇ روزا ھەقىقىي تەلەپكە لايىق، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل روزا بولىدۇ ھەمدە ئاشۇ كىشى شەرىئەت ئۆلچىمىگە لايىق ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، روزا تۇتقان كىشىلەر روزىنى بۇزۇپ قويىدىغان تۆۋەندىكى ئىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك:

1. يېيىش-ئىچىش؛ 2. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش؛ 3. كۈن ئولتۇرغان ئوخشايدۇ دېگەن گۇمان بىلەن ئىفتار قىلىپ قويۇش؛ 4. سۈبھى كۆتۈرۈلمىگەن ئوخشايدۇ دېگەن گۇمان بىلەن سۇھۇرلۇق يەپ قويۇش؛ 5. مەقسەتلىك ھالدا ئېغىزدىن ياندۇرۇش؛ 6. ئاياللارنىڭ كۈندۈزى ھەيز كۆرۈپ قېلىشى؛ 7. ئايالىنى بۆسە قىلىش(سۆيۈش)ئارقىلىق ئېھتىلام بولۇپ قېلىش؛ 8. ئاياللارنىڭ نىفاسلىق ھالىتى؛ 9. روزا تۇتقان كىشىنىڭ كۈندۈزى ئىفتار قىلىشنى نىيەت قىلىشى؛ 10. روزىغا زىت كېلىدىغان ئىشلار. بۇنىڭدىن باشقا، ئوكۇل سالدۇرۇش، كۆز-قۇلاق، بۇرۇنلارغا دورا تېمىتىش ئىشلىرىدا ئۆلىمالارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلىرى بولغاچقا، ئىمكانقەدەر بۇ ئىشلارنىمۇ روزا تۇتقان كىشى ئۆزىدىن سادىر قىلماسلىققا تىرىشىشى كېرەك.

ئەمما تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئىشلار روزا تۇتقان ئادەمدىن سادىر بولسا، روزىسىغا دەخلى قىلمايدۇ:

1. ئېسىدە يوق يېيىش-ئىچىش؛ 2. روزا تۇتقىنىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويۇش؛ 3. ئۇخلاپ قالغاندا ئېھتىلام بولۇش؛ 4. چاچقا ياكى بەدەنگە ماي سۈرتۈش؛ 5.كۆزگە سۈرمە سۈرۈش؛ 6. قان ئالدۇرۇش؛ 7. ئادەتتىكىچە ئېغىز-بۇرۇننى چايقاش؛ 8. ئويغاق ھالەتتە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئېھتىلام بولۇش؛ 9. ئىختىيارسىز چاڭ-توزاڭلارنى، ئېغىزدىكى تۈكۈرۈكلەرنى يۇتۇۋېلىش؛ 10. ئىختىيارسىز ئېغىزىدىن ياندۇرۇش.

بۇنىڭدىن باشقا، روزا تۇتىدىغان كىشى دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن قازا روزىنى قانداق تۇتۇش، قايسى كۈنلەردە تۇتۇش مەسىلىسى، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قالدۇرغان قازا روزىسى كۆپ بولسا، قازاسىنى تۇتقان ۋاقىتدا ئۈزۈلدۈرمەي ئارقا-ئارقىدىن تۇتسۇن ياكى بىر كۈن ئۆتكۈزۈپ بىر كۈن روزا تۇتسۇن، بۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ. لېكىن بۇ روزا تۇتقان كۈنلىرىنى ئىككى ھېيت كۈنلىرىگە ياكى قۇربان ھېيتتىن كېيىنكى تەشرىق كۈنلىرىگە(قۇربان ھېيتنىڭ 2-، 3-، 4-كۈنلىرىگە)ئۇدۇل كەلتۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن.

روزا تۇتۇشتا رىئايە قىلىنىدىغان مۇستەھەپ ئىشلار:

1. كېچىلىك سۇھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈپ ئاخىرقى ۋاقتىدا يېيىش، ناماز بامدات ۋاقتىدىن 20مىنۇت بۇرۇن ئاياغلاشتۇرۇش كېرەك.

2. كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن تەڭ ئىفتار قىلىش، بەك كېچىكتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: ”مېنىڭ ئۈممەتلىرىم ئىفتارنى ئالدىراپ(دەسلەپكى ۋاقتىدا)، سۇھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈپ(ئاخىرقى ۋاقتىدا) قىلىدىغانلا بولسا، ئۇلار چوقۇم بىر ياخشى ھالەتتە بولىدۇ“.

3. ئىفتار قىلىش ۋاقىتدا ئۈچ دانە خورما ياكى ئۈچ يۇتۇم سۇيۇق ئىچىملىك بىلەن ئىفتار قىلىش كېرەك. ئەگەر بولمىسا، ھۆل مېۋە-چىۋىلەر بىلەن ئىفتار قىلسىمۇ بولىدۇ.

4. روزا تۇتقان كىشى باشقا مەنىسىز ئىش-ھەرىكەتلەرگە، يامان گەپ-سۆزلەرگە ئارىلىشىپ قالماسلىقى، ئىمكانقەدەر «قۇرئان كەرىم»نى كۆپ تىلاۋەت قىلىشى، مۇمكىن بولسا، بىر قېتىم ئوقۇپ تۈگىتىشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز روزا بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ قىيامەت كۈنىدە بەندىلەرگە شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە شاپائىتى قوبۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

5. ئاخشىمى ئىفتار قىلىش ئالدىدا، دۇئا قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىفتار ۋاقتىدا قىلىدىغان بىر دۇئاسى بولۇپ، بۇ دۇئا رەت قىلىنمايدۇ“ دېگەن. شۇڭا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپىنچە قىلىدىغان دۇئالىرىنىڭ ئىچىدە بۇ دۇئا بار: ”ئاللاھۇممە لەكە سۇمتۇ ۋەئەلا رىزقىكە ئەفتەرتۇ فەغفىرلى ما قەددەمتۇ ۋەما ئەخخەرتۇ“(بۇنىڭ مەنىسى: ئەي ئاللاھ، مەن سېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، سېنىڭ رىزقىنىڭ بىلەن ئىفتار قىلدىم. سەن مېنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى، بۇندىن كېيىنكى گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن).

6. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا ئىنتىلىشى، 21-، 23-، 25-، 27-، 29-كېچىلىرى تۈنەپ، گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى ئاللاھ تائالادىن تىلىشى ھەمدە مۇمكىن بولسا، بۇ ئاخىرقى ئون كۈننى ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ كۆپلەپ ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 1996-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.)