ئابدۇرەھمان ئىسمائىل
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
ئىقتىساد ئەزەلدىنلا ئىنسانلارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرى ئىچىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى تىرىكچىلىكى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولغانلىقتىن، مەيلى مۇسۇلمانلار ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېما يانداپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان، ھېچكىم ئۆزىنى قاچۇرالمايدىغان بىر مۇھىم تېما.
بىز بۇ ماقالىمىزدە ئىقتىسادىي ئاڭ جەھەتتە مۇسۇلمانلار ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىككى خىل ئىدىيە ۋە ئىككى خىل يۈزلىنىش ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچىمىز:
بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆزىنى ئالاھىدە تەقۋادارلاردىن ھېسابلايدىغان، لېكىن ئىقتىسادقا سەل قارايدىغان ياكى ئىقتىسادنى ئاڭسىزلارچە ئىنكار قىلىدىغان، ئىقتىسادىي ئېڭى سۇس كىشىلەردۇر. ئىككىنچىسى، ئىقتىسادىي ئېڭى خېلى كۈچلۈك، لېكىن ئېتىقادى ئىنتايىن ئاجىز كىشىلەردۇر. بۇلار پەرز ئىبادەتلەرگە سەل قاراپ ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ ياكى پۈتۈنلەي ئىجرا قىلمايدۇ، ئىقتىسادقا قاتتىق چوقۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىساد توپلاشتىكى مەقسىتى مۈجمەل بولۇپ، نېمە ئۈچۈن ئىقتىساد توپلايدىغانلىقىنى بىلمەك تەس. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىدىغىنى ئىقتىسادىي بايلىقى بولۇپ، ئۆزىنى شۇنىڭ بىلەنلا بەختلىك ھېسابلايدۇ.
بۇ ئىككى خاھىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا. ھالال كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشنى ئاللاھ تائالا ھەرگىز چەكلىگىنى يوق. ئۆزىنى ئالاھىدە تەقۋادارلاردىن چاغلاپ ئىقتىسادقا پەرۋاسىز قارىغان ئادەم چوقۇم نامراتلىققا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئۆز غۇرۇرى، ئىمان-ئېتىقادى بىلەن ياشىشىدا ئىقتىسادنىڭ رولى چوڭ بولۇۋاتقان بۈگۈنكى جەمىئىيەتتە، ئىقتىسادىي ئاساسىمىز ئاجىز، نامرات پېتى تۇرۇۋەرسەك، ئېتىقادىمىز ۋە نورمال ئىبادەت ئىشلىرىمىز سەلبىي تەسىرلەرگە ئۇچرىماي قالمايدۇ.
بۇرۇن نۇرغۇن دىنىي ئالىملىرىمىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىقتىساد قارىشىنى توغرا شەرھلەپ، بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھالال ئەمگەك بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش، ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك، باشقىلاردىن بىر نەرسە تاما قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالماسلىق ھەققىدە تەربىيە-نەسىھەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم چالا ساۋات كىشىلىرىمىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ قانائەت قىلىش، پۇل-مالغا چوقۇنماسلىقتەك ئىلغار پىرىنسىپ قاراشلىرىنى ئۆز رايى بويىچە خاتا چۈشەندۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاكتىپ ئىقتىساد قاراشلىرىنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ نامرات بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازىرمۇ كۆپلىگەن مۇسۇلمانلىرىمىزدا مۇشۇ خىل پاسسىپ قاراشنىڭ تەسىرى ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ھالال كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشنى تەرغىب قىلىدىغان ئايەت-ھەدىسلەر خېلى كۆپ. قۇرئان كەرىمدىكى: ”ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىپ(يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ ئىلتىىپاتىدىن تەلەپ قىلىڭلار“{سۈرە«جۇمۇئە»(62–سۈرە)، 10-ئايەت} دېگەن ئايەتمۇ ھالال كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپساڭلار بولىدۇ، دېگەنگە ئىشارەتتۇر.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قىسىم نامراتلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ھەي كەمبەغەللەر جامائەسى!(ئۆزۈڭلارنى تاشلىۋەتمەڭلار!) بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ، بىرەر تىجارەت كەسىپكە تۇتۇش قىلىڭلار! يول ئوچۇق، (خەلق بىزنى باقىدۇ دەپ خەلققە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدىغان) خەلقنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئايلىنىپ قالماڭلار“(«تەنبىيھۇل غاپىلىن» ناملىق كىتابتىكى”كەسىپنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە“ دېگەن بابتىن). شۇ بابتىكى يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ھۈنەرۋەن مۇئمىن ئائىلە باشلىقىنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۆزى تەندۇرۇس، يا دۇنيانىڭ ئىشىدا، يا ئاخىرەتنىڭ ئىشىدا بولمىغان بىكار تەلەپ ئادەمنى ياخشى كۆرمەيدۇ“. مانا بۇ ئايەت-ھەدىسلەر ھازىرقى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە چوڭراق ئىش تۇتقانلارنى: ”ئۆلىدىغان جانغا ئۇنچىۋالا قىلىپ نېمە قىلىدۇ، ئادەم دېگەن نان يېسە تويىدىغۇ... بۇ جاھاندا ئاچلىقتىن ئۆلگەن كىم بار“ دەپ زاڭلىق قىلىپ جۆيلۈپ يۈرىدىغانلارغا تاقابىل تۇرىدىغان كۈچلۈك دەلىلىمىزدۇر.
يۇقىرىدا بىز سۆزلىگەن ئىككى خىل تىپتىكى كىشىلەردىن ئىككىنچى خىلدىكىلەر بولسا بىرقەدەر كۈچلۈك ئىقتىساد قارىشى بار كىشىلەر بولۇپ، خېلى كۆپ بايلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇلاردا تەۋرەنمەس ئېتىقاد، كۈچلۈك ئىمان، ماددىي بايلىق ۋە نامراتلىققا توغرا قارايدىغان ساغلام ئىدىيە، قاراش كەمچىل؛ ناۋادا ئۇلار شۇ بايلىقلىرىدىن تاسادىپىي ئايرىلىپ قالسا تۈگىشىپ كېتىدۇ ياكى بايلىقلىرى بىلىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرپ قىلىنىپ، مەنىۋى گادايلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ تۈگەيدۇ.
بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنداق خىتاب قىلىمىزكى: سىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولسىڭىز ئۇلۇغۋار غايە، يۈكسەك ئېتىقاد تىكلەپ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقلىي قۇۋۋەت بايلىقى ۋە جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋەتنى يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، كۆپلەپ ماددىي بايلىق يارىتىپ، چىقىم قىلىشتا ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادنى توغرا يول ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولۇڭ! خىيالىي دۇنيادا قايمۇقۇپ ياشايدىغان، ھۇرۇن، نامرات، زەئىپ، چۈشكۈن، ئېزىلەڭگۈ مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس، بەلكى كۆز ئالدىدىكى رېئاللىققا دادىل يۈزلىنەلەيدىغان، ھۇرۇنلۇققا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان، باي، ساغلام، جۇشقۇن، روھلۇق مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا تىرىشىڭ!
بىزنىڭ ھالالدىن ئىقتىساد توپلاشنى تەرغىب قىلغانلىقىمىز ھەرگىزمۇ دۇنياپەرەسلىكنى تەرغىب قىلغانلىقىمىز ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغۋار غايە(يەنى ئاللاھ رىزالىقى) ئاساس، ماددىي بايلىق ۋاسىتە دېگەننى تەرغىب قىلغانلىق.
بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: ”ھەقىقىي بايلىق روھىي بايلىقتۇر“. ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقىي قورقۇنچلۇق بولغىنىمۇ ماددىي نامراتلىق ئەمەس، بەلكى روھىي نامراتلىقتۇر. روھى نامراتلارنىڭ ھەر قانچە كۆپ ماددىي بايلىقى بولسىمۇ كۆزى تويمايدۇ. قەلبىدە قانائەت بولمايدۇ. ئۇنىڭ چوقۇنىدىغىنى ماددىي بايلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ قەلبىنى پانىي دۇنيانىڭ ۋەسۋەسىلىرى، غەم-تەشۋىشلىرى ھەر تەرەپتىن چىرمىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇلار كەسىپ تاللاشتا ۋە ئىستېمال جەھەتتە ھالال-ھارامغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، مۇسۇلماننىڭ قوتاندا مال-چارۋىسى، يانچۇقتا پۇلى كۆپ بولسا ياخشى، لېكىن قەلبىنى، روھىي دۇنياسىنى ئۇ نەرسىلەر ئىگىلىۋالماسلىقى كېرەك.
روھىي بايلىققا ئىگە كىشىلەردە ئىماننىڭ ئاساسىي مېۋىسى بولغان روھىي قانائەت، ھالال تىرىكچىلىككە ئىنتىلىش، ھارام قىلمىش ۋە ھۇرۇنلۇقتىن نەپرەتلىنىش، پانىي دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى ياكى نامراتلىقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى قىلچە مەنسىتمەيدىغان روھىي كامالەت بولغاچقا، ماددىي بايلىق ۋە نامراتلىق تەشۋىشلىرى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ھېچقاچان ھۆكۈمران بولالمايدۇ.
قايناق بازارنى ئارىلاپ كېتىۋاتىمەن، مەسچىت ئالدىدا ئاتا-ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بالا تىلەمچىلەر، بىليارت ئويناۋاتقان بەستلىك ياش يىگىتلەر... يەنە بىر يەرلەردە بولسا مۇشۇ بازار كۈنىدىن پايدىلىنىپ، سەرەڭگە، شام، ياغلىق، پايپاق سېتىۋاتقان، چىرايىدىن سەمىمىيلىك، ئۈمىدۋارلىق، زېرەكلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچى تىجارەتچىلەر...مانا بۇلار ھەرقايسى يۇرتلىرىمىزدا دېگۈدەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان رېئال تۇرمۇش كارتىنىلىرىدۇر. ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىقتىساد قارىشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تىلەمچىلەر، بىكارچىلار توغرا ئىقتىسادىي ئاڭدىن چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ. ئازراق بولسىمۇ ھالال تىجارەت قىلاي دېگەن كىشىلەر بولسا(گەرچە ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ساپ پايدىسى 15-20 يۈەندىن ئاشمىسىمۇ) ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئەجىر قىلماي بايلىق چۈشەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ“{سۈرە«نەجىم»(53-سۈرە)، 39-ئايەت}.
بۇ— دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنساننىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرى ياخشى بولسىمۇ، يامان بولسىمۇ پەقەت شۇنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىدۇ دېگەنلىكتۇر. دۇنيادا ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلسىڭىز، ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىسىز. بۇ دۇنيالىقتىمۇ ھالالدىن كۆپرەك ئەجىر قىلسىڭىز، كۆپرەك ماددىي بايلىققا ئېرىشىسىز. ئەجىر-مېھنەت قىلماي دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشى نەتىجە چۈشەپ ئولتۇرۇش ئاللاھ تائالا بېكىتكەن سەۋەب-تەقدىر قانۇنىيىتىگە تۈپتىن خىلاپ.
ئائىلە باشلىقى بولغان كىشى يۈكسەك ئىقتىسادىي ئاڭغا، ئائىلە ئەزالىرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىغا، ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەلەيدىغان يۈكسەك پائالىيەتچانلىق روھىغا ئىگە بولمىسا، بۇنداق ئائىلىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىستىقبالىدىن قىلچە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئىقتىسادىي ئاڭ ۋە ئېتىقادتىن چەتنەپ، ھۇرۇنلۇق ۋە ھارام كەسىپ كوچىسىغا كىرىۋېلىشتەك ھالاكەت يولىدا كېتىۋاتقانلارنى پاك ئېتىقاد ۋە ھالال كەسىپ ئاساسىدا يېتەكلەش ھەربىر يۇرت ۋە ئائىلە باشلىقى، شۇنداقلا ھەر قايسى مەسچىتلەردىكى ئىمام-خاتىپلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار! يېڭى ئەسىردىكى دەۋر يۈزلىنىشى بىزنى يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال رىقابەت قاينىمىغا سۆرەپ كىردى، بۇ رىقابەت بىز مۇسۇلمانلاردىنمۇ يۈكسەك ھوشيارلىق تۇيغۇسى ۋە يۇقىرى ساپا تەلەپ قىلماقتا. بولۇپمۇ بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتە جىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”خالايىققا بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، بۇ چاغدا(كىشىلەرنىڭ ھارامدىن ساقلىنىشى، ئىمان-ئېتىقادىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن) پۇل-مال ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ“(«مىشكاتۇل مەسابىھ» ناملىق كىتابنىڭ ”كەسىپ ھەققىدە“ دېگەن بابىدىن) دەپ بېشارەت بەرگەن زامان بەلكى ھازىر كېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
بۇ زاماندا كىمكى ھۇرۇنلۇق ۋە نادانلىقنى تاشلاپ، توغرا ئېتىقاد ۋە ئىلمىي ئىقتىساد قارىشىنى تىكلەپ، كۆز ئالدىدىكى رېئاللىققا ئاڭلىق يۈزلىنەلىسە ھەقىقىي ئىنسانغا خاس مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، دۇنيادا ئەل قاتارى ياشىيالايدۇ. ئەگەر توغرا ئېتىقادتىن تەۋرىنىپ، ھالال كەسىپكە ئىنتىلمەي، ھۇرۇنلۇق قىلىپ، رېئاللىق ئالدىدا قۇلاق يوپۇرۇپ، قورساق تويغانغىلا قانائەت قىلىپ ئولتۇرسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خار-زەبۇن بولىدۇ.
ئى ئاللاھ! بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز بىزنى ئۆزۈڭ ئاتا قىلغان جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىمىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن، بىزنى ئۆزىمىزنىلا ئويلاشتىن باش كۆتۈرۈلمەيدىغان بىچارە مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئومۇمىيلىقنى كۆزلەيدىغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن. بىزنى ھالال نېمىتىڭ ئارقىلىق ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن، بىزنى ئىقتىسادىمىزنى ئېتىقادىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن، پانىي دۇنيانى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلىپ قويمىغىن، ئامىن!
)ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2008-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)