سەۋر قىلىش ۋە چىداملىق بولۇش توغرىسىدا

مۇھەممەد ئابدۇللا ئۆمەر

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

سەۋر قىلىش ۋە چىداملىق بولۇش ھەربىر مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل ئەخلاق ۋە ئالىيجاناب پەزىلەتلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنى قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ بىرمۇنچە ئايەتلىرىدە ئىنسانلارنىڭ سەۋر قىلىشى ۋە چىداملىق بولۇپ سەۋر ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن ياردەم ۋە ھىدايەت تەلەپ قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ نۇرغۇن ھەدىسلەردە ۋە ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدە سەۋرنىڭ ۋە چىداملىق بولۇشنىڭ ئىنسانلارغا نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى سەۋر قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ”ئى مۇئمىنلەر! تائەت-ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار،...“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 200-ئايەت}.

سەۋر قىلىش كۆڭلى ھاۋايى ھەۋەسنى ئىشتىھا قىلىپ تۇرسىمۇ، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئۈمىد قىلىپ، شۇ ئىشتىن ئۆزىنى تارتىش، ئازار كۈلپەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، كېسەللىكلەرگە، نامراتلىققا، يوقسۇزلۇققا، مۇسىبەتلەرگە ۋە بالايى ئاپەتلەرگە چىداشلىق بېرىپ، رازىلىق بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش دېمەكتۇر. سەۋر قىلىش ئىنساننى ئۆز تەبىئىتى گۇناھ مەئسىيەتلەرنى قىلىشقا زورلىسىمۇ، ئۇ ئىشلاردىن توسۇيدۇ ۋە ئۇ ئىشلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ. ھەقىقىي سەۋر ۋە چىداملىققا ئىگە بولغان ئادەم ھاياتىدا ئۇچرىغان چوڭ سىناقلار ئالدىدا تىت-تىت بولمايدۇ، گاڭگىرىمايدۇ، تەقدىردىن ئاغرىنمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاللاھنىڭ سىنىقى دەپ قاراپ، ئاللاھتىن ئۇنى يەڭگىللىتىپ بېرىشىنى ۋە سىناقلاردىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم بېرىشىنى تىلەيدۇ.

ئىنسان رېئال تۇرمۇشتا تەقدىرنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىغا ئۇچرايدۇ. بەزىلىرى شۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋايساپ تەقدىردىن ۋە زاماندىن ئاغرىنىدۇ، سىناقلار ئالدىدا تەمتىرەيدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن سىناق دەپ قارىمايدۇ. نەتىجىدە شۇ سىناقلاردىن ئۆتەلمەي بىر ئۆمۈر قايمۇقىدۇ. بەزىلەر بولسا سىناق ۋە كۈلپەتلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانى ئەسلەيدۇ، ئاللاھدىن ئۆزىگە باشپاناھ بولۇشنى تىلەيدۇ، ئاللا ماڭا مۇشۇ سىناقنى سالغان ئىكەن ئۆزىنىڭ رەھمان سۈپىتى بىلەن ماڭا ياردەم قىلىدۇ، دەپ ئاللاھقا يېلىنىدۇ. سەۋر قىلىش بىلەن ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، سىناقلار ئالدىدا تېڭىرقىمايدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ ئۇنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ سىناقلاردىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ سەۋر قىلغانلىقىغا ۋە چىداملىق بولغانلىقىغا كاتتا ئەجىر ۋە ساۋاب ئاتا قىلىدۇ.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 96-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا يەنە تۆۋەندىكى ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ئېيتىدۇركى: مېنىڭ مۆئمىن بەندەمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىنى قەبزى روھ قىلسام، ئۇ مېنىڭ ساۋاب بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىپ بۇنىڭغا سەۋر قىلسا ئۇنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمەن“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

سەۋر قىلمىغان، زاماندىن، تەقدىردىن ئاغرىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئېغىر مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلتۈرۈش ئارقىلىق سىنايدۇ، شۇ ئارقىلىق بەندىسىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانىنى  كۈچەيتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسان بۇنداق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە ھەرگىز تەقدىردىن، جۈملىدىن ئاللاھدىن ئاغرىنماسلىقى كېرەك.

ئاللاھ بەندىلەرنىڭ سىناقلار ئالدىدا ئۆزىگە غەزەپلەنمەسلىكىنى تەكىتلەپ تۆۋەندىكى ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق دېگەن: ”ئەڭ زور مۇكاپات ئەڭ چوڭ سىناقلار بىلەن بىللە، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى سىنايدۇ، رازى بولغانلاردىن رازى بولىدۇ، غەزەپلەنگەنلەرگە غەزەپلىنىدۇ“(ھەدىس قۇددۇسى، ئىبنى ماجە، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

شۇنىڭدەك، سەۋر قىلىش ئىنسان ئۆزىنىڭ روھىي ۋە نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان گۈزەل ئەخلاق بولغاچقا، ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە سەۋر ئاتا قىلىشىغا موھتاج. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن قولغا كېلىدۇ“{سۈرە«نەھل»(16-سۈرە)، 127-ئايەت}.

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ھېچ كىشىگە سەۋردىن ئارتۇق ۋە كەڭ سوۋغا بېرىلگىنى يوق“(ئۇسۇل خەمسەدە رىۋايەت قىلىنغان).

خۇددى يۇقىرىقى ھەدىستە دېيىلگەندەك ئاللاھ بەندىسىگە سەۋردىنمۇ ئارتۇق سوۋغا ئاتا قىلمىغان. سەۋر ھەربىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن مەيلى كىشىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلىك ئالاقىلەردە ياكى دىنىي پائالىيەتلەردە بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن ئىنسان سەۋردىن ئىبارەت بۇ نۇرنى جايىدا ئىشلىتىشى كېرەك، يەنى سەۋر قىلىش ۋە چىداملىق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئېسىل ئەخلاق پەقەت مۇسىبەتكە ۋە كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغاندا ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئەگەر ئىنسان كىچىك كۈلپەتلەر ئالدىدا سەۋر قىلىپ، چوڭ مۇسىبەت ۋە كۈلپەتلەر ئالدىدا سەۋر قىلالمىسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ سەۋرىسى سەۋر بولمايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدا ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ۋە دوست-يارەنلىرىدىن ئايرىلىشتىنمۇ ئارتۇق چوڭ مۇسىبەت بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ ۋاقىت دەل ئىنسان سەۋر قىلىدىغان ۋە چىداشلىق بېرىپ ئاللاھنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلىدىغان پەيتتۇر. بۇ توغرىسىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ ياخشىلىق قىلماقچى بولغان ئادەمنى مۇسىبەتدار قىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

بىز مۇشۇنداق چوڭ سىناقلار ئالدىدا چوقۇم سەۋر قىلىشىمىز ۋە مېيىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. ھەرگىزمۇ مېيىت ئۈچۈن ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلاش، ياقىلىرىنى يىرتىپ، قوشاق توقۇپ يىغلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا ئىنساننى بۇ دۇنياغا ياراتتى، يەنە ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىز يۇقىرىقىدەك ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلىپ سالساق، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولمىغان بولىمىز ھەم بىزنىڭ شۇ ئىشلىرىمىز تۈپەيلى مېيىتمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئازابقا دۇچار بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە بايان قىلىنىشىچە: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىز بالىسى سەكراتقا چۈشۈپ قىلىپ چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن كىشىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭغا سالام دېگىن، ئۇنىڭغا دە، ئاللاھ ئالغان نەرسە، بەرگەن نەرسە ھەممىسى ئاللاھنىڭ، ھەممە نەرسە ۋاقىتلىق، سەۋر قىلسۇن، ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلسۇن“ دېگەن. ”رەسۇلۇللاھ ئۈن سېلىپ يىغلىغان ئايالدىن، ھازا تۇتۇش يۈزىسىدىن چېچىنى ئالدۇرۇۋەتكەن ئايالدىن ۋە كىيىملىرىنى يىرتقان ئايالدىن بىزار بولغانىدى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇنداقلا: ”ئۆلگەن ئادەم قەبرىدە ئۇنىڭغا باشقىلار ئۈن سېلىپ يىغلىغانلىق سەۋەبلىك ئازاب چېكىدۇ“ دېگەنىدى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشكە بولىدۇكى، ئاللاھنىڭ ئېلىپ كەتكىنى ئۆزىنىڭ بەرگەن نەرسىسى. شۇڭلاشقا ئىنسان بۇنداق مۇسىبەتكە سەۋر ئارقىلىق بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېيىتنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاللاھ مېيىتكىمۇ ۋە دۇئا قىلغۇچىغىمۇ ئوخشاشلا ساۋاب بېرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغۇچىلار ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان-زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا(جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: ’بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز(يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز‘ دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 155157-ئايەتلەر}.

چىداملىق بولۇش ھەربىر سالىھ مۇسۇلماننىڭ شوئارى، راستچىل كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مىزانى بولۇپ، سەۋر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەۋرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن تەس.

چىداملىق بولۇش مۇسۇلمان بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئۆزىنى توغرا يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، مۇسىبەت، خورلۇق ۋە ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىغاندا سەۋر قىلىش، بەرداشلىق بېرىش ۋە ئاللاھدىن ئۆزىگە ئەجرى ئاتا قىلىپ ياخشى، سالىھ بەندىلەردىن قىلىشنى ئۈمىد قىلىشتۇر. چىداملىق بولغان ئادەم يامانلىققا يامانلىق قىلمايدۇ، ئەكسىچە يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن قايتۇرىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن قارشى تەرەپتىن قىساس ئالمايدۇ. شەخسىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويماستىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئۆزىگە نەمۇنە ۋە ئۈلگە قىلىدۇ.

بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىمىزدا باشقىلار بىلەن ئازارلىشىپ قېلىشتىن خالىي بولالمايمىز. بەزى ۋاقىتتا ھەتتا باشقىلارنىڭ ئەرزىيەت بېرىشىگە ئۇچرايمىز. مانا مۇشۇ ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ سەۋر قىلىش ۋە چىداملىق بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. قارشى تەرەپكە سىلىق، ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇپ يامانلىققا يامانلىق قىلماستىن، بەلكى ياخشى پوزىتسىيە بىلەن قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپمۇ ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىدىن يېنىشى مۇمكىن. بىزمۇ ھەم بىر مەيدان كۆڭۈلسىزلىكتىن ساقلىنىپ قالغاندىن باشقا، ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىغا ئېرىشىمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق(يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ“{سۈرە«فۇسسىلەت»(41-سۈرە)، 34-ئايەت}.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ: ”ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاراۋاتاتتىم، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى توغرىسىدا سۆزلەۋاتاتتى، قەۋمى ئۇنى ئۇرۇپ قان چىقىرىۋەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاننى سۈرتۈۋېتىپ: ’ئى ئاللاھ، قەۋمىمنى كەچۈرگىن، ئۇلار بىلمەيدۇ‘ دېدى“(بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناھايىتى سەۋرچان ۋە چىداملىق ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدىغان ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشكارا ئىسلام دەۋىتىگە ئۆتكەندە قۇرەيش قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ نۇرغۇن ھاقارەتلىرىگە ئۇچرىغان. لېكىن ئۇ بىرەر قېتىممۇ ئۇلارغا بەددۇئا قىلمىغان. ئەكسىچە چىداشلىق بېرىپ، سەۋر قىلىپ ئاللاھدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىشنى ۋە ئىمان نۇرى سېلىشنى تىلىگەن. بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئەبۇ جەھىل بوغۇزلاپ بۇتقا قۇربانلىق قىلغان بىر قوينىڭ بالىياتقۇسىنى ئۇنىڭغا ئاتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە دېمەستىن، قىزى فاتىمەنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇچىسىنى تازىلاتقانىدى.

بىز مۇسۇلمانلار ھەممە ئىشىمىزدا رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. رەسۇلۇللاھنىڭ چىداملىق ۋە سەۋرچانلىقتىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاقى-پەزىلىتىدىن ئۆگىنىشىمىز تېخىمۇ زۆرۈر. سەۋر قىلىش ۋە چىداملىق بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خىسلەتنى ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلىك ئالاقىلىرىمىزدا ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سەۋرچان، چىداملىق روھىدىن ئۆگىنىپ، ئىمانىمىزنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاساس سېلىشىمىز ۋە شارائىت ھازىرلىشىمىز كېرەك.

ئاللاھ بىزنى سەۋر ۋە چىداملىق ئارقىلىق ھەرقانداق مۈشكۈلات ۋە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب قىلىپ، ئىمانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، سەۋردىن ئىبارەت بۇ نۇر بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ زۇلمەتلىرىدىن يىراق قىلغاي ۋە شۇ ئارقىلىق بىزنى ئىككىلا ئالەمدە نىجات تاپقۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىپ، بىزنىڭ ئاخىرقى غايىمىز ۋە ئۆمۈرلۈك ئۈمىدىمىز بولغان جەننەتتىن ئىبارەت بېھىشقا ئېرىشتۈرگەي، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)