سابىر ئىمام
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
ئالىم-ئۆلىمالار قاراڭغۇدا كىشىلەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىدىغان نۇرلۇق چىراغقا ئوخشاش بولۇپ، چىراغ ئۆزىنىڭ كۆيۈشى بەدىلىگە باشقىلارغا يورۇقلۇق بېغىشلىغاندەك، ئالىم-ئۆلىمالارمۇ بىلىمى ئارقىلىق جامائەتنىڭ قەلبىنى يورۇتىدىغان ۋە ئازغۇنلۇقتا قالغان كىشىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراغدۇر. رەسۇلۇللاھ بىلىم ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتىدىغان چىراغ مەسەللىك ئالىم-ئۆلىمالارنى ئىلگىرىكى زاماندىكى ئۈممەتلەرنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يۈكسەك دەپ قارىغان ۋە ئالىم-ئۆلىمالارغا ”پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى“ دېگەن شان-شەرەپنى بېرىپ: ”ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر“ دەپ ئېلان قىلغانىدى.
پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈش ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە بولغىنىدەك، ئۆزىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى دەپ پەخىرلەنگەن ئالىم-ئۆلىمالىرىمىزغا جامائەتنى توغرا يولغا يېتەكلەشمۇ ئۆمۈرلۈك ۋەزىپىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ”سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر تۈركۈم جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر“{سۈرە«ئال ئىمران»(3-سۈرە)، 104-ئايەت}.
بۇ ئايەتتىن، كىشىلەرنى ھەرقانداق ئورۇندا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسالايدىغان ھەم شۇنداق ئىشلارغا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشىلەر ئاندىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزباسارلىرى بولالايدىغان ھەقىقىي ئالىم-ئۆلىمالاردۇر، دېگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىۋالالايمىز. ئاللاھ ئالىم-ئۆلىمالىرىمىزغا بۇ ۋەزىپىنى خاس مەسچىت-خانىقالىرىمىزدا ئېلىپ بېرىشقىلا چەكلەپ قويماستىن، ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئاساستا زېمىننىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىشنى بەلگىلىدى. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ: ”ئاللاھ بىر كىمگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلماقچى بولسا، ئۇ كىشىنى دىندا ئالىم قىلىدۇ“دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
دىنىي ئىلىمدا ئالىم بولۇپ كامالەتكە يېتىش ئاللاھنىڭ شۇ كىشىگە بەرگەن چوڭ ئىنئامىدۇر. ئاللاھ بۇ ساھەدە خالىغان بەندىلىرىنىلا يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. چۈنكى ئاللاھتىن قورقىدىغانلار ھەقىقىي ئالىملاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ“{سۈرە«فاتىر»(35-سۈرە)، 28-ئايەت}.
دېمەك دىنىي بىلىم ئالغان كىشىنىڭ ھەممىسى داموللا، ئالىم-ئۆلىما بولۇپ چىقىشى ناتايىن. بۇنداق كاتتا ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغانلارلا ئاندىن ھەقىقىي ئالىم-ئۆلىما ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ئىلىم ئىشلىرىدا نىيەت چوقۇم دۇرۇس بولۇشى كېرەك. نىيىتى ئەگرى كىشىلەرنىڭ بىلىملىك بولۇپ قېلىشى چوڭ ئاپەتتۇر. بۇنداق كىشىلەرنى شەيتان سۈپەت دېسەك ئېشىپ كەتمەيدۇ. نەقىل قىلىنىشىچە، شەيتانمۇ پەرىشتىلەرنىڭ سەردارى ۋە ئالىمراقى ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بىلىمى ئاسىيلىقنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. ئىككىنچىدىن، بىلىم ئىنسانلارنىڭ ئىناۋەت-ئابرۇي، شان-شۆھرەت قازىنىشىنىڭ دەسمايىسىگە ئايلانماسلىقى كېرەك. ئالىم-ئۆلىمالاردا ھەسەتتىن قىلچە ئەسەر بولماسلىقى، ئۇلار بىر-بىرىدىن سورۇن تالاشماسلىقى، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇشى، شۇنداقلا بۇ ۋەزىپىنى ئاللاھدىن تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. پەيغەمبەرلەردىن بىزگە ئىناۋەت، شان-شۆھرەت مىراس قالماستىن، بەلكى بىلىم مىراس قالدى. رەسۇلۇللاھ ھەدىستە: ”ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. پەيغەمبەرلەر مال-دۇنيانى مىراس قالدۇرماستىن، بەلكى بىلىمىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. ھەر قانداق كىشى ئەنە شۇ بىلىمىنى ئىگىلىسە ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىگە تولۇق ئېرىشىدۇ“، ”قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە شاپائەت قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرلەر، ئالىم- ئۆلىمالار، شېھىتلەردۇر“ دېگەنىدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ قىيامەتتە ئېرىشىدىغان دەرىجىسى يۇقىرى بولغىنىدەك، بىلىمىنى ئىشلەتمىگەن ياكى بىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ئالىملارنىڭ ئالغان بىلىمى قىيامەت كۈنى ئۆزىگە ھەسرەت ۋە ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەدىستە: ”بىلىمنى يوشۇرۇپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزمىگەن ئالىمغا قىيامەت كۈنى ئوتتىن يۈگەن سېلىنىدۇ“ دېگەنىدى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بىلىملىك كىشىلىرىمىز قىيامەت كۈنى ئوتتىن يۈگەن سېلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ۋە ھەرقانداق شارائىتتا، ئۆز بىلىمىنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”ۋەز-نەسىھەتكە پايدىلىق بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز-نەسىھەت قىلغىن. ئاللاھتىن(قورققان) ئادەم ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز-نەسىھەتتىن قاچىدۇ“{سۈرە«ئەئلا»(87-سۈرە)، 9-11-ئايەت}.
بۇ ئايەتتىن ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانى بولۇپ، ئالىم-ئۆلىما، خاتىپلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. ئۇلار ھەر نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە، ھېيت نامىزى، مېيىت نامىزى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەردە ۋە نىكاھ خۇتبىسى ۋە جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەرجىمىسىنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئارقىلىق جامائەتلەرنى دىنىي ئەقىدە، ئىبادەت قاتارلىق ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ: ”مەن كىشىلەرگە بىلدۈرگۈچى بولۇپ ئەۋەتىلدىم“ دېگەنىدى(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
بىزنىڭ ئالىم-ئۆلىما، ئىمام-خاتىپلىرىمىز ئىچىدىمۇ بۇ خىزمەتكە قانداق ئورۇنلىشىپ قالغىنىنى، بۇ خىزمەتنى كىمنىڭ تاپشۇرغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن، نېمە مەقسەت بىلەن قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىرى خېلى كۆپ. روشەنكى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز بىر نەرسىنى ئالدىدىن سېزەلەيدىغان ”سەزگۈرلەر قاتلىمى“ ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلىرىمىز تاشقى ئۇچۇرلارنى شۇلار ئارقىلىق ئاڭلايدۇ ھەم ئىگىلەيدۇ. ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ نېمىنى قوبۇل قىلىپ، نېمىنى تەرك ئېتىشى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىشى بولماستىن، كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئومۇمىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى ئالىملىرىمىز جامائەتنىڭ بېشى ھېسابلانغاچقا، ئۇلار تەبىئىيلا جامائەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. جامائەتنىڭ ھەممىسى بىلىملىك، دانا بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غاپىللىقتا، نادانلىقتا يۈرۈپ قالىدۇ، بەزىدە ھەتتا جەمئىيەتتىكى ئېزىقتۇرۇشلارغا ئالدىنىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”ئۇلار: ’ئەگەر بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بولساق، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق‘ دەيدۇ“{سۈرە«مۈلك»(67-سۈرە)، 10-ئايەت}.
رەسۇلۇللاھمۇ بۇ توغرىلىق: ”ئالىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى تەقۋادار كىشىلەرگە نىسبەتەن 14 كۈنلۈك تولۇن ئاينىڭ باشقا ئاسمان جىسىملىرىدىن يورۇقراق بولغىنىغا ئوخشاشتۇر“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
شەرق دانىشمەنلىرىنىڭ ئىزچىل سادىر قىلغان خاتالىقى شۇكى، ئۇلار ئۆز دەۋرىدە قۇرئان خالىقمۇ، مەخلۇقمۇ؟ جەننەت نېمە ئۈچۈن سەككىز؟ دوزاخ نېمە ئۈچۈن يەتتە؟ دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە 800 يىل مۇنازىرىلەشكەن. بۇ دەل ئىلمى كالام دەۋرى بولدى. ئۇلار بۇ سوئاللار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەچكە شۇ زاماندىن باشلاپ شەرق خەلقى جۈملىدىن بارلىق مۇسۇلمانلار مەھكۇملۇق تەقدىرىگە مۇپتىلا بولۇشقا باشلىغان. بۇ دەل ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ۋۇجۇدقا چىققان دەۋرى ئىدى. شۇ دەۋرنىڭ بىر مۇنچە ئالىم-ئۆلىمالىرى بەزى پائالىيەتلەر ۋە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆپلىگەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە نادانلىقنى قالدۇرغان. بۇ ئۇدۇم بىزنىڭ قىسمەن ئالىم-ئۆلىما، ئىمام-خاتىپلىرىمىزغا قالغان بولۇپ، ئۇلاردىن بىر مۇنچىسى ھازىرقىدەك بىلىم رىقابىتى، ئىقتىسادىي رىقابەت ۋە مەدەنىيەتلەر رىقابىتى بولغان دەۋردىمۇ زۆرۈر بولمىغان تېمىلار ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىپ، بىر-بىرىگە ھۈرپىيىشىپ يۈرگەچكە، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىمىزغا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولماقتا. رەسۇلۇللاھ: ”جامائەت بىلەن بىرگە بولۇڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ ياردىمى جامائەتنىڭ ئۈستىدە“ دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ھالبۇكى بىر قىسىم ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەمەننالىق، شۆھرەتپەرەسلىك ئۆزئارا ھامكارلىشىشقا يول قويمىدى، ئۇلار مەنپەئەتپەرەسلىكتىن كېچەلمىدى. جامائەتلەر سەركىسى بولۇشقا تېگىشلىك بۇ ئۆلىمالىرىمىز باشقىلارنىڭ سايىسىدە ئەركە بولۇپ يۈرۈۋاتىدۇ، بۇنداق ئادەملەرنىڭ خەلق ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خەلقنىڭمۇ بىر بەختسىزلىكى، چۈنكى خەلق بىر قەدەر نادان، ساپاسىز بولسا ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا شۇ ئۆلىمالارغا ئەگىشىپ كېتىدۇ-دە، نەتىجىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى يەنىلا شۇ خەلق بولىدۇ.
زامانىمىزدا بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە قويۇلغان بىلىم ئىگىلىرى جامائەت ۋە ھۆكۈمەت بەرگەن بۇ شەرەپلىك ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ، جامائەتنى ئۆز بىلىمىدىن بەھرىمەن قىلىپ، قانۇن يول قويغان دائىرىدە دىنىي ئەقىدە ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلارنى جامائەتكە تەشۋىق قىلىشى ياكى دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىپ، قانۇن ۋە سىياسەتنىڭ رولى، ماھىيىتىنى تەشۋىق قىلىشى، جامائەت سورۇنلىرىدا ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇپ، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئۆزىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، قىلغان سۆزىدە جامائەتنى رازى قىلىشى لازىم. رەسۇلۇللاھ بۇ توغرىلىق: ”بىرىڭلار ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىدىن نەسىھەت تەلەپ قىلسا، دىنىي قېرىندىشى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ قويسۇن“ دېگەنىدى. شۇڭا مۇشۇنداق مۇقەددەس ۋەزىپىگە قويۇلغان ۋە ئىگە بولغان بارلىق ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز، ئىمام-خاتىپلىرىمىز بۇ ۋەزىپىنى قەدىرلەپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ بىلىملىرىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، جامائەتلىرىمىزنى چوڭقۇر مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلىشقا، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنى دەستۇر قىلىپ، ساپ ئىسلام روھىغا سادىق بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئېتىقاد-ئەقىدە ۋە گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈستىمىزدىكى مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇنداشقا تىرىشايلى!
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2004-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)