ئابدۇلېتىپ داموللا ھاجى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى باشلايمەن)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت!
ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇبارەك قۇرئان كەرىمدە ئېيتىدۇركى: ”بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. شۇڭا، سىلەر مۇشۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇ ناتوغرا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى“(سۈرە«ئەنئام»، 153-ئايەت).
يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ”توغرا يول“ بۇ يەردە ”ئوتتۇرا يول“ نى كۆرسىتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرگە بۇ ئايەتى كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ”توغرا يول“ نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر سىزىقنى سىزغان، ئاندىن بۇ سىزىقنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە يەنە ئايرىم-ئايرىم ئىككى سىزىقنى سىزغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولىنى ئوتتۇرىدىكى سىزىققا قويۇپ، يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمنى تىلاۋەت قىلغان دەيدۇ.
”توغرا يول“ ئىسلامنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزئارا قارىمۇقارشى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك، ئادىللىق ۋە تەڭپۇڭلۇق دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، يەنى ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئىگىلىۋالمايدۇ، بىر تەرەپنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك يەنە بىر تەرەپ يوقاپ كەتمەيدۇ.
ئۆزئارا قارىمۇقارشى تەرەپلەر دېگەندە: رەببانىيلىق بىلەن ئىنسانىيلىق، روھ بىلەن ماددا، دۇنيالىق بىلەن ئاخىرەتلىك، ۋەھيى بىلەن ئەقىل، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى، شەخس بىلەن كوللېكتىپ، رېئاللىق بىلەن خىيال ۋە مۇشۇلارغا ئوخشاشلار. بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بولسا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆز دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك ۋە قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئاشۇرۇپ كېمەيتمەستىن ئادىللىق بىلەن ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر. يۇقىرىقىلارغا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىشارە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە كەم-زىيادە قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى. ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار“(سۈرە«رەھمان»، 7-، 8-، 9-ئايەتلەر).
”ئوتتۇرا يول“نىڭ ئىسلام دىنىدىكى كۆرۈنۈشلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ناھايىتى ئوچۇق جىلۋىلىنىدۇ.
1. ئىسلامنىڭ ئىبادەتتىكى ئوتتۇرا يوللۇقى
ئىسلام ئۆزىنىڭ ئىبادەتلىرىدە ۋە باشقا دىنلار ئىچىدە ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ بولسا مۇسۇلماننىڭ دىن ۋە دۇنيالىققا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىدۇر. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى باشقا ئۈممەتلەردىن ئالاھىدە ئايرىشى جەھەتتىكى ئاساسى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك، سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق“(سۈرە«بەقەرە»، 143-ئايەت)
ئىسلام ئۈممىتى ئادىل ۋە ئوتتۇرا ھال ئۈممەت بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئوتتۇراھال ۋە توغرا يولدىن ئوڭغا ياكى سولغا قېيىپ كەتكەنلەرگە گۇۋاھچى بولىدۇ.
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى رامىزان روزىسىدىن باشقا ئادەتتىكى نەفلە روزىلارنىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇتۇشتىن توسۇمايدۇ، شۇنداقلا ھەمىشە روزا تۇتۇشنىمۇ تەشەببۇس قىلمايدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قىلىدىغان تائەت-ئىبادىتىدىن سورىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، ئۇنى ئاز ساناپ: ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلەيتۇق؟ دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى: مەن ھەمىشە كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ چىقىمەن دېدى . يەنە بىرى: مەن ھەمىشە روزا تۇتىمەن، ھەرگىز ئېغىزىم ئوچۇق يۈرمەيمەن دېدى . يەنە بىرى: مەن ئاياللاردىن يىراق بولىمەن، ھەرگىز ئۆيلەنمەيمەن دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم كېلىپ ئۇلارغا دېدىكى: ”سىلەر مۇنداق دەپسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھدىن بەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن، روزىنىمۇ بەزىدە تۇتىمەن بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن، خوتۇنمۇ ئالىمەن، كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا دىنى نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز تەقۋادارلىقى نۇقتىسىدىن، ھەمىشە روزا تۇتۇشى ھەتتا يىل بويى روزا تۇتۇشىمۇ بىر خىل چېكىدىن ئاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا تەن ساغلاملىققا زىيان يېتىدۇ.
2 . ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى ئوتتۇرا يوللۇقى
ئىسلام ئەخلاق جەھەتتىمۇ ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مەسىلەن: ھەددىدىن ئاشقان غايىچىلار ئىنساننى پەرىشتىدەك ئويلاپ، ئىنسانغا مۇمكىن بولمايدىغان نۇرغۇنلىغان ئەدەپ-ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلارنى يۈكلەيدۇ، ئەمما چەكتىن ئاشقان رېئالىزمچىلار بولسا، ئىنساننى ھايۋان ياكى ھايۋانغا ئوخشاش دەپ ئويلاپ، ئىنسانىيلىققا يات بولغان يوللارنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاۋۇلار(غايىچىلار) ئىنسان تەبىئىتىنى ياخشى گۇمان قىلىپ، ئىنساننى نوقۇللا ياخشى دەپ قارىدى، ماۋۇلار(رېئالىزمچىلار) بولسا ئىنسان تەبىئىتىنى يامان گۇمان قىلىپ، ئىنساننى نوقۇللا يامان دەپ قارىدى. ئەمما، ئىسلامنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ئەقىل ۋە شەھۋەتتىن تەركىب تاپقان مەخلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھايۋانىي تەبىئەت بىلەن پەرىشتىدەك روھانىي تەبىئەت مۇجەسسەملەشكەن، ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ياكى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل يولغا ھازىرلانغان بولىدۇ. ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى بولسا خۇددى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ”جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى بېجىرىم ياراتقان، ياخشىلىق-يامانلىقنى ئۇنىڭغا تونۇتقان زات بىلەن قەسەمكى، قەلبىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ“(سۈرە«شەمس»، 7-، 8-، 9- ئايەتلەر) دېگەندەك ئۆز نەپسى بىلەن روھى پاكلانغۇچە كۈرەش قىلىشتۇر.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ توغرىسىدىكى ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسلىرى ناھايىتى كۆپ، ”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە جەھەتلىرىگە سىڭگەن.
”ئوتتۇرا يول تۇتۇش“ تەشەببۇسى ئىسلام دىنىمىزدىكى بىرخىل ئالى روھ بولۇپ، ئۇ يۈكسەك ئىنسانىيلىقنى ۋە چوڭقۇر ھېكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىسلام دىنىمىز باشقىلارغا دوستانە، مېھرىبان، كەڭ قورساق بولۇشنى، ھەرقانداق ئىشنى لايىقىدا قىلىشنى، قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى قىلىشنى، قىلىش بىلەن قىلماسلىقنىڭ چېكى بولۇشنى، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىمىز ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىشقىمۇ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
ئەھلى جامائەت: ”ئوتتۇرا يول“ ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ھىدايەت قىلىدىغان يولى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ يولى، شۇنداقلا، ئىسلام دىنىمىزنىڭ يولىدۇر، بىز بۇ يولغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇخالىپ ئىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز سۈرە«فاتىھە»دە بايان قىلىنغان: ”سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن، غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن(ئامىن)“ (سۈرە«فاتىھە»، 6-، 7-ئايەتلەر). دېگەن ئايەتلەرنى ھەر دائىم يادقا ئېلىپ ئوقۇشىمىز، مۇشۇ ئايەتلەر توغرىسىدا ھەر دائىم پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز لازىم.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-كەرەمى بىلەن بىزنى ”ئوتتۇرا يول “ ــ ئىسلام دىنىنىڭ توغرا يولىدا مېڭىشىمىزغا مۇشەررەپ قىلغاي. ئامىن!