ئاياللارنىڭ ئىلىملىك بولۇشى ھەققىدە ئويلار

ئىلتەرىش ئەزىز

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئىنسان بۇ دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ لەھەتكە كىرگۈچە شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرۈشى، ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، بىلىش دائىرىسى كېڭىيىپ بارىدۇ. كۆرگەن، ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى بىلىم دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ بىلىمى كۆرۈش، ئاڭلاش جەريانىدا جۇغلىنىدۇ. بىلىم ئىنسانلارنى دۇنيانى بىلىش، كائىناتنىڭ سىرلىرىنى ئېچىش، ئىپتىدائىيلىقتىن زامانىۋىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىش يولىغا باشلاپ كەلدى. بىلىم ئىنسانلارنى ئىلمىي قاراش، ئىلمىي ھەرىكەتكە ئىگە قىلغۇچى ئەڭگۈشتەردۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن(خەت يېزىشنى)ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىنى بىلدۈردى“{سۈرە«ئەلەق»(96-سۈرە)، 15-ئايەتلەر}. ياراتقۇچى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق ئىنسانلارغا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن.

ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئائىلىدە، جەمئىيەتتە، جۈملىدىن پۈتكۈل قەۋمدە ئوينايدىغان رولىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئەقىدە-ئىخلاستىن ئەدەپ-ئەخلاققىچە، پەرزەنتلەرنى باغرىغا بېسىپ مېھىر يەتكۈزۈشتىن ئاياللىق خۇلققىچە، مۇھەببەت بۇلىقى بولغان ئائىلىدىكى زەررىچە ھەرىكىتىدىن روجەك سىرتىغىچە، قوشنىدارچىلىقتىن تۇغقاندارچىلىققىچە، ئىمان ئېيتىشتىن ئىلىم تەھسىل قىلىشقىچە، كۆچەت تىكىشتىن مول ھوسۇل ئېلىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر چىن مۇسۇلمان يېتىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان خىسلەتلەرنى، ئەمەل قىلىش ۋاجىب بولغان پىرىنسىپ، قائىدە-نىزاملارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاياللارنىڭ رولىنى نۇرلاندۇرۇشقا چاقىرىدۇ. ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئىلىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلىمنى ئاياللىق، ئانىلىق رولىنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش ئاياللارنىڭ مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشتىكى نىجاتلىق يولىدۇر.

ئىسلام دىنى دىن بىلەن پەننى تەڭ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان دىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئىلىم ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى قەلبىتىكى ئىلىم، ئۇ پايدىلىق ئىلىم؛ يەنە بىرى، تىلدىكى ئىلىم، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەۋلادلىرى ئۈستىدىكى ھۆججىتىدۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). دىنىي ئىلىم مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەل بولسا، پەننىي ئىلىم مۇسۇلمانلارنىڭ تەپەككۇرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئىش-ھەرىكىتىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى تەرەققىيات يولىغا باشلىيالايدۇ.

ئەپسۇس، بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ بىلىملىك بولۇشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، ئۇلار: ئاياللار قانچىكى نادان، بىلىمسىز بولسا باشقۇرماق، گەپكە كىرگۈزمەك شۇنچە ئوڭاي؛ ئايال خەق بىلىملىك بولۇپ كەتسە ئېرى باشقۇرالماي قالىدۇ، ئۇنداق ئايال بىلەن نىكاھلانغان ئەرنىڭ جېنىغا ۋاي، خوتۇنىغا بىر ئۆمۈر ئېگىلىپ ئۆتىدۇ...دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەرلەر ئايالىنىڭ ئىلىم ئىگىلەش، ساپالىق ئادەم بولۇش ئارزۇسىنى تىڭشىمايدۇ ھەم ئۇنىڭ ئۇنداق ھوقۇقى بار دەپ قارىمايدۇ. ئۇنداق ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە ئۆيدىكى ئايال ئۈچۈن كىتاب ئوقۇشنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق، خوتۇن خەق كۆپ نەرسىنى بىلىپ كەتسە بولمايدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئىلىمسىز، نادان بولۇشىنىڭ پۈتكۈل ئائىلىسى، بولۇپمۇ ئەۋلاد تەربىيەسى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلمىسە كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”يەر يۈزىدىكى ئالىملار خۇددى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ جاھاننى يورۇتۇشى بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا يول تېپىپ ماڭغىلى بولىدۇ. يۇلتۇزلار بولمىسا، يول يۈرگەنلەر ئېزىپ قېلىشقا تاس قالىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئاياللارنىڭ ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىشى، ئىلىم ئىگىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشى، ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشى ئۆزى، ئائىلىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدە يېڭى قاراشقا ئىگە بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ ھەربىر قەدىمىدىن گۈل ئۈندۈرۈشنىڭ يولى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئاياللار ئىلىمخۇمار بولغاندا بالىلارمۇ ئىلىم دەرياسىدا بېلىقتەك ئۈزىدۇ. ئىلىملىك ئايال بالىلىرىغا ئىلىم ئىگىلەشنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە ئەستىن چىقمىغۇدەك تەربىيەلەرنى بېرەلەيدۇ، ئىلىمسىز ئايال گەرچە بالىسىنى مەكتەپكە ئەۋەتىشنى ئۇنتۇمىغان بولسىمۇ، ئەمما بالىسىغا ئىلىمنىڭ ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى تەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا سەپەر قىلىدىكەن، ئۇ تاكى قايتقۇچە ئاللاھنىڭ يولىدا ھېسابلىنىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن، ئىلىم بۇلاقلىرى قانچىكى يىراق بولسىمۇ ئىلىم كەۋسىرىگە قېنىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ سەپەرگە ئاتلىنىشنىڭ بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇرۇس ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. جۈملىدىن، ئاياللار شەرىئەت يول قويغان، شەرت-شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئىلىم تەھسىل قىلسا بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئاتا ئۆز قىزىغا، ئەر ئۆز ئايالىغا مۇستەھكەم تايانچ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىنى قوللىسا بولىدۇ. ئائىلە، ئەۋلاد، قەۋم ئۈچۈن ھەق-ناھەق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئىنتىلىدىغان، ئائىلىسىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ئىنساننى دىنىمىز ئەلۋەتتە قوللايدۇ. ئەرلەرنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى، پەرزەنتلەرنىڭ ئۇستازى بولغان ئاياللار ئىلىم كويىغا كىرسە ياراتقۇچى ئاللاھ بۇنداق ئايالنىڭ دىلىنى يورۇق، ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق، ئىمانىنى مۇستەھكەم، ساۋابىنى زىيادە قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كاتتا ئالىمە بولۇپ، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئەتراپىدىكىلەرگە، بولۇپمۇ ئاياللارغا ئەڭ كۆپ يەتكۈزۈپ، ئۈممەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. بىزنىڭ ئاياللىرىمىزمۇ ”مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى“ دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادەك ئىلىم يولىدا ئەجىر قىلسا، ئاللاھ تائالا خالىسا، ئۇ ئايالنى ئىلىملىك، ئېتىبارلىق قىلىدۇ.

ئاياللار ئاياللىق، ئانىلىق بۇرچىنى ياخشى ئورۇنلاش، ئەتراپىدىكىلەرگە ئىمان-ئېتىقادى، سۆز-ھەرىكىتى بىلەن ياخشى تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەنسە گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك ئىش بولىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئىلىم ئىگىلەش نىيىتى توغرا بولۇشى، ئۆزى، پەرزەنتى، يولدىشى، مىللىتى ئۈچۈن خالىس روھ بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشى كېرەك.

20-ئەسىردىكى ئىسلاھاتچى دەپ ئاتالغان ئابدۇقادىر داموللا ئۆزىنىڭ «نەسىھەتى ئاممە» ناملىق رىسالىسىدە: ”ئەر ۋە ئاياللارغا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرزلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنىڭغا دىققەت-ئېتىبارىمىزنى قوزغىشىمىز، خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىز لازىم. چۈنكى كىچىك بالىلار نادان ئانىنىڭ تەربىيەسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە دۇچار بولۇپ قالسا، كېيىن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى ناھايىتى جاپالىقتۇر. ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا پەرزەنتىگە ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلۇر. بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ. ھەدىستىمۇ ’ھەربىر پەرزەنت تۇغۇلۇشتا ئەيىبسىز، لېكىن ئۇنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىگە باغلىق‘ دېگەن مەزمۇن بار. ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تونۇيلى، كەلگۈسى ئىستىقبالىمىزنى ئويلايلى. بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى زاۋاللىقتىن قۇتۇلدۇرايلى“ دەپ خىتاب قىلغان.

بىر ئائىلە، بىر مىللەت ئۈچۈن ئانا تەربىيەسى، ئانا ساپاسى تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، مۇشۇ تەربىيە ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، قىز-ئاياللارنىڭ ساپاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن خەلقلەر بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم-پەننىڭ كاتتا نەتىجىلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكتە. قىز-ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۇلارغا قانچىكى تۆۋەن مۇئامىلە قىلغان خەلقلەرنىڭ ھالى خارابلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە.

ئاياللار يېرىم دۇنيالىق ئورنى بىلەن ئىلىملىك بولۇشى كېرەك. ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنى ھەرگىزمۇ ئەرلەر بىلەن بەسلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەرلەردىن قېلىشمىغۇدەك ئىنسان ئىكەنلىكىنى تونۇش ئارقىلىق ئېرىشىۋاتقان ئورۇن بولماستىن، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان فىزىيولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي روللارنىڭ ھاياتلىق ئالىمىدە توغرا، ئىلمىي يوسۇندا جارى بولۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ئورۇن بولۇپ، ئائىلىنى ئاياللىق پۇراق بەلگىلىك دەرىجىدە قاپلىسا، ئەرنىڭ كۆڭلى ئائىلىدىن سۇ ئىچىدۇ. ئايالىغا بولغان مۇھەببەت ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەرلىك مەسئۇلىيەت ئېڭى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئاياللىق پەزىلەت ئائىلىدىكى ئوچاق بېشىدىلا ئەمەس، ئائىلىدىكى ھەربىر ئىش ھالقىلىرىغا، ھەربىر نەرسىگە تەبىئىي رەۋىشتە سىڭىپ كەتسە، بۇنداق ئائىلىدە ئىناقلىق، خۇشاللىق چەشمىلىرى ئوقچۇپ تۇرىدۇ. ئائىلىدە تىنىم تاپماي ئىش قىلىدىغان ئاياللار كۆپ، ئەمما بىر قىسمى يەنىلا بەختسىز، چۈنكى ئۇلار ئىش قىلىشنى بىلگەن بىلەن، ئۆگەنگەنلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ئاز، تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئائىلىدىكى ئاياللىق ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ئائىلە ئەزالىرىغا تۈزۈك ھېس قىلدۇرالمىغان.

ئىلىم — ئاياللارنىڭ ئاياللىق ئېڭىنى كۈچلەندۈرگۈچى قۇۋۋەت ئوزۇقلۇقىدۇر. نادان ئايال بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان ئايالنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئاياللىق ئاڭ بولىدۇ، لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئاياللىق ئېڭىنىڭ كۈچلۈك، ئاجىزلىق دەرىجىسى، دۇنيا قاراش، قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئائىلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ سالقىن ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ. نادان ئايال ئۆزىنىڭ ئائىلىدە ئاش-تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش، ئېرىنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈرۈش، بالىلىرىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىلىشى ئۆزىنىڭ ئاياللىق ئاڭغا ئىگە ئىكەنلىكى دەپ قارايدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنى ئائىلە تامىقىغا ھېچ يەرنىڭ تامىقى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۆي ياساش، كىيىنىش، تارىنىش، ئېرى سىرتتىن كىرگەندە قانداق كۈتۈش، سىرتقا چىققاندا قانداق ئۇزىتىش، بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈنمۇ بىلىم كېرەك. تاماق ئېتىش، ئوزۇقلىنىش، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش، ياسىنىش، پەرزەنت تەربىيەسى قاتارلىق ئىشلاردا بىلىم ۋە ماھارەت ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئىلىم ئاياللارنىڭ ئائىلىدە، جەمئىيەتتە بىر ئايالدا قانداق ئېلېمېنتلارنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى تېخىمۇ تونۇتىدۇ. ئىلىم ئاياللارنىڭ ئاياللىق ئېڭىنى پەيدىنپەي كۈچەيتىپ، ياخشى، ئېسىل ئايال سۈپىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئىلىم ئاياللارنىڭ تەپەككۇر بۇلىقىنى ئاچقۇچى قورالدۇر. ئاياللارنىڭ تەپەككۇرى قانچىكى قاتمال، قانچىكى يۈزەكى بولسا، ئائىلىدىكى ئەر ۋە پەرزەنتلەر، ئەتراپىدىكى دوست-بۇرادەرلەر، مەسلەكداشلار بىلەن دىلى، تىلى، ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، مەسىلە ھەل قىلىش جەھەتلەردە توسالغۇلارغا ئۇچراپ، ئۆز ئوبرازىنىڭ ئۇلار قەلبىدىكى ئورنىنى بەلگىلەشكە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. ئاياللار ئىلىم بىلەن قوراللانغاندا ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىشى چوڭقۇرلىشىپ، بىر ئايالنىڭ بۇ ھاياتلىقتا زادى قانداق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىشى، قانداق يوسۇندا ئۆتىشى توغرۇلۇق ئويلىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسى ھاياتلىق يولى خەرىتىسىنى سىزىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، جۆرىسى ۋە بالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىدە، ھەرىكىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ناتوغرا قاراش ۋە قىلمىشلارنى تېزدىن ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئىقتىدار يېتىلىدۇ. پىكرى ئۆتكۈر ئاياللارنىڭ ھەرىكىتى تامامەن توغرا بولىدۇ دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتەلمىسەكمۇ، توغرا پىكىرلىك ئىنسان توغرا يولنى تاللاپ ماڭالايدۇ، چىركىنلىك، بەتقىلىقلىقتىن خالىي بولالايدۇ.

ئىلىم ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىنى دىيانەتلىك، مېھرىبان، پەم-پاراسەتلىك، تىرىشچان ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىلىملىك ئاياللار بالىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكىنى تەييار قىلىپ، قالغان تەربىيەنى مەكتەپكە ئىتتىرىپ قويمايدۇ. ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى، نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆزىتىپ بىلەلەيدۇ. بالىلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. تەلىم-تەربىيەنىڭ نېگىزىنى بېكىتىپ، ئۈنلۈك ۋە ئۈنسىز تەربىيە ئارقىلىق بالىلاردا ياخشى خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. ئىلىمسىز ئايال بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىشنى ئۇنتۇيدۇ.

ئىلىم ئاياللارغا ئۆز بېشىغا كەلگەن دىشۋارچىلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ۋە ئۇنىڭدىن غالىب كېلىشنى ئۆگەتكۈچى ئۇستازدۇر. ئىنسان بۇ دۇنيادا خىلمۇخىل ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا، بالايىقازالارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا يۈز بېرىدۇ. ئىلىملىك ئايال ئۆزى يولۇققان قىسمەتلەرگە قارىتا نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ. ئىلىملىك ئاياللارنىڭ ئەر-ئاياللىق، قېرىندشلىق مۇناسىۋەت جەريانىدا يۈز بېرىدىغان زىددىيەتلەرنى توغرا ھەل قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى قىلسا زىيان تارتىپ، نېمىلەرنى قىلسا خۇشال بولىدىغان بىلىش ئېڭى باشقا نادان ئاياللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ئىلىمدىن ئىبارەت بۇ ئۇستاز ئۇلارنى يامانلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ياخشىلىقلارغا يېتەكلەپ تۇرىدۇ. ئىلىم ئاياللارنىڭ ھاياتلىق يولىدا نۇسرەت قازانغۇچىغا، بەخت ئىگىسىگە ئايلىنىشىغا يۈزدە يۈز كاپالەتلىك قىلىپ كېتەلمىسىمۇ، ئاللاھ خالىسا، ئىلىمسىز، نادان ئايالغا قارىغاندا ئېرىشتۈرىدىغان نېمەتلىرى كۆپ بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئاياللار ئىچىدە ئىلىملىكلەر كۆپەيسە، شۇ ئايال ياشاۋاتقان جايدا ئىلىملىك ئەرلەر ۋە پەرزەنتلەر كۆپىيىدۇ. پۈتكۈل قەۋمدە ئىلىم ئېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، مىللەتنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. تەربىيەچىنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەيلى. كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان قىزلارنى تەربىيەلەشكە، ئۇلارنى ئىلىملىك قىلىشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرايلى. قىزلىرىمىزغا بۈگۈن ئەجىر قىلساق، ئۇلار ئەتە مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ئەجىر قىلىدۇ.

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)