ئاياللار كۆيۈنۈشكە موھتاج

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
 
ئىسلام دىنىمىز ئاياللارنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشنى يولغا قويغان. شۇڭا، ئايال كىشى ھەرقانچە باي بولسىمۇ، شەخسىي پۇل-مېلىدىن ئېرى ۋە بالىلىرى، شۇنداقلا ئائىلىسىگە ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ رازىلىقىسىز ئىشلىتىۋالغان پۇل-مېلى شۇ ئەرلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر ئاياللار قىيىنچىلىقتا قالسا، ئۇلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر— شۇ ئايالنىڭ ئېرى، ئاندىن قالسا دادىسى، ئاندىن قالسا ئاكا-ئىنىسى، ئاندىن قالسا تاغىسى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدۇر. شەرىئىتىمىز يەنە توي قىلماقچى بولغان يىگىتنىڭ قىزنىڭ چىرايى، مال-مۈلكى، نەسەبى ۋە دىيانىتىدىن ئىبارەت تۆت تەرىپى ئىچىدە، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ دىيانىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆز دىيانىتى ئارقىلىقلا ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتىنى تاپالايدۇ.
ئاياللارغا ھەم ئۆزىگە زۇلۇم سالىدىغان، ئادىللىقنى شەرت قىلالمىغان ھارام يولنى تاللىغاندىن كۆرە، يەنىلا قانائەتچان، سەۋرچان بولۇپ، مۇكەممەل بىر ئائىلە قۇرۇپ ئۆتۈشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. بۇ تۆۋەندىكى ئايەتتە تېخىمۇ روشەن گەۋدىلىنىدۇ: ئى مۇئمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس ئالماق(يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ ... ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار(سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 19-ئايەت}. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: مۇئمىنلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەخلاقلىقلىرى ئىمانى ئەڭ كامىل كىشىلەردۇر، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلار ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر دېگەن(تىرمىزى، ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). يەنە ئۇ زات ئۆزىنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقىدا: ئى خالايىق! ... سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىۋالدىڭلار. ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار!(مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، دارىمىي رىۋايەت قىلغان) دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىملىرىمىزمۇ بۇ مەسىلىدە قۇرئان، ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ مەقسىتىنى، ۋەقەلىكىنى، سەۋەبىنى، ھېكمىتىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
ھالبۇكى، بىز ئاياللارنى مىللەتنىڭ ئانىسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى دەپ تەرىپلىدۇق. ئەمما، بىز ئۇلارغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلەلىدۇق؟ بىز بازارغا بىرەر نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىققىنىمىزدا قىستا-قىستاڭ ئادەم توپىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇششاق تىجارەتچىلەر، بەزىلىرى بولسا كوچىدىكى قىزىقىدىغانلىكى نەرسىلەرگە ھاڭۋېقىپ قاراپ يۈرگەن بىكار تەلەپلەر بولۇپ، كىشىلەر مېڭىۋاتقان يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا غادىيىپ تۇرۇۋالىدۇ. يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار ئارىسىدا ياشىنىپ قالغان ئاجىز مومايلار، بالا كۆتۈرۈۋالغان ئاياللار ۋە ئاپىسىغا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان كىچىك بالىلار بولسىمۇ، ئۇلارغا يول بەرمەيدۇ. ئاپتوبۇسلارغا چىقماقچى بولساق، بەزى ئەرلىرىمىز ئاياللارنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئاۋۋال چىقىۋېلىپ، ئورۇن تالىشىپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قائىدە بويىچە قىز-ئاياللىرىمىزنى سوقۇلۇپ كېتىشتىن قوغداپ، ئۇلارغا ئورۇن بېرىشى كېرەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ: يوللاردا تۇرماڭلار، تۇرساڭلار، كوچىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ تۇرۇڭلار. يەنى ھارامدىن كۆزنى يىغىش، كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، سالام بېرىش، سالام قايتۇرۇش، كىشىلەرگە ئەمرى-مەرۇپ، نەھيى-مۇنكەر قىلىش(بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان) دېگەنىدى. يەنە بەزى ئەرلىرىمىز ياپياش، يەتتە ئەزايى ساق تۇرۇپ، دىۋانىدەك كىيىنىپ، قىز-ئاياللىرىمىزغا تەلمۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ... بىرەر بەندە نەرسە تىلەشنىڭ ئىشىكىنى ئاچسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا نامراتلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) دېگەنىدى. تېخى يەنە چىرايلىق قېتىۋالغان يانچۇقچى يىگىتلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تەپ تارتماستىن يوللاردا، سودا-سارايلاردا، ئاپتوبۇسلاردا كېتىۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يانچۇق-سومكىلىرىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن قوللىرىنى سوزۇشىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇنداق دەككە-دۈككە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قارغىش-لەنىتىگە كۆمۈلۈپ ياشاشقا رازى بولۇشىدىكى، پايپاق چاغلىق نەرسە سېتىپ بولسىمۇ ھالال پۇل تېپىپ خاتىرجەم ياشاشنى نومۇس كۆرۈشىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلەر ! بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى(ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار{سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 29-ئايەت}. دېمەك، ھالال يول بىلەن پۇل تاپساق رىزقىمىز ئازلاپ قالمايدۇ، ئەكسىچە بەرىكەتلىك بولىدۇ.
بىز ئاياللارمۇ ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ ناچىرى شاللىنىپ كېتىدىغان تەبىئىي قانۇنىيەتنى ئۇنتۇماي، ئۆي ئىشىنى قىلغاندىن باشقا يەنە دىيانەتلىك، بىلىملىك، چېچەن، پاكىز بولۇشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، بازارغا چىققاندا ياكى خېنىملار يىغىلغان ھەر خىل سورۇنلارغا بەسلىشىپ ياسىنىشقا، دۇنياۋى قۇرۇق گەپ سېتىشقا ئەھمىيەت بەرمەي، ئۆيدە ئەرلىرىمىز ئۈچۈن ياسىنىپ-تارىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئەرلىرىمىز ئۆينى پەقەت قورساق تويدۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەپ، گۈزەللىكنى، كۆڭۈل خۇشلۇقىنى تالادىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالمىسۇن. ئۇلار ئۆيىگە كىرگەندە، مېزىلىك تاماق پۇرىقى ھەم روھنى كۆتۈرىدىغان چىرايلىق، تەبىئىي گۈللەر بىلەن لىق تولغان پاكىز، رەتلىك، ئازادە مۇھىتنى، ئىللىق چىراي ئايالىنى، ئوماق، پاكىز قوزىلىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلسۇن. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز پاكىزلىقنى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان دىن. شۇڭا، ئۆزىمىز ھەم ئائىلىمىزنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەيلى، ئەرلىرىمىزنىڭ ياقىلىرى، پايپاقلىرى ئاپئاق، كىيىملىرى ئەتىر-ئەنبەر پۇراپ تۇرسۇن. بالىلىرىمىز ياخشى سۆز، ياخشى ھەرىكەتلىك، ئەقىللىق چوڭ بولسۇن. مانا بۇ بىز ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى، پەزىلىتىنى، شۇنداقلا مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىدىغان ئىشلار.
ئەلۋەتتە، ھەممە ئاياللارنىڭ تەلەپكە لايىق بولۇشى ناتايىن، شۇنداقتىمۇ بىلمىگەننى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشى، ئەرلەرمۇ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئاياللىرىنىڭ بىلىم ئېلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىشى، كېسەل بولسا داۋالىتىشى كېرەككى، ئۇلارغا ئۇۋال قىلماسلىقى كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ...ئەگەر(ئۇ ئاياللار) سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر(ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ){سۈرە«نىسا»(4-سۈرە)، 34-ئايەت}. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئادەم قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن. ئاياللارغا ئېتىبار بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، تەۋسىيەمنى قوبۇل قىلىڭلار، ئۇلار ئەگرى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىنىڭ يۇقىرى تەرىپى ئەگرى كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنى تۈزلىمەكچى بولساڭ، سۇندۇرۇۋالىسەن، ئەگەر ئۇنى ئۆز پېتىچە قويساڭ، ئەگرى پېتى تۇرۇۋېرىدۇ. ئاياللارغا ئېتىبار بېرىشىڭلارنى(يەنى بەزى يەرلەردە ئۇلارغا كەڭ قول، سەۋرچان بولۇشنى) تەۋسىيە قىلىمەن، ۋەسىيىتىمنى قوبۇل قىلىپ شۇ بويىچە ئىش قىلىڭلار(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بەزى ئەرلەر ئاياللىرىنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلىسىمۇ، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببىتىنى تولۇق بەرمەيدۇ. ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈشنىلا بىلىدۇ. ئۇلار ھەلەپ يېسىلا بولىدىغان، خوجايىنىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە كۆنۈك قوي-كالا ئەمەس، بەلكى تېنىدە جېنى، تومۇرىدا قېنى، مېڭىسىدە پىكرى بار ئىنسان. شۇڭا، ئۇلارغا ماددىي نەرسىلەردىن بۆلەك، مەنىۋى خۇشاللىق ئاتا قىلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، يەنى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، بوش ۋاقىت ئاجرىتىپ خوتۇن-بالىلىرى بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشى، كۆپرەك مۇڭدىشىپ ھال-ئەھۋالىغا يېتىپ تۇرۇشى، ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا ئائىلە بويىچە سەيلە-ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. ھەدىسلىرىمىزدە پەيغەمبىرىمىزنىڭمۇ ئىش-ئىبادەتتىن پارىغ بولسىلا، ئۆيىدە ئاياللىرىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغانلىقى، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ چاقچاقلىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەنە شۇنىڭدەك ئۆز ئائىلىسىنى سۆيىدىغان، قەدىرلەيدىغان ئادەم چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تولۇق تونۇغان ئادەم، شۇنداقلا ۋەتىنى، خەلقى ۋە ئەۋلادلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيىتىنى تونۇغان ئادەمدۇر.
دېمەك، مۇكەممەل بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىشتا ئەر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتەن چوڭ بولىدۇ. ئەنە شۇ ئاياللارنى تۈزەيدىغانمۇ ئەر كىشى، بۇزىدىغانمۇ ئەر كىشى. چۈنكى، ئەر كىشى بىر ئائىلىنى قۇرغۇچى. ئۇ خۇددى ئېتىزلىققا ئۇرۇق چاچقۇچى دېھقان ياكى ئۆز چارۋا-ماللىرىنى قوغدايدىغان بىر پادىچىغا ئوخشايدۇ. قىسقىسى، ئۇ بىر ئائىلىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى پادىشاھتۇر. شۇ ئائىلىنىڭ گۈللىنىشى ياكى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى دەل پادىشاھنىڭ تەدبىرىگە باغلىق. بىر يازغۇچىنىڭ: بۈيۈك ئەقىل-پاراسەتكە ۋە ئېتىقاد، ئىمانغا ئىگە بولمىغان ئاتا مەغلۇبىيەتچىدۇر دېگىنىدەك، تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار دەل بىزنىڭ نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىكىمىزدىن، شۇنداقلا ئىمان-ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلۇقىدىن بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەردە بىزنىڭ ئىلىم ئېلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن: ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ“{سۈرە«مۇجادەلە»(58-سۈرە)، 11-ئايەت}. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەربىر(ئەر-ئايال) مۇسۇلمانغا پەرز دېگەن(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).
جەمئىيىتىمىزدە ئەلۋەتتە ياخشى ئەر، ياخشى ئائىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار مەيلى ئاددىي پۇقرالار، مەيلى تىجارەتچىلەر بولسۇن ۋە ياكى ھەرقايسى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان زىيالىي، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمىز بولسۇن، ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكىنى، ئائىلىسىنى، شۇنداقلا ھاياتىنى قەدىرلەشنى بىلىدىغان، خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆگىنىشكە، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان پەزىلەتلىك ئادەملىرىمىز، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانا، بىر تۇغقانلىرى، خوتۇن-بالىلىرىغا كۆيۈنگەندىن سىرت، يەنە قولۇم-قوشنا، يۇرت-جامائەتلەرنىمۇ رازى قىلىپ، ئۈن-تىنسىز نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتقانلاردۇر. يەنە جەمئىيىتىمىزدە ئۈلگە تىكلەپ، باشلامچىلىق رولىنى ئۆتەۋاتقان چوڭ-كىچىك كارخانىچىلىرىمىزغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى يېتىم-يېسىر، ئاجىز-كېسەل بالىلارغا سوزۇپ، ئۇلارنىڭ مىسكىن قەلبلىرىگە ئىللىقلىق ۋە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈۋاتقان تۆھپىكارلىرىمىزدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز. بىز مانا شۇنداق ئالىيجاناب كىشىلىرىمىزنىڭ ھەر جاي، ھەر ساھەدىن كۆپىيىپ چىقىپ تۇرۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ رىيادىن، مىننەتتىن، تامادىن خالىي ھالدا توغرا نىيەتتە قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق روناق تېپىشىنى چىن قەلبىمىزدىن تىلەيمىز ھەم قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز.
بىز ئۆزىمىزنى بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى دەپ قارايدىكەنمىز، ئالدى بىلەن بىزگە ئۇلارغا ئۈلگە بولغۇدەك ئىمان-ئېتىقاد، ئۇلۇغۋار غايە، ئەدەپ-قائىدىگە دائىر ئادىمىيلىك، ئەخلاق بىلىملىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇشى كېرەك. شۇندىلا، بالىلىرىمىزنى كىچىكىدىن تارتىپ ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەشكە كاپالەتلىك قىلالايمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: پاكىزلىق — ئىماننىڭ يېرىمىدۇر(مۇسلىم، دارىمىي رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىمۇ بار. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى پەقەت چاڭ-توزاندىن پاكىز بولۇشلا ئەمەس، يەنە قەلبىمىزنى پاكلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەلبىمىز پاكلانسا، ئىمانىمىز كۈچىيىپ، ھارام-مەينەت ئىشلارنى كۆڭلىمىز كۆتۈرمەيدۇ، پۈتۈن ئىش-ھەرىكىتىمىز تۈزۈلىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمەت نەزەرى بىزگە چۈشىدۇ. قىسقىسى، قەلب گۈزەللىكى بەكمۇ مۇھىم.
ئومۇمەن، شەرم-ھايالىقىڭلار بىلەن گۈزەل بولۇپ دۇنياغا تونۇلغان پەخىرلىك ئاياللىرىمىز! سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار­­— ئۆزۈڭلارنى ھەم ئەقىدەڭلەرنى ياخشىلىغان، سىلەرنى قەدىرلەپ، مەڭگۈلۈك ھەمراھلىققا تاللىغان ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلغان، ئۇلارغا سەمىمىي-سادىق بولۇپ، ئازغا قانائەت قىلىپ، كۆپكە شۈكۈر قىلغان، ئۇلارنى قىلىپ بېرەلمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىغان، ئۇلارنىڭ غېمىگە غەمداش، قولىغا قولداش، توغرا يولدا يولداش بولغانلاردۇر!
ئاپئاق سۈتۈڭلار بىلەن دۇنيانى سۇغارغان، چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن دۇنيانى ئىللىتقان مېھرى ئاتەش ئانىلار! سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار— ئۈستۈڭلاردىكى ئامانەت بولغان پەرزەنتىڭلەرنى تەربىيەلەشتەك مۇھىم بۇرچنى ياخشى ئادا قىلغانلاردۇر!
ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار— سىلەرگە ئامانەت قويۇلغان، قوغدىشىڭلارغا موھتاج بولغان، سىلەرنىڭ ھايات-ماماتتا، قايغۇ-ھەسرەتتە، شاد-خۇراملىقتا، جاپا-مۇشەققەتتە، ھۇزۇر-ھالاۋەتتە، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىرگە ياشايدىغان مەڭگۈلۈك جۈپتىڭلار، ۋارىسىڭلار بولغان بالىلىرىڭلارنى تەربىيەلەپ قاتارغا قاتقۇچى جان كۆيەر ھەمراھىڭلار بولغان ئايالىڭلارغا كۆيۈنگەنلىرىڭلاردۇر. ئاياللار سىلەرنىڭ ھەقىقىي ھىمايەڭلەرگە، ھەقىقىي كۆيۈنۈشىڭلارغا موھتاج!
ئاخىردا، جانابىي ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ: دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر نېمەت، دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھ ئايال(نەسەئىي رىۋايەت قىلغان) دېگەن سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئاياللاردىن بولۇشىمىزنى تىلەيمەن.
(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)