مۆھتەرەم ھاجى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئادەمنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان، باشقا كۈن چۈشكەن چاغلاردا ھەمدەمدە بولغان، ئېغىرچىلىق-خۇشاللىق كۈنلەردە بىرگە بولغان كىشىلەردىن سۆيۈنىدۇ، قەلبى دائىم ئاشۇنداق كىشىلەرگە ئىنتىلىدۇ، كۆڭلى ئاشۇنداق كىشىلەر بىلەن خىيال سۈرگىنىدە ئارام تاپىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا بىز ئۈچۈن ئاشۇنداق سۆيۈنۈشكە، ئاشۇنداق ئىنتىلىشكە، ئاشۇنداق ئەسلەپ تۇرۇشقا ئەڭ لايىق كىشىلەر كىم؟
بىزنى يوقلۇقتىن بار قىلغان، دۇنياۋى تۇرمۇشىمىزدىكى توغرا -خاتا يوللارنى بېكىتىپ، ئېنىق ئايرىپ بەرگەن ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالادىن قالسىلا، بىزلەرگە ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن، دەردىمىزنى تارتقان، ياخشىلىقلار ئاتا قىلغان كىشىلەر بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز بولۇپ، دۇنيادا بىزلەر ئۈچۈن ئۇلاردەك جاپا چەككەن، غېمىمىزنى يېگەن كىشىلەر يوق. شۇڭا ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنى ئالاھىدە زىكرى قىلىپ، بۇ ھەقنى ئۆزىنىڭ ھەققى بىلەن يانداشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەققىدىن قالسىلا ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى كۆرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:
”سىلەر ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا...ياخشىلىق قىلىڭلار! “(سۈرە نىسا، 36-ئايەت)
دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرنى ياراتقان، نازۇنېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، ياخشى-يامان يوللارنى ئوچۇق ئايرىپ، ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بەرگىنىدەك نۇرغۇنلىغان نېمەتلىرى بار. ئاتا-ئانىلارنىڭ بىزلەرنى تۇغۇپ، تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان كۆپلىگەن ئەجىرلىرى بار. شۇڭا بۇ ھەقلەرنى تەلتۆكۈس، ئۆز جايىدا ئادا قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان بالىسىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى. ئىبنى ئەبباس مۇنداق دېگەن:
«قۇرئان كەرىم»دە ئۈچ ئايەت بولۇپ، ئاشۇ ئۈچ ئايەتكە ياندىشىپ كەلگەن يەنە ئۈچ ئايەت بار. ھەربىر ئايەت ئۆزى بىلەن ياندىشىپ كەلگەن يەنە بىر ئايەت بىلەن تەڭ ئەمەلىيلەشمىسە ھەر ئىككىسىلا مەقبۇل بولمايدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچىسى:
”ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار“ (سۈرە مائىدە، 92-ئايەت).
ھەرقانداق بىر كىشى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىپ، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىتائەتى مەقبۇل ئەمەس. ئىككىنچىسى:
”سىلەر ناماز ئوقۇڭلار ۋە زاكات بېرىڭلار! “(سۈرە بەقەرە، 43-ئايەت).
ھەرقانداق بىر ئادەم ناماز ئوقۇپ زاكات بەرمىسە ئوقۇغان نامىزى مەقبۇل بولمايدۇ. ئۈچىنچىسى:
”سەن ماڭا ۋە سېنىڭ ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل! “(سۈرە لوقمان، 14-ئايەت).
ھەرقانداق بىر كىشى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىغا شۈكۈر قىلمىسا، ئۇنىڭ قىلغان شۈكۈرىسى مەقبۇل بولمايدۇ.
بۇ يەردىكى شۈكۈر ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانا غەزەپلەنسە، ئاللاھ غەزەپلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان كىشى ھەرگىز ياخشى كۈنگە قالمايدۇ.
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئۇلۇغ ئىش، ئاتا-ئانىلار بىزنى تەربىيىلەپ مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈش يولىدا نۇرغۇنلىغان رىيازەتلەرنى چەككەن. بىز بىر كىچىك بالىنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ئومۇمىي ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، بىز شۇ ھامان ئاللاھ تائالانىڭ: ”ئەي پەرۋەردىگارىم!سەن ئۇلار(ئاتا-ئانام) ئىككىسىگە مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك رەھمەت قىلغىن“ دېگەن ئايىتىنى ئوقۇيمىز.
ئويلاپ بېقىڭ! سىزنىڭ ئانىڭىز كۈنسېرى ئاجىزلاپ تۇرىدىغان توققۇز ئاي ئىچىدە سىزنى قورسىقىدا كۆتەردى، يەنە شۇ ئاجىزلىق ھالىتىدا سىزنى تۇغدى، سىزنىڭ قورساق ئىچىدىكى كۈنسايىن چوڭىيىشىڭىز، ئېغىرلىشىڭىز ئانىڭىزغا كۈنسايىن ئېغىرلىق-ئاجىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەتتا سىزنى تۇغۇش ئالدىدا باشقا بىر دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك، دۇنيانىڭ ھەممىسىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەتكەندەك، خۇددى ئۆلۈمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك بولدى. لېكىن سىز تۇغۇلغاندىن كېيىن سىزنىڭ مېھرى ئىسسىق ئانىڭىز كۆزىنى ئېچىپ يېنىدا سىزنىڭ ياتقانلىقىڭىزنى كۆرگەن ھامان، بارلىق دەرد-ئەلەملەرنى، ئاغرىقلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ، بارلىق ئۈمىد يوللىرىنى سىزگە باغلايدۇ، سىزدە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقلىرىنى، بەخت-سائادەتلىرىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېچە-كۈندۈزلەپ سىز ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، سىزگە خىزمەت قىلىدۇ، سىزنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقىڭىز ئۇنىڭ ئاق سۈتى بولىدۇ، سىزنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىڭىز ئۇنىڭ ئىسسىق باغرى بولىدۇ، سىزنىڭ ئولتۇرىدىغان، مىنىدىغان نەرسىڭىز ئۇنىڭ ئىككى قولى-دۈمبىسى بولىدۇ، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇ سىزنى تويغۇزۇش بەدىلىگە ئۆزى ئاچ قالىدۇ، سىزنى ئارام ئالدۇرۇش، ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئۆزى تۈنەيدۇ. ئانا سىزنىڭ دۇچ كەلگەن، تاسادىپىيلىق، قورقۇنچ ھېس قىلغان ئىشلىرىڭىزدا ئۆزىڭىزنى قوينىغا تاشلاپ يىغلايدىغان، دەرد ئېيتىدىغان، دەردىڭىزگە يېتىدىغان، بېشىڭىزنى سىلايدىغان شەپقەتچىڭىز. چۈنكى سىز ئاشۇنداق چاغلاردا ئانىڭىزنىڭ قۇچىقىنى ئۆزىڭىزنىڭ پاناھ جايىدەك، ئۇنىڭ ئىسسىق باغرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى بىلەن تولغان كەڭ بىر دۇنيادەك ھېسسىياتلاردا بولىسىز. ھەمدە ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا تاشلىغان ھامان بارلىق قورقۇنچلاردىن خالىي بولىمەن دەپ قارايسىز.
سىزنىڭ ئاتىڭىزچۇ؟ ئۇ كېچە-كۈندۈزلەپ سىزنى ئويلايدۇ، سىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ، يول يۈرىدۇ، سەپەرگە چىقىدۇ، تاغ-داۋانلارنى كېسىدۇ، سىزنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان دەرد-ئەلەم، جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىدۇ، كۆپلىگەن خەتەرلەرگە يولۇقىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق سەرگۈزەشتىلەرنى، تۇرمۇش جەريانلىرى، خىلمۇخىل كەچۈرمىشلەرنى ئۆتكۈزۈپ سىزنى تەربىيىلەيدۇ، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ، سىز ئاتىڭىزنىڭ ئالدىغا كىرسىڭىز سىزدىن خۇشاللىنىدۇ، كۆڭلى ئېچىلىدۇ، ھەم سىزدىن پەخىرلىنىدۇ، ئۇ سىزگە نۇرغۇنلىغان ئۈمىد نەزەرلىرى بىلەن قارايدۇ. ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىڭىزنى ئاللاھ تائالادىن تىلەيدۇ. ئاتىڭىز سىرتقا چىقىش ئۈچۈن سىزدىن ئايرىلىشقا تەمشەلسە، سىز ئۇنى قۇچاقلىۋالىسىز، ئۇنىڭ پېشىگە ئېسىلىۋالىسىز، ئۇ خۇددى ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدىغاندەك بار ئاۋازىڭىز بىلەن ياش تۆكۈپ يىغلايسىز. ئاتىڭىز قايتىپ كەلگەندە خۇشاللىقىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ باغرىغا تاشلايسىز، يايراپ كېتىسىز. ئەنە ئاشۇ ئىككى كىشى سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز بولىدۇ. ئەنە ئاشۇ ۋاقىتلار سىزنىڭ كىچىك گۆدەك، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىز. ئۇنداقتا سىز ئاتا-ئانىڭىزغا قانداق قىلماقچى؟
ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىرىپ: ئۇنىڭغا، مەن ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن سىلىگە جىھاد قىلىش ۋە ھىجرەت قىلىش يولىدا ۋەدە بىلەن قەسەم قىلاي دەيمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭدىن سوراپ): سېنىڭ ئاتا-ئاناڭدىن بىرەرسى تىرىكمۇ؟ دېدى، ئۇ (جاۋاب قايتۇرۇپ): شۇنداق، بەلكى ئىككىسىلا ھايات بار دېدى. رەسۇلۇللاھ(يەنە قايتىلاپ): سەن(بۇ ئارقىلىق)ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋاب ئىزدىمەكچىمۇ؟ دېدى. ئۇ (جاۋاب بېرىپ): شۇنداق دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنداقتا سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇلار ئىككىسىگە ياخشى ھەمراھ بول دېدى“ .
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر كىشى جىھاد توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ كىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ بارمۇ؟ دېدى. ئۇ : شۇنداق، بار دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇلار ئىككىسىگە ھەمراھ بول، چۈنكى جەننەت ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئايىغى ئاستىدا دېدى.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەققى بەك كۆپ، ئۇلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرى تۆلەپ بولغۇسىز. شۇنداقتىمۇ سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى بەزى مەجبۇرىيەتلەرنى ئىقتىدارىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، سىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەش-ياخشى كۆرۈش، ئۇلار ئالدىدا ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش، تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ بېرىش، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشىڭىز كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىش يولىدا ھېچقانداق نەرسىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”سەن ۋە سېنىڭ مال-دۇنيايىڭ ئاتاڭغا تەۋە“.
بۇ ھەدىس بالا ۋە بالىنىڭ قولىدىكى بارلىق نەرسە-كېرەك، پۇل-دۇنيا ئاتىغا تەۋە، ئاتا ئۇ نەرسىلەرنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ. سىز ئاتا-ئانىڭىز بىلەن سۆزلەشكەندە يىرىك، قوپال سۆزلەرنى قوللانماڭ، ھەرگىز يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىپ، ئۇلارنى بىئارام قىلماڭ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:
”ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن(يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن“ (سۈرە بەنى ئىسرائىل، 23-ئايەت)
بۇ ئايەتتىن پەرزەنتنىڭ ئۇلارغا ئېغىر كېلىدىغان، كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان، ئازار بېرىدىغان، مەيۈسلەندۈرىدىغان بارلىق گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەكلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىغا خۇش چىراي بېقىش، تەبەسسۇم چىراي بىلەن قاراش، كۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سىزنىڭ بۇرچىڭىز، چۈنكى ئۇلار سىزنى تۇغۇپ تەربىيىلەپ، ئۆستۈرۈپ قاتارغا قوشۇش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى، مال-دۇنياسىنى سىز ئۈچۈن سەرپ قىلىپ بولۇپ، ھازىر ياشىنىپ، ئاجىزلىشىش، بوشۇشۇش تەرىپىگە ئۆتتى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن:
”ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن“(سۈرە بەنى ئىسرائىل، 23-ئايەت)
بۇ ئايەتنىڭ ئەرەبچىسىدىكى ”عندك“(ئىندەكە)دېگەن سۆزدىن ئاتا-ئانىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى، بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدا سىزنىڭ ھىمايىڭىزگە چۈشىدىغانلىقى، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسا، ھازىر سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش نۆۋىتىڭىز كەلگەنلىكىنى چۈشىنىۋالىسىز.
قېرىنداشلار! كىمكى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلسا، كەلگۈسىدە بالا-چاقىسىمۇ ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىدۇ، كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ئاغرىتسا، ئۇنىڭ بالا-چاقىسىمۇ ئۇنى ئاغرىتىدۇ. سىز نېمە قىلسىڭىز، شۇنى كۆرىسىز، شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ تەۋسىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشىمىز لازىم:
”پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا- ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن“(سۈرە بەنى ئىسرائىل، 23-24-ئايەتلەر).
(ھىدايەت گۈلزارى» 2-توم